146
146-كۈي •••• خۇدا مەدھىيىلەنسۇن!
1 ھەمدۇسانا!
ئى جېنىم، پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلە!
2 مەن ھايات بولساملا، پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەيمەن؛
ۋۇجۇدۇم بار بولسىلا خۇدايىمغا كۈي ئېيتىمەن.
3 ئېسىلزادىلەرگىمۇ،
ئىنسان بالىسىغىمۇ تايانماڭلار،
ئۇلاردا ھېچ مەدەت-نىجاتلىق يوقتۇر.■ زەب. 118:8، 9
4 مانا، ئۇنىڭ نەپىسى كېتىدۇ،
ئۇ ئۆز تۇپرىقىغا قايتىپ كېتىدۇ؛
شۇ كۈندىلا ئارزۇ-نىيەتلىرى يوقاپ كېتىدۇ.□ «ئۇ ئۆز تۇپرىقىغا قايتىپ كېتىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئادەم» ھەم «تۇپراق، توپا» بىر سۆزدۇر.
5 ياقۇپنىڭ تەڭرىسى مەدەتكارى بولغان ئادەم،
پەرۋەردىگار خۇداسىنى ئۆز ئۈمىدى قىلغان ئادەم بەختلىكتۇر!
6 ئۇ ئاسمانلارنى، زېمىننى،
دېڭىزنى ھەم ئۇنىڭدا بار مەۋجۇداتلارنى ياراتقاندۇر؛
ئۇ ھەقىقەت-ساداقەتتە مەڭگۈ تۇرىدۇ؛
7 ئېزىلگۈچىلەر ئۈچۈن ئۇ ھۆكۈم سۈرىدۇ؛
ئاچ قالغانلارغا نان بېرىدۇ.
پەرۋەردىگار مەھبۇسلارنى ئازاد قىلىدۇ؛
8 پەرۋەردىگار كورلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچىدۇ؛
پەرۋەردىگار ئېگىلىپ قالغانلارنى تۇرغۇزىدۇ؛
پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنى سۆيىدۇ.■ زەب. 145:14؛ 147:3؛ مات. 9:30؛ لۇقا 13:13؛ يـۇھ. 9:7،32
9 پەرۋەردىگار مۇساپىرلاردىن خەۋەر ئالىدۇ؛
يېتىم-يېسىرلەرنى، تۇل خوتۇننى يۆلەيدۇ؛
بىراق رەزىللەرنىڭ يولىنى ئەگرى-بۈگرى قىلىدۇ.
10 پەرۋەردىگار مەڭگۈگە ھۆكۈم سۈرىدۇ؛
ئى زىئون، سېنىڭ خۇدايىڭ دەۋردىن-دەۋرگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ!
ھەمدۇسانا!■ مىس. 15:18؛ زەب. 145:13