138
138-كۈي •••• شەپقەتكە رەھمەتلەر
1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ
پۈتۈن قەلبىم بىلەن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛
بارلىق ئىلاھلار ئالدىدا سېنى كۈيلەيمەن.□ «بارلىق ئىلاھلار ئالدىدا سېنى كۈيلەيمەن» ــ «ئىلاھلار» توغرۇلۇق 3:95 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.
2 پاك-مۇقەددەسلىكىڭنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قاراپ باش ئۇرىمەن،
ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ھەم ھەقىقەت-ساداقىتىڭ ئۈچۈن نامىڭنى تەبرىكلەيمەن؛
چۈنكى سەن پۈتۈن نام-شۆھرىتىڭدىنمۇ بەكرەك، ۋەدەڭدە تۇرىدىغىنىڭنى ئۇلۇغ قىلغانسەن.□ «چۈنكى سەن پۈتۈن نام-شۆھرىتىڭدىنمۇ بەكرەك، ۋەدەڭدە تۇرىدىغىنىڭنى ئۇلۇغ قىلغانسەن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چپنكى سەن ئۆز نام-شۆھرىتىڭ ھەم ۋەدەڭنى ھەممىدىن ئۈستۈن قىلدىڭ». لېكىن بىزنىڭچە مەنىسى شۇكى، خۇداغا نىسبەتەن ئۆز ۋەدىسىدە تۇرۇش ھەتتا نام-شۆھرىتىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ.
3 ساڭا نىدا قىلغان كۈنىدە، ماڭا جاۋاب بەرگەنسەن؛
جېنىمغا كۈچ كىرگۈزۈپ، مېنى رىغبەتلەندۈرگەنسەن.
4 ئاغزىڭدىكى سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، ئى پەرۋەردىگار،
جاھاندىكى بارلىق شاھلار سېنى مەدھىيىلەيدۇ؛
5 ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرىدا يۈرۈپ ناخشا ئېيتىدۇ،
چۈنكى ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى.
6 چۈنكى پەرۋەردىگار ئالىيدۇر؛
بىراق ئۇ ھالى بوشلارغا نەزەر سالىدۇ؛
تەكەببۇلارنى بولسا ئۇ يىراقتىن تونۇپ يېتىدۇ.■ زەب. 113:4-7
7 زۇلمەت-مۇشەققەتلەر ئارىسىدا ماڭغان بولساممۇ،
سەن مېنى جانلاندۇرىسەن؛
دۈشمەنلىرىمنىڭ غەزىپىنى توسۇشقا قولۇڭنى ئۇزارتىسەن،
ئوڭ قولۇڭ مېنى قۇتقۇزىدۇ.
8 پەرۋەردىگار ماڭا تەۋە ئىشلارنى پۈتكۈزىدۇ؛
مېھىر-مۇھەببىتىڭ، ئى پەرۋەردىگار، مەڭگۈلۈكتۇر؛
ئۆز قوللىرىڭ ياسىغاننى تاشلاپ كەتمىگەيسەن!
□138:1 «بارلىق ئىلاھلار ئالدىدا سېنى كۈيلەيمەن» ــ «ئىلاھلار» توغرۇلۇق 3:95 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.
□138:2 «چۈنكى سەن پۈتۈن نام-شۆھرىتىڭدىنمۇ بەكرەك، ۋەدەڭدە تۇرىدىغىنىڭنى ئۇلۇغ قىلغانسەن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چپنكى سەن ئۆز نام-شۆھرىتىڭ ھەم ۋەدەڭنى ھەممىدىن ئۈستۈن قىلدىڭ». لېكىن بىزنىڭچە مەنىسى شۇكى، خۇداغا نىسبەتەن ئۆز ۋەدىسىدە تۇرۇش ھەتتا نام-شۆھرىتىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ.
■138:6 زەب. 113:4-7