131
131-كۈي •••• كەمتەرلىككە ئىنتىلىش
1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»؛ داۋۇت يازغان كۈي: ــ
ئى پەرۋەردىگار، كۆڭلۈم تەكەببۇر ئەمەس،
نەزىرىممۇ ئۈستۈن ئەمەس؛
مەن چوڭ ئىشلار بىلەنمۇ،
ياكى چامىم يەتمەيدىغان كارامەت ئىشلار بىلەنمۇ مەشغۇل بولمايمەن؛■ 2تار. 32:25؛ زەب. 101:4-5؛ پەند. 6:17؛ 16:5
2 بەرھەق، ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا ياتقان ئەمچەكتىن ئايرىلغان بالىدەك،
ئۆز جېنىمنى بېسىۋېلىپ تىنچلاندۇردۇم؛
كۆڭلۈم ئىچىمدە ئەمچەكتىن ئايرىلغان بالىدەكتۇر.
3 ئىسرائىل پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلىسۇن؛
ھازىردىن باشلاپ، ئەبەدىلئەبەدگىچە!