114
114-كۈي •••• خۇدانىڭ ئىسرائىل خەلقىنىڭ مىسىردىن چىقىشىدا ئۇلارغا نامايان قىلغان ئۇلۇغلۇقى
1 ئىسرائىل مىسىردىن،
ياقۇپ جەمەتى يات تىللىق ئەللەردىن چىققاندا، ■ مىس. 13:3
2 شۇ چاغدا يەھۇدا خۇدانىڭ مۇقەددەس جايى،
ئىسرائىل ئۇنىڭ سەلتىنىتى بولدى،
3 دېڭىز بۇنى كۆرۈپ بەدەر قاچتى،
ئىئوردان دەرياسى كەينىگە ياندى؛
4 تاغلار قوچقارلاردەك،
دۆڭلەر قوزىلاردەك ئويناقلىدى.
5 ئەي دېڭىز، سەن نېمە بولدۇڭ، قاچقىلى؟
ئىئوردان دەرياسى، يولۇڭدىن يانغىلى؟
6 تاغلار قوچقارلاردەك،
دۆڭلەر قوزىلاردەك ئويناقلىغىلى؟
7 ئى يەر يۈزى، رەبنىڭ جامالىدىن،
ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ جامالىدىن تەۋرەن؛
8 ئۇ قورام تاشنى كۆلچەككە،
چاقماق تېشىنى مول بۇلاق سۇلىرىغا ئايلاندۇرىدۇ.□ «ئۇ قورام تاشنى كۆلچەككە، چاقماق تېشىنى مول بۇلاق سۇلىرىغا ئايلاندۇرىدۇ» ــ «چاقماق تېشى» تاشلار ئىچىدە ئەڭ قاتتىق تاش ھېسابلىنىدۇ. «قان.» 15:8نى كۆرۈڭ. ■ مىس. 17:6؛ چۆل. 20:11