ھەزرىتى يۈسۈپنىڭ تەۋرات، «يارىتىلىش» 37-بابتا خاتىرىلەنگەن چۈشىنى كۆرۈڭ. «ئايال» جامائەت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى «ئايال» مەسىھنى تۇغىدۇ (5-ئايەت). 17:12نىمۇ كۆرۈڭ. 3 ئاندىن ئەرشتە يەنە بىر ئالامەت كۆرۈندى ــ مانا، يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك، يەتتە بېشىدا يەتتە تاج بار بولغان چوڭ بىر قىزىل ئەجدىھا تۇراتتى. 4 ئۇ قۇيرۇقى بىلەن ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى سۈپۈرۈپ، ئۇلارنى يەر يۈزىگە چۆرۈۋەتتى. ئەجىدىھا تۇغاي دەپ قالغان ئايال يەڭگىگەن ھامان ئۇنىڭ بالىسىنى يالماپ يۇتۇۋەتمەكچى بولۇپ ئۇنىڭ ئالدىدا تۇردى.□ «ئۇ (ئەجدىھا) قۇيرۇقى بىلەن ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى سۈپۈرۈپ، ئۇلارنى يەر يۈزىگە چۆرۈۋەتتى...» ــ بۇ ۋەھىي بىزنىڭچە شەيتاننىڭ ئەسلىدەئەرشتە خۇداغا قارشى كۆتۈرگەن ئىسيانىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق شەرھ توغرا بولسا، پەرىشتىلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى ئىسيانغا قوشۇلۇپ ھازىرقى جىنلار بولۇپ چىققان. 5 ئايال بىر بالا، يەنى پۈتۈن ئەللەرنى تۆمۈر ھاسىسى بىلەن پادىچىدەك باقىدىغان بىر ئوغۇل تۇغدى. بالا بولسا خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ تەختىنىڭ ئالدىغا غاچچىدە ئېلىپ چىقىلدى.■ زەب. 2:9؛ ۋەھ. 2:27. 6 ئايال چۆلگە قاچتى؛ ئۇ يەردە ئۇنىڭ 1260 كۈن بېقىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا خۇدا تەرىپىدىن ھازىرلاپ قويۇلغان بىر جاي بار ئىدى.■ ۋەھ. 11:3.
□12:2 «ئۇ (ئايال) ھامىلىدار بولۇپ، تولغاق يەپ تۇغۇش ئازابىدا داد-پەرياد كۆتۈردى...» ــ ئايال توغرۇلۇق ئۈچ پىكىر بار؛ ئۇ ياكى (1) جامائەتنى؛ ياكى (2) بۈۋى مەريەم؛ ياكى (3) ئىسرائىلنى بىلدۈرىدۇ. بىزنىڭ ئۇنىڭ ئىسرائىلنى بىلدۈرىدىغانلىقىغا قىلچە گۇمانىمىز يوق. ھەزرىتى يۈسۈپنىڭ تەۋرات، «يارىتىلىش» 37-بابتا خاتىرىلەنگەن چۈشىنى كۆرۈڭ. «ئايال» جامائەت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى «ئايال» مەسىھنى تۇغىدۇ (5-ئايەت). 17:12نىمۇ كۆرۈڭ.
□12:4 «ئۇ (ئەجدىھا) قۇيرۇقى بىلەن ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى سۈپۈرۈپ، ئۇلارنى يەر يۈزىگە چۆرۈۋەتتى...» ــ بۇ ۋەھىي بىزنىڭچە شەيتاننىڭ ئەسلىدەئەرشتە خۇداغا قارشى كۆتۈرگەن ئىسيانىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق شەرھ توغرا بولسا، پەرىشتىلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى ئىسيانغا قوشۇلۇپ ھازىرقى جىنلار بولۇپ چىققان.
■12:5 زەب. 2:9؛ ۋەھ. 2:27.
■12:6 ۋەھ. 11:3.
□12:7 «باش پەرىشتە مىكائىل» ــ باش پەرىشتە مىكائىلنىڭ ئىسرائىل خەلقىنى قوغداش ئۈچۈن ئالاھىدە مەسئۇلىيىتى بار («دان.» 13:10، 21، 1:12 ۋە «يەھ.» 9نى كۆرۈڭ).
■12:8 دان. 2:35.
■12:9 لۇقا 10:18؛ ۋەھ. 20:2.
■12:12 زەب. 96:11؛ يەش. 49:13؛ ۋەھ. 8:13.
□12:14 «بىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل، ۋە يېرىم مەزگىل» ــ 1260 كۈن، تەخمىنەن ئۈچ يېرىم يىل. «دان.» 25:7، 7:12نى، ئىزاھاتلىرى ۋە «دانىيال»دىكى «قوشۇمچە سۆز»نىمۇ كۆرۈڭ.
■12:14 ۋەھ. 2:6.
□12:17 «ئەيسانىڭ گۇۋاھلىقىنى تۇتقان پەرزەنتلىرى» ــ ياكى ئەيسا توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بېرىدىغانلار، ياكى ئۇ ئۆزى بەرگەن گۇۋاھلىقنى چىڭ تۇتقانلارنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭچە ئاۋۋالقىسى توغرا.