48
48-كۈي •••• زىئون ــ خۇدانىڭ شەھىرى
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ
ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگار،
خۇدايىمىزنىڭ شەھىرىدە، ئۇنىڭ مۇقەددەسلىكى تۇرغان تاغدا،
ئۇ زور مەدھىيەلەرگە لايىقتۇر!
2 ئېگىزلىكىدىن كۆركەم، زىئون تېغى،
پۈتكۈل جاھاننىڭ خۇرسەنلىكىدۇر؛
شىمالىي تەرەپلىرى گۈزەلدۇر،
بۈيۈك پادىشاھنىڭ شەھىرىدۇر!□ «شىمالىي تەرەپلىرى گۈزەلدۇر» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى «زافون تېغى چوققىلىرىدەك گۈزەلدۇر». كونا بۇتپەرەسلىك رىۋايەتلىرى بويىچە، «زافون تېغى» دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز، ئەڭ مۇقەددەس، ئەڭ ئۇلۇغ جاي ئىدى. مۇمكىنچىلىكى باركى، كۈي مۇئەللىپى مۇشۇ يەردە زىئوننى ئۇنىڭغا ئوخشىتىدۇ. ■ مات. 5:35
3 خۇدا قورغانلىرىدا تۇرىدۇ،
بۇ يەردە ئۇ ئېگىز پاناھگاھ دەپ تونۇلىدۇ؛
4 مانا، پادىشاھلار يىغىلدى،
ئۇلار شەھەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، جەم بولدى.
5 شەھەرنى كۆرۈپلا ئۇلار ئالاقزادە بولدى؛
دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ بەدەر قېچىشتى.
6 ئۇ يەردە ئۇلارنى تىترەك باستى،
تولغاق يېگەن ئايالدەك ئۇلار ئازابلاندى؛
7 سەن تارشىشتىكى كېمىلەرنى شەرق شامىلى بىلەن ۋەيران قىلىۋەتتىڭ.□ «تارشىشتىكى كېمىلەر» ــ بۇ ئايەت بەلكىم بىر بېشارەتتۇر. دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلار جەم بولۇپ يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلماقچى. ئۇلارغا تارشىشتىكى كېمىلەرمۇ (كونا زامانلاردا ئەڭ كۈچلۈك كېمىلەر) ياردەم بېرىدۇ. بىراق خۇدا ئۆز شەھىرىنى قوغداپ ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ.
8 قۇلىقىمىز ئاڭلىغاننى،
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرىدە،
خۇدايىمىزنىڭ شەھىرىدە،
بىز ھازىر ئۆز كۆزىمىز بىلەن شۇنداق كۆردۇق؛
خۇدا مەڭگۈگە ئۇنى مۇستەھكەم قىلىدۇ.
سېلاھ.
9 بىز سېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭ ئىچىدە تۇرۇپ، ئى خۇدا،
ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى سېغىندۇق.
10 نامىڭغا لايىقتۇر،
جاھاننىڭ چەت-چەتلىرىگىچە يەتكۈزۈلگەن مەدھىيىلىرىڭ، ئى خۇدا؛
سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ ھەققانىيلىق بىلەن تولغان.
11 سېنىڭ ئادىل ھۆكۈملىرىڭدىن،
زىئون تېغى شادلانغاي!
يەھۇدا قىزلىرى خۇشال بولغاي!□ «يەھۇدا قىزلىرى خۇشال بولغاي!» ــ «يەھۇدا قىزلىرى» بۇ يەردە يەھۇدانىڭ شەھەر-يېزىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
12 زىئون تېغىنى ئايلىنىپ مېڭىپ،
ئەتراپىدا سەيلى قىلىڭلار؛
ئۇنىڭ مۇنارلىرىنى ساناپ بېقىڭلار؛
13 كېيىنكى ئەۋلادقا ئۇنى بايان قىلىش ئۈچۈن،
سېپىل-ئىستىھكاملىرىنى كۆڭۈل قويۇپ كۆزىتىڭلار،
قورغانلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈڭلار.
14 چۈنكى بۇ خۇدا ئەبەدىلئەبەد بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر؛
ئۇ ئۆمۈرۋايەت بىزنىڭ يېتەكچىمىز بولىدۇ!
□48:2 «شىمالىي تەرەپلىرى گۈزەلدۇر» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى «زافون تېغى چوققىلىرىدەك گۈزەلدۇر». كونا بۇتپەرەسلىك رىۋايەتلىرى بويىچە، «زافون تېغى» دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز، ئەڭ مۇقەددەس، ئەڭ ئۇلۇغ جاي ئىدى. مۇمكىنچىلىكى باركى، كۈي مۇئەللىپى مۇشۇ يەردە زىئوننى ئۇنىڭغا ئوخشىتىدۇ.
■48:2 مات. 5:35
□48:7 «تارشىشتىكى كېمىلەر» ــ بۇ ئايەت بەلكىم بىر بېشارەتتۇر. دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلار جەم بولۇپ يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلماقچى. ئۇلارغا تارشىشتىكى كېمىلەرمۇ (كونا زامانلاردا ئەڭ كۈچلۈك كېمىلەر) ياردەم بېرىدۇ. بىراق خۇدا ئۆز شەھىرىنى قوغداپ ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ.
□48:11 «يەھۇدا قىزلىرى خۇشال بولغاي!» ــ «يەھۇدا قىزلىرى» بۇ يەردە يەھۇدانىڭ شەھەر-يېزىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.