□4:1 «نەغمىچىلەرنىڭ بېشى» ــ ياكى «باش سازچى». داۋۇت ئىبادەتخانىدا ئۆزىنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ كۈيلىرىنى ئوقۇش ئۈچۈن مەخسۇس خورچىلار ھەم سازچىلارنى ئورۇنلاشتۇرغان. مۇشۇ يەردىكى «باش سازچى» شۈبھىسىزكى شۇلارنى باشقۇرىدىغان ئادەمنى كۆرسىتىدۇ. داۋۇت باش سازچىنىڭ مۇشۇ كۈينى ئۆز مۇزىكىسى بىلەن ئىبادەتخانىدا ئوقۇشىنى ئورۇنلاشتۇرعان بولسا كېرەك. «ئى ماڭا ھەققانىيلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدا!» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئى ھەققانىيلىقىمنىڭ خۇداسى!». باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئى مەن ئۈچۈن ئادالەتنى سورىغۇچى خۇدا!»
□4:2 «قاچانغىچە بىھۇدىلىكنى سۆيۈپ، يالغاننى ئىزدەپ يۈرىسىلەر؟» ــ بۇ ئايەت بەلكىم «يالغان ئىلاھ»لار، يەنى بۇتلار توغرۇلۇق ئېيتىلغان. سۆزلىگۈچىنىڭ «مېنىڭ شان-شەرىپىم» دېگىنى بولسا، خۇدادۇر. مۇشۇ ئادەملەر ئۇنى سۆيۈپ، ئۇنى ئىزدەشنىڭ ئورنىدا بۇتلارنى ئىزدەيدۇ.
■4:4 ئەف. 4:26
■4:5 قان. 33:19؛ زەب. 51:16-19
■4:8 لاۋ. 26:5؛ قان. 12:10؛ 33:28؛ زەب. 3:6