■14:1 زەب. 10:4؛ 53:1-3؛ رىم. 3:10
□14:6 «بىراق پەرۋەردىگار ئۇنىڭ باشپاناھىدۇر!» ــ ياكى «چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ باشپاناھىدۇر!». بىزنىڭچە «بىراق» توغرا كېلىدۇ ــ دېمەك، خۇدا ئۆز خەلقىنىڭ بوزەك قىلىنغىنىغا قاراپ، ئۇلارنى قوغلاشقا ھەرىكەت قىلىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «گەرچە پەرۋەردىگار ئۇنىڭ باشپاناھى بولسا!»
□14:7 «ئىسرائىل خۇشاللىنىدۇ!» ــ «ئىسرائىل» توغرۇلۇق ــ ئوقۇرمەنلەر تەۋراتتىكى «يارىتىلىش» دېگەن قىسىمنى ئوقۇغان بولسا، ئېسىدە بولىدۇكى، خۇدا ھەزرىتى ياقۇپنىڭ ئىسمىنى «ئىسرائىل»غا ئۆزگەرتكەن. يەھۇدىي خەلقى (ئىسرائىللار) ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىبارەت. شۇڭا تەۋراتتىكى باشقا يەرلەردە ياكى زەبۇردا «ياقۇپ» ياكى «ئىسرائىل» ئادەتتە يەھۇدىيلار، يەنى ئىسرائىل خەلقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر تېكىست ھەزرىتى ياقۇپ (ئىسرائىل)نىڭ ئۆزىنى كۆرسەتكەن بولسا، ئىزاھات بېرىمىز.