زەبۇر
1
بىرىنچى بۆلۈم •••• 1-كۈي •••• ئىتائەتمەن ئادەمنىڭ بەختى
1 رەزىللەرنىڭ گېپى بويىچە ماڭمايدىغان،
گۇناھكارلارنىڭ يولىدا تۇرمايدىغان،
مەسخىرە قىلغۇچىنىڭ ئورنىدا ئولتۇرمايدىغان ئادەم بەخت تاپۇر!■ زەب. 26:4-5؛ پەند. 1:10، 15؛ 4:14، 15؛ 1كور. 15:33؛ ئەف. 5:11
2 ئۇنىڭ خۇرسەنلىكى پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات-قانۇنىدىلىدۇر؛
ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىنى كېچە-كۈندۈز سېغىنىپ ئويلايدۇ.■ قان. 6:6-9؛ 17:19؛ يە. 1:8؛ زەب. 112:1؛ 119:1
3 ئۇ خۇددى ئېرىق بويىغا تىكىلگەن،
ئۆز پەسلىدە مېۋىسىنى بېرىدىغان،
يوپۇرماقلىرى سولاشمايدىغان دەرەختەكتۇر؛
ئۇ نېمىلا قىلسا روناق تاپىدۇ.□ «ئۇ نېمىلا قىلسا روناق تاپىدۇ» ــ بۇ يەردىكى «ئۇ»، خۇدانىڭ يولىدا ماڭىدىغان ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. ■ يەر. 17:8
4 رەزىل ئادەملەر بولسا ئۇنداق بولماس؛
ئۇلار خۇددى شامال ئۇچۇرىۋەتكەن توزاندەكتۇر.■ ئايۇپ 21:18؛ زەب. 35:5؛ يەش. 17:13؛ 29:5؛ ھوش. 13:3
5 شۇنىڭ ئۈچۈن رەزىللەر سوراق كۈنىدە تىك تۇرالمايدۇ،
گۇناھكارلار ھەققانىيلارنىڭ جامائىتىدە ھېچ بېشىنى كۆتۈرۈپ تۇرالمايدۇ.
6 چۈنكى پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنىڭ يولىنى كۆڭلىگە پۈككەن؛
رەزىللەرنىڭ يولى بولسا يوقىلىدۇ.
■1:1 زەب. 26:4-5؛ پەند. 1:10، 15؛ 4:14، 15؛ 1كور. 15:33؛ ئەف. 5:11
■1:2 قان. 6:6-9؛ 17:19؛ يە. 1:8؛ زەب. 112:1؛ 119:1
□1:3 «ئۇ نېمىلا قىلسا روناق تاپىدۇ» ــ بۇ يەردىكى «ئۇ»، خۇدانىڭ يولىدا ماڭىدىغان ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ.
■1:3 يەر. 17:8
■1:4 ئايۇپ 21:18؛ زەب. 35:5؛ يەش. 17:13؛ 29:5؛ ھوش. 13:3