□21:6 «سەن ئۇنىڭ ئۆزىنى مەڭگۈلۈك بەرىكەتلەر قىلدىڭ» ــ بۇ سۆز بەلكىم داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولغان، كەلگۈسىدىكى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ خۇدانىڭ ئىبراھىمغا بەرگەن ئەڭ ئۇلۇغ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇ ۋەدە: «سەن ئۆزۈڭ باشقىلارغا بەخت-بەرىكەت بولىسەن ... سەن ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى بارلىق ئائىلە ۋە قەبىلىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىنىدۇ» دېيىلىدۇ («يار.» 1:12-3دە خاتىرىلەنگەن). باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سەن ئۇنىڭغا مەڭگۈلۈك بەرىكەتلەرنى بېكىتتىڭ».
□21:8 «سېنىڭ قولۇڭ بارلىق دۈشمەنلىرىڭنى تېپىپ، ... ئوڭ قولۇڭ ساڭا ئۆچمەنلىك قىلغانلارنى تېپىپ ئاشكارە قىلىدۇ...» ــ 8-ئايەتتىن باشلاپ، بېشارەتلىك سۆزلەر بىۋاسىتە پادىشاھقا ئېيتىلغان بولسا كېرەك. روشەنكى، بۇ ئايەتلەر پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولغان، كەلگۈسىدىكى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنى كۆرسىتىدۇ.