148
148-كۈي •••• پۈتكۈل ئالەم، پەرۋەردىگارنى ئۇلۇغلاڭلار!
ھەمدۇسانا!
پەرۋەردىگارنى ئاسمانلاردىن مەدھىيىلەڭلار؛
يۇقىرى جايلاردا ئۇنى مەدھىيىلەڭلار؛ لۇقا 2‏:14؛ ۋەھ. 5‏:13
ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، بارلىق پەرىشتىلىرى؛
ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، بارلىق قوشۇنلىرى!
ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، ئى قۇياش ھەم ئاي،
ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، ھەممە پارلاق يۇلتۇزلار؛
ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، ئاسمانلارنىڭ ئاسمانلىرى،
ئاسماندىن يۇقىرى جايلاشقان سۇلار!
بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلىسۇن؛
چۈنكى ئۇ بۇيرۇغان ھامان، ئۇلار ياراتىلغاندۇر؛ يار. 1‏:6-31؛ زەب. 33‏:6، 9
ئۇ ئۇلارنى ئەبەدىلئەبەدگىچە تۇرغۇزدى؛
ئۇلار ئۈچۈن ۋاقتى ئۆتمەيدىغان بەلگىلىمىنى بۇيرۇغان. ئايۇپ 14‏:5،13؛ 26‏:10؛ 38‏:33؛ زەب. 104‏:5؛ 119‏:91؛ يەر. 31‏:35؛ 33‏:25
پەرۋەردىگارنى زېمىندىن مەدھىيىلەڭلار،
دېڭىزدىكى بارلىق ئەجدىھالار، دېڭىزنىڭ بارلىق تەگلىرى؛
ئوت، مۆلدۈز، قار، تۇمان،
ئۇنىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلىدىغان جۇدۇنلۇق شامال؛
تاغلار ھەم بارلىق دۆڭلەر،
مېۋىلىك دەرەخلەر، بارلىق كېدىر دەرەخلىرى،
10 ياۋايى ھايۋانلار، بارلىق مال-ۋارانلار،
ئۆمىلىگۈچىلەر ھەم ئۇچار-قاناتلار؛
11 جاھان پادىشاھلىرى ۋە بارلىق قوۋملار،
ئەمىرلەر ھەم يەر يۈزىدىكى بارلىق ھاكىم-سوتچىلار؛
12 ھەم يىگىتلەر ھەم قىزلار،
بوۋايلار ۋە ياشلار، ــ
13 ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلىسۇن؛
چۈنكى پەقەتلا ئۇنىڭ نامى ئالىيدۇر؛
ئۇنىڭ ھەيۋىتى يەر ھەم ئاسماندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. پەند. 18‏:10؛ يەش. 12‏:4
14 ھەم ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ مۈڭگۈزىنى،
يەنى بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ مەدھىيىسىنى ئېگىز كۆتۈرگۈزگەن؛
ئۇلار ئىسرائىل بالىلىرى،
ئۆزىگە يېقىن بىر خەلقتۇر!
ھەمدۇسانا! «ئۆز خەلقىنىڭ مۈڭگۈزىنى، يەنى بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ مەدھىيىسى...» ــ تەۋراتتا «مۈڭگۈز» ئادەتتە ئادەمنىڭ نام-شۆھرىتى ياكى ھوقۇقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە ئۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداغا بولغان مەدھىيىلىرىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتىكى «كۆتۈرۈش» ئادەمنىڭ قولى بىلەن كۆتۈرۈش ئەمەس، بەلكى خۇدا ئۇلارنىڭ مەدھىيە ئاۋازلىرىنى كۆتۈرۈشىنى بىلدۈرىدۇ.   زەب. 132‏:17
 
 

148:1 لۇقا 2‏:14؛ ۋەھ. 5‏:13

148:5 يار. 1‏:6-31؛ زەب. 33‏:6، 9

148:6 ئايۇپ 14‏:5،13؛ 26‏:10؛ 38‏:33؛ زەب. 104‏:5؛ 119‏:91؛ يەر. 31‏:35؛ 33‏:25

148:13 پەند. 18‏:10؛ يەش. 12‏:4

148:14 «ئۆز خەلقىنىڭ مۈڭگۈزىنى، يەنى بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ مەدھىيىسى...» ــ تەۋراتتا «مۈڭگۈز» ئادەتتە ئادەمنىڭ نام-شۆھرىتى ياكى ھوقۇقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە ئۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداغا بولغان مەدھىيىلىرىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتىكى «كۆتۈرۈش» ئادەمنىڭ قولى بىلەن كۆتۈرۈش ئەمەس، بەلكى خۇدا ئۇلارنىڭ مەدھىيە ئاۋازلىرىنى كۆتۈرۈشىنى بىلدۈرىدۇ.

148:14 زەب. 132‏:17