143
143-كۈي •••• روھىم تۈگىشەي دەپ قالدى!
1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ
پەرۋەردىگار، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن؛
يېلىنىشلىرىمغا قۇلاق سالغايسەن؛
ھەقىقەت-ساداقىتىڭدە ھەم ھەققانىيىتىڭدە ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن.
2 ئۆز قۇلۇڭنى سوراققا تارتىشقا تۇرمىغايسەن؛
چۈنكى نەزىرىڭدە تىرىكلەرنىڭ ھېچبىرى ھەققانىي ئىسپاتلانمايدۇ.■ رىم. 3، 4؛ گال. 3، 4
3 چۈنكى دۈشمەن جېنىمغا زىيانكەشلىك قىلماقتا،
ئۇ ھاياتىمنى دەپسەندە قىلدى؛
مېنى خۇددى ئۆلگىلى ئۇزۇن بولغانلاردەك،
قاراڭغۇ جايلاردا تۇرۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ.
4 شۇڭا روھىم ئىچىمدە تۈگىشەي دەپ قالدى؛
ئىچىمدە قەلبىم سۇندى.
5 مەن قەدىمكى كۈنلەرنى ئەسلەيمەن؛
سېنىڭ بارلىق قىلغانلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن؛
قوللىرىڭ ئىشلىگەنلىرىنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزىمەن.■ زەب. 77:5-12
6 قوللىرىمنى ساڭا قاراپ سوزۇپ ئىنتىلىمەن؛
جېنىم چاڭقىغان زېمىندەك ساڭا تەشنادۇر.
سېلاھ.
7 ماڭا تېزدىن جاۋاب بەرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛
روھىم ھالىدىن كېتىدۇ؛
دىدارىڭنى مەندىن يوشۇرمىغايسەن؛
بولمىسا مەن ھاڭغا چۈشىدىغانلاردەك بولىمەن.
8 مېھىر-مۇھەببىتىڭنى تاڭ سەھەردە ئاڭلاتقايسەن؛
چۈنكى تايانغىنىم سەن؛
مېڭىشىم كېرەك بولغان يولنى ماڭا بىلدۈرگەيسەن؛
چۈنكى جېنىم ساڭا تەلمۈرۈپ قارايدۇ؛■ زەب. 25:1
9 مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، دۈشمەنلىرىمدىن؛
باشپاناھ ئىزدەپ سېنىڭ يېنىڭغا قاچىمەن.
10 ئۆز ئىرادەڭگە ئەمەل قىلىشىمقا مېنى ئۆگەتكەيسەن؛
چۈنكى سەن مېنىڭ خۇدايىمدۇرسەن؛
سېنىڭ مېھرىبان روھىڭ مېنى تۈپتۈز زېمىندا يېتەكلىگەي؛□ «...مېنى تۈپتۈز زېمىندا يېتەكلىگەي» ــ ياكى «... مېنى تۈز كۆڭۈللەرنىڭ زېمىنىدا يېتەكلىگەي»، «... مېنى دىيانەتلىك زېمىندا يېتەكلىگەي».
11 ئۆز نام-شۆھرىتىڭ ئۈچۈن مېنى جانلاندۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛
ئۆز ھەققانىيىتىڭدە جېنىمنى ئاۋارىچىلىكتىن ئازاد قىلغايسەن.
12 ھەم مېھىر-شەپقىتىڭدە دۈشمەنلىرىمنى ئۈزۈپ تاشلىۋەتكەيسەن؛
جېنىمنى خار قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلغايسەن؛
چۈنكى مەن سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن.■ زەب. 86:14-16؛ 116:16