□85:4 «ئەمدى بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن، ئى نىجاتلىقىمىز بولغان خۇدا! بىزگە بولغان ئاچچىقىڭغا ھاي بەرگەيسەن!» ــ خۇدانىڭ ئىسرائىلغا رەھىمدىللىق كۆرسىتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ (3-ئايەتنى كۆرۈڭ)، مۇشۇ كۈينىڭ مۇئەللىپى خۇدادىن ئىسرائىلنى ئۈزۈل-كېسىل توۋا قىلدۇرغايسەن، ئۇلارنى ئۆز يېنىڭغا، شۇنداقلا ئۆز يۇرتىغا قايتۇرغايسەن، دەپ دۇئا قىلىشنى باشلايدۇ.
■85:6 زەب. 71:20؛ 80:18؛ 138:7
□85:10 «ئۆزگەرمەس مۇھەببەت ۋە ھەقىقەت ئۆزئارا كۆرۈشتى؛ ھەققانىيەت ۋە ئامان-خاتىرجەملىك بىر-بىرىنى سۆيۈشتى» ــ بۇ سىرلىق سۆزلەر شۈبھىسىزكى، مەسىھنىڭ ئۆزىنى قۇربانلىق قىلغىنىدا، ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
■85:10 ئىبر. 7:2
■85:12 زەب. 67:6
□85:13 «ھەققانىيەت ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، ئۇنىڭ قەدەملىرىگە يول ھازىرلايدۇ!» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «ھەققانىيەت ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، ھەم ئۆزىنى ئۇنىڭ قەدەملىرىگە ئورنىتىدۇ».