□95:3 «... پەرۋەردىگار ــ بۈيۈك بىر ئىلاھتۇر، پۈتكۈل ئىلاھلار ئۈستىدىكى بۈيۈك بىر پادىشاھتۇر» ــ بۇ ئايەتتىكى «ئىلاھلار»: (1) تائىپىلار چوقۇنىدىغان بۇتلارنى (ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ كەينىدە تۇرغان جىن-شەيتانلارنى ــ «زەب.» 4:96-5، «1كور.» 4:8-6 ۋە 19:10-21نى كۆرۈڭ) ياكى (2) خۇدانىڭ سۆزىگە مەسئۇل بولغان ئىسرائىل ھاكىملىرىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
■95:7 زەب. 100:3؛ ئىبر. 3:7
□95:8 «ئەينى چاغلاردا مەرىباھدا بولغاندەك، چۆل-باياۋاندىكى ماسساھدا بولغان كۈندەك، يۈرىكىڭلارنى جاھىل قىلماڭلار!» ــ «مەرىباھ» ۋە «ماسساھ» دېگەن جايلاردا ئىسرائىللار خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، مۇسا پەيغەمبەرگە قارشى ئىسيان-ئاسىيلىق كۆتۈرگەن. بۇ ۋەقەلەر «مىس.» 17-باب، «چۆل.» 20-بابتا خاتىرىلەنگەن.
■95:8 مىس. 17:7؛ چۆل. 20:1،3،13؛ قان. 6:16
■95:9 ئىبر. 3:9
■95:10 ئىبر. 3:17
□95:11 «ئۇلار ھەرگىز مېنىڭ ئارامگاھىمغا كىرمەيدۇ» ــ «مېنىڭ ئارامگاھىم» (1) خۇدا ئىسرائىللارغا ۋەدە بەرگەن قانائان (پەلەستىن) زېمىنىنى كۆرسىتىدۇ. مىسىردىن چىقىپ چۆل-باياۋاندا قىرىق يىل سەرسان بولۇپ يۈرگەن شۇ دەۋردە ئىسرائىللار ئىتائەتسىزلىك قىلىپ ئۇ زېمىنغا كىرمىگەن. (2) «ئارامگاھ» پەقەت زېمىننىلا ئەمەس، بەلكى يەنە خۇدانىڭ پاناھى، يېتەكچىلىكى ھەم شەپقىتى ئاستىدا ياشاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (ئىنجىل، «ئىبرانىيلارغا»، 4-بابنىمۇ كۆرۈڭ).