62
62-كۈي •••• خۇدانى تەلمۈرۈپ كۈتۈش
نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يەدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان، داۋۇت يازغان كۈي: ــ
 
جېنىم خۇداغىلا قاراپ سۈكۈتتە كۈتىدۇ؛
مېنىڭ نىجاتلىقىم ئۇنىڭدىندۇر. «نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يەدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان، داۋۇت يازغان كۈي» ــ «يەدۇتۇن»: داۋۇت پەيغەمبەر «مەدھىيە خورى»نىڭ يېتەكچىسى دەپ بېكىتكەن، يەدۇتۇن ئىسىملىك بىر كىشىنى كۆرسىتىدۇ («1تار.» 41:16نى كۆرۈڭ).
يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «يەدۇتۇن» (مەدھىيىلەش دېگەن مەنىدە) ئاھاڭىدا ئوقۇلسۇن دەپ داۋۇت يازغان كۈي: ــ....».
پەقەت ئۇلا مېنىڭ قورام تېشىم ۋە مېنىڭ نىجاتلىقىم،
مېنىڭ يۇقىرى قورغىنىمدۇر؛
مەن ئۇنچىلىك تەۋرىنىپ كەتمەيمەن. «مەن ئۇنچىلىك تەۋرىنىپ كەتمەيمەن» ــ ياكى باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «زور ئېغىرچىلىقتىمۇ تەۋرەنمەيمەن».
سىلەر قاچانغىچە شۇ ئاجىز بىر ئىنسانغا ھۇجۇم قىلىسىلەر؟
ھەممىڭلار قىڭغىيىپ قالغان تامنى،
ئىرغاڭلاپ قالغان قاشانى غۇلاتقاندەك، ئۇنى غۇلاتماقچىسىلەر؟
ئۇنى شۆھرەت-ھەيۋىتىدىن چۈشۈرۈۋېتىشتىن باشقا، ئۇلارنىڭ ھېچ مەسلىھەتى يوقتۇر؛
يالغانچىلىقلاردىن خۇرسەن ئۇلار؛
ئاغزىدا بەخت تىلىگىنى بىلەن،
ئۇلار ئىچىدە لەنەت ئوقۇيدۇ.
سېلاھ.
ئى جېنىم، خۇداغىلا قاراپ سۈكۈتتە كۈتكىن؛
چۈنكى مېنىڭ ئۈمىدىم ئۇنىڭدىندۇر.
پەقەت ئۇ مېنىڭ قورام تېشىم ھەم مېنىڭ نىجاتلىقىم،
مېنىڭ يۇقىرى قورغىنىمدۇر؛
مەن تەۋرىنىپ كەتمەيمەن.
نىجاتلىقىم ھەم شان-شۆھرىتىم خۇداغا باغلىقتۇر؛
مېنىڭ كۈچۈم بولغان قورام تاش، مېنىڭ پاناھگاھىم خۇدادىدۇر.
ئى خالايىق، ئۇنىڭغا ھەردائىم تايىنىڭلار!
ئۇنىڭ ئالدىدا ئىچ-باغرىڭلارنى تۆكۈڭلار؛
خۇدا بىزنىڭ پاناھگاھىمىزدۇر!
سېلاھ.
ئاددىي بەندىلەر پەقەت بىر تىنىق،
ئېسىلزادىلەرمۇ بىر ئالدام سۆز خالاس؛
تارازىغا سېلىنسا ئۇلارنىڭ قىلچە سالمىقى يوق،
بىر تىنىقتىنمۇ يېنىكتۇر.
10 زومىگەرلىككە تايانماڭلار؛
بۇلاڭچىلىقتىن خام خىيال قىلماڭلار،
بايلىقلار ئاۋۇسىمۇ، بۇلارغا كۆڭلۈڭلارنى قويماڭلار؛
11 خۇدا بىر قېتىم ئېيتقانكى،
مۇنداق دېگىنىنى ئىككى قېتىم ئاڭلىدىمكى: ــ
«كۈچ-قۇدرەت خۇداغا مەنسۇپتۇر».
12 ھەم ئى رەب، ساڭا ئۆزگەرمەس مۇھەببەتمۇ مەنسۇپتۇر؛
چۈنكى سەن ھەربىر كىشىگە ئۆز ئەمىلىگە يارىشا قايتۇرىسەن. ئايۇپ 34‏:11؛ پەند. 24‏:12؛ يەر. 32‏:19؛ ئ‍ەز. 7‏:27؛ 33‏:20؛ مات. 16‏:27؛ رىم. 2‏:6؛ 2كور. 5‏:10؛ ئ‍ەف. 6‏:8؛ كول. 3‏:25؛ 1پېت. 1‏:17؛ ۋەھ. 22‏:12
 
 

62:1 «نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يەدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان، داۋۇت يازغان كۈي» ــ «يەدۇتۇن»: داۋۇت پەيغەمبەر «مەدھىيە خورى»نىڭ يېتەكچىسى دەپ بېكىتكەن، يەدۇتۇن ئىسىملىك بىر كىشىنى كۆرسىتىدۇ («1تار.» 41:16نى كۆرۈڭ). يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «يەدۇتۇن» (مەدھىيىلەش دېگەن مەنىدە) ئاھاڭىدا ئوقۇلسۇن دەپ داۋۇت يازغان كۈي: ــ....».

62:2 «مەن ئۇنچىلىك تەۋرىنىپ كەتمەيمەن» ــ ياكى باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «زور ئېغىرچىلىقتىمۇ تەۋرەنمەيمەن».

62:12 ئايۇپ 34‏:11؛ پەند. 24‏:12؛ يەر. 32‏:19؛ ئ‍ەز. 7‏:27؛ 33‏:20؛ مات. 16‏:27؛ رىم. 2‏:6؛ 2كور. 5‏:10؛ ئ‍ەف. 6‏:8؛ كول. 3‏:25؛ 1پېت. 1‏:17؛ ۋەھ. 22‏:12