111
111-كۈي •••• خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سېغىنىش •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ
1 ھەمدۇسانا!
كۆڭلى دۇرۇسلارنىڭ مەشرىپىدە،
ھەم جامائەتتە تۇرۇپ،
پەرۋەردىگارغا پۈتۈن قەلبىم بىلەن تەشەككۈر ئېيتىمەن.□ «ھەمدۇسانا! كۆڭلى دۇرۇسلارنىڭ مەشرىپىدە، *ھەم جامائەتتە تۇرۇپ...» ــ بۇ كۈي «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» كۈي؛ بىراق ئىبرانىي تىلىنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا جۈملە تەرتىپلىرىنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكى تۈپەيلىدىن، «ئېلىپبەلىك» نۇسخىنى كۆرسىتەلمىدۇق.
2 پەرۋەردىگارنىڭ ياسىغانلىرى ئۇلۇغدۇر؛
بۇلاردىن خۇرسەن بولغانلار ئىزدىنىپ ئۇلارنى سۈرۈشتۈرمەكتە.
3 ئۇنىڭ ئەجرى شەرەپ ۋە ھەيۋەتتۇر،
ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ.
4 ئۇ ئۆز مۆجىزىلىرىنى ياد ئەتكۈزىدۇ؛
پەرۋەردىگار مۇھەببەتلىك ھەم رەھىمدىللىكتۇر.
5 ئۇ ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنى ئاش بىلەن تەمىنلەيدۇ؛
ئۆز ئەھدىسىنى ھەمىشە ياد ئېتىدۇ.
6 ئۇ ئەمەللىرىدىكى قۇدرىتىنى ئۆز خەلقىگە كۆرسىتىپ،
باشقا ئەللەرنىڭ مىراس-زېمىنىنى ئۇلارغا تەقدىم قىلدى.
7 ئۇنىڭ قولى قىلغانلىرى ھەقىقەت-ساداقەت ۋە ئادىللىقتۇر؛
ئۇنىڭ بارلىق كۆرسەتمىلىرى ئىشەنچلىكتۇر.
8 بۇلار ئەبەدىلئەبەدگىچە ئىناۋەتلىكتۇر؛
ھەقىقەتتە ھەم دۇرۇسلۇقتا چىقىرىلغاندۇر.
9 ئۇ ئۆز خەلقىگە نىجاتلىق ئەۋەتتى؛
ئۆز ئەھدىسىنى ئەمر قىلىپ مەڭگۈگە بېكىتتى؛
مۇقەددەس ھەم سۈرلۈكتۇر ئۇنىڭ نامى.
10 پەرۋەردىگاردىن قورقۇش دانالىقنىڭ باشلىنىشىدۇر؛
ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى تۇتقانلارنىڭ ھەممىسى يورۇتۇلغان ئادەملەردۇر؛
ئۇنىڭ مەدھىيىسى مەڭگۈ تۇرىدۇ.
□111:1 «ھەمدۇسانا! كۆڭلى دۇرۇسلارنىڭ مەشرىپىدە، *ھەم جامائەتتە تۇرۇپ...» ــ بۇ كۈي «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» كۈي؛ بىراق ئىبرانىي تىلىنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا جۈملە تەرتىپلىرىنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكى تۈپەيلىدىن، «ئېلىپبەلىك» نۇسخىنى كۆرسىتەلمىدۇق.