53
53-كۈي •••• قاراڭغۇ دۇنيا
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، ماخالات ئاھاڭىدا داۋۇت يازغان «ماسقىل»:
 
ئەخمەق كىشى كۆڭلىدە: «ھېچبىر خۇدا يوق» ــ دەيدۇ.
ئۇلار چىرىكلىشىپ،
نەپرەتلىك قەبىھ ئىشلارنى قىلىشتى؛
ئۇلارنىڭ ئىچىدە مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوقتۇر. «ماخالات ئاھاڭىدا داۋۇت يازغان «ماسقىل»» ــ «ماخالات»نىڭ مەنىسى بىزگە نامەلۇم.   زەب. 10‏:4؛ 14‏:1؛ رىم. 3‏:12
خۇدا ئەرشتە تۇرۇپ، ئىنسان بالىلىرىنى كۆزىتىپ:
«بۇ ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا، ئىنساپنى چۈشىنىدىغان بىرەرسى بارمىدۇ؟
خۇدانى ئىزدەيدىغانلار بارمىدۇ؟ رىم. 3‏:11
ھەممە ئادەم يولدىن چىقتى،
ھەممە ئادەم چىرىكلىشىپ كەتتى،
مېھرىبانلىق قىلغۇچى يوقتۇر، ھەتتا بىرىمۇ.
ناننى يېگەندەك مېنىڭ خەلقىمنى يۇتۇۋالغان،
قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ بىلىمى يوقمىدۇ؟» ــ دەيدۇ.
ئۇلار پەرۋەردىگارغا ھېچبىر ئىلتىجا قىلمايدۇ.
قورققۇدەك ھېچ ئىش بولمىسىمۇ،
مانا ئۇلارنى غايەت زور قورقۇنچ باستى؛
چۈنكى خۇدا سېنى قورشاۋغا ئالغانلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى پارچىلاپ چېچىۋەتتى؛
سەن ئۇلارنى خىجىللىققا قويدۇڭ؛
چۈنكى خۇدا ئۇلارنى نەزىرىدىن ساقىت قىلدى.
ئاھ، ئىسرائىلنىڭ نىجاتلىقى زىئوندىن چىقىپ كەلگەن بولسا ئىدى!
خۇدا ئۆز خەلقىنى ئاسارىتىدىن چىقىرىپ، ئازادلىققا ئېرىشتۈرگەن چاغدا،
ياقۇپ شادلىنىدۇ،
ئىسرائىل خۇشال بولىدۇ!
 
 

53:1 «ماخالات ئاھاڭىدا داۋۇت يازغان «ماسقىل»» ــ «ماخالات»نىڭ مەنىسى بىزگە نامەلۇم.

53:1 زەب. 10‏:4؛ 14‏:1؛ رىم. 3‏:12

53:2 رىم. 3‏:11