20
مەسىھنىڭ يەر يۈزىدىكى مىڭ يىللىق سەلتەنىتى
ئۇنىڭدىن كېيىن، قولىدا تېگى يوق ھاڭنىڭ ئاچقۇچى ۋە يوغان زەنجىر تۇتقان بىر پەرىشتىنىڭ ئاسماندىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ۋەھ. 1‏:18. پەرىشتە ئەجدىھانى، يەنى ئىبلىس ياكى شەيتان دېيىلىدىغان ھېلىقى قەدىمىي يىلاننى تۇتۇپ، مىڭ يىللىق زەنجىرلەپ قويدى. 2پېت. 2‏:4؛ ۋەھ. 12‏:9. ئۇنىڭ مىڭ يىل توشقۇچە ئەللەرنى ئازدۇرماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى تېگى يوق ھاڭغا تاشلاپ ھاڭنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ پېچەتلىۋەتتى. بۇ ۋاقىتلاردىن كېيىن، ئۇ ۋاقتىنچە قويۇپ بېرىلىشى مۇقەررەر. ۋەھ. 16‏:16،14؛ 20‏:8.
ئاندىن مەن تەختلەرنى ۋە ئۇلاردا ئولتۇرغانلارنى كۆردۈم. ئۇلارغا ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەنىدى. مەن يەنە، ئەيساغا بەرگەن گۇۋاھلىقى ۋەجىدىن ۋە خۇدانىڭ سۆز-كالامى ۋەجىدىن كاللىسى ئېلىنغانلارنىڭ جانلىرىنىمۇ كۆردۈم. ئۇلار دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ بۇت-ھەيكىلىگە چوقۇنمىغان، ئۇنىڭ تامغىسى پېشانىسىگە ۋە قولىغا ئۇرۇلمىغانلار ئىدى. ئۇلار تىرىلىپ، مەسىھ بىلەن بىرلىكتە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈردى «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «زەب.» 4:149-9، «1كور.» 2:6-3.   ۋەھ. 6‏:9،11؛ 13‏:16،15،12. (ئۆلگەنلەرنىڭ قالغانلىرى مىڭ يىل توشمىغۇچە تىرىلمەيدۇ). بۇ دەسلەپكى تىرىلىش ئىدى.
دەسلەپكى تىرىلىشتىن نېسىۋە بولغانلار بەختلىك ۋە مۇقەددەستۇر؛ ئىككىنچى ئۆلۈمنىڭ بۇلارنى ئىلكىگە ئېلىش ھوقۇقى يوقتۇر. ئۇلار خۇدانىڭ ۋە مەسىھنىڭ كاھىنلىرى بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرىدۇ. يەش. 61‏:6؛ 1پېت. 2‏:9؛ ۋەھ. 1‏:6؛ 5‏:10.
 
شەيتاننىڭ ئاخىرقى مەغلۇبىيىتى
مىڭ يىل توشقاندا، شەيتان زىنداندىن بوشىتىلىپ، يەر يۈزىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدىكى ئەللەرنى، يەنى گوگ ۋە ماگوگنى ئازدۇرۇش ۋە ئۇلارنى جەڭ قىلىشقا بىر يەرگە توپلاشقا چىقىدۇ. توپلانغانلارنىڭ سانى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك ساناقسىز بولىدۇ. «... يەر يۈزىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدىكى ئەللەرنى، يەنى گوگ ۋە ماگوگنى ئازدۇرۇش ۋە ئۇلارنى جەڭ قىلىشقا بىر يەرگە توپلاشقا چىقىدۇ» ــ «گوگ ۋە ماگوگ» توغرۇلۇق: گوگ بەلكىم «ماگوگ»نىڭ بېشى بولۇشى مۇمكىن («ئەز.» 2:38-3نى كۆرۈڭ). شۇبھىسىزكى، ئۇيغۇر تىلىدىكى «يەجۈج-مەجۈج» دېگەن ئىسىم ئىبرانىي تىلىدىكى بۇ ئىسىملاردىن چىققانىدى؛ لېكىن «گوگ ۋە ماگوگ» يالماۋۇزدەك بىرخىل مەخلۇق ئەمەس، بەلكى تۈرلۈك ئەللەرنى كۆرسىتىدۇ. «ئەز.» 1:38-29:39دە، خۇدانىڭ «گوگ ۋە ماگوگ» بىلەن بولغان ئۇرۇشى بېشارەت قىلىنغان. بىراق بىزنىڭچە ئۇ ئۇرۇش «دەھشەتلىك ئازاب-ئوقۇبەت» بىلەن باغلىق بولىدۇ؛ مىڭ يىلنىڭ ئاخىرىدا بولىدىغان، مۇشۇ ئايەتلەردە ئايان قىلىنغان «ئاخىرقى ئۇرۇش» ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان بولۇشى مۇمكىن بولسىمۇ، ئۇ ئەمەس.   ئ‍ەز. 38‏:2؛ 39‏:1؛ ۋەھ. 16‏:14. ئۇلار يەر يۈزىدىكى كەڭ تۈزلەڭلىككە چىقىپ، مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ بارگاھىنى، يەنى خۇدا سۆيىدىغان شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. لېكىن ئاسماندىن ئوت يېغىپ، ئۇلارنى يۇتۇۋېتىدۇ. «ئۇلار يەر يۈزىدىكى كەڭ تۈزلەڭلىككە چىقىپ...» ــ ياكى «ئۇلار زېمىن (دېمەك قانائان، پەلەستىن)دىكى كەڭ تۈزلەڭلىككە چىقىپ...» ياكى «ئۇلار پۈتۈن يەر يۈزىنى كېزىپ...». 10 ئۇلارنى ئازدۇرغان ئىبلىس بولسا دىۋە بىلەن ساختا پەيغەمبەر كۆيۈۋاتقان ئوت ۋە گۈڭگۈرت كۆلىگە تاشلىنىپ، ئۇ يەردە كېچە-كۈندۈز ئەبەدىلئەبەدگىچە قىينىلىدۇ. دان. 7‏:11؛ ۋەھ. 14‏:10؛ 19‏:20.
 
چوڭ ئاق تەخت ــ ئاخىرقى ھۆكۈم
11 ئۇنىڭدىن كېيىن، چوڭ بىر ئاق تەخت ۋە ئۇنىڭدا ئولتۇرغۇچىنى كۆردۈم. ئاسمان بىلەن زېمىن ئۇنىڭ يۈزىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئۇلار تۇرغان جاي ھەرگىز تېپىلمايدۇ. 12 مەن يەنە كاتتا بولسۇن، ياكى تۆۋەن بولسۇن، ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تەختنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. كىتابلار ئېچىلدى؛ ئاندىن يەنە بىر كىتاب ــ «ھاياتلىق دەپتىرى» دەپ ئاتالغان كىتاب ئېچىلدى. ئۆلگەنلەرگە كىتابلاردا خاتىرىلەنگىنى بويىچە ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىندى. مىس. 32‏:32؛ زەب. 62‏:12؛ 69‏:28؛ يەر. 17‏:10؛ 32‏:19؛ مات. 16‏:27؛ رىم. 2‏:6؛ 14‏:12؛ 2كور. 5‏:10؛ گال. 6‏:5؛ فىل. 4‏:3؛ ۋەھ. 2‏:23؛ 3‏:5. 13 دېڭىز ئۆزىدە ئۆلگەنلەرنى تاپشۇرۇپ بەردى، ئۆلۈم ۋە تەھتىسارامۇ ئۆزلىرىدىكى ئۆلگەنلەرنى تاپشۇرۇپ بېرىشتى. ھەركىمنىڭ ئۈستىگە ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىندى. 14 ئاندىن ئۆلۈم ۋە تەھتىسارا ئوت كۆلىگە تاشلاندى. مانا ئىككىنچى ئۆلۈم ــ ئوت كۆلىدۇر. 15 كىمنىڭ ئىسمىنىڭ «ھاياتلىق دەپتىرى»دە يېزىلمىغانلىقى بايقالسا، ئوت كۆلىگە تاشلاندى.
 
 

20:1 ۋەھ. 1‏:18.

20:2 2پېت. 2‏:4؛ ۋەھ. 12‏:9.

20:3 ۋەھ. 16‏:16،14؛ 20‏:8.

20:4 «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «زەب.» 4:149-9، «1كور.» 2:6-3.

20:4 ۋەھ. 6‏:9،11؛ 13‏:16،15،12.

20:6 يەش. 61‏:6؛ 1پېت. 2‏:9؛ ۋەھ. 1‏:6؛ 5‏:10.

20:8 «... يەر يۈزىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدىكى ئەللەرنى، يەنى گوگ ۋە ماگوگنى ئازدۇرۇش ۋە ئۇلارنى جەڭ قىلىشقا بىر يەرگە توپلاشقا چىقىدۇ» ــ «گوگ ۋە ماگوگ» توغرۇلۇق: گوگ بەلكىم «ماگوگ»نىڭ بېشى بولۇشى مۇمكىن («ئەز.» 2:38-3نى كۆرۈڭ). شۇبھىسىزكى، ئۇيغۇر تىلىدىكى «يەجۈج-مەجۈج» دېگەن ئىسىم ئىبرانىي تىلىدىكى بۇ ئىسىملاردىن چىققانىدى؛ لېكىن «گوگ ۋە ماگوگ» يالماۋۇزدەك بىرخىل مەخلۇق ئەمەس، بەلكى تۈرلۈك ئەللەرنى كۆرسىتىدۇ. «ئەز.» 1:38-29:39دە، خۇدانىڭ «گوگ ۋە ماگوگ» بىلەن بولغان ئۇرۇشى بېشارەت قىلىنغان. بىراق بىزنىڭچە ئۇ ئۇرۇش «دەھشەتلىك ئازاب-ئوقۇبەت» بىلەن باغلىق بولىدۇ؛ مىڭ يىلنىڭ ئاخىرىدا بولىدىغان، مۇشۇ ئايەتلەردە ئايان قىلىنغان «ئاخىرقى ئۇرۇش» ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان بولۇشى مۇمكىن بولسىمۇ، ئۇ ئەمەس.

20:8 ئ‍ەز. 38‏:2؛ 39‏:1؛ ۋەھ. 16‏:14.

20:9 «ئۇلار يەر يۈزىدىكى كەڭ تۈزلەڭلىككە چىقىپ...» ــ ياكى «ئۇلار زېمىن (دېمەك قانائان، پەلەستىن)دىكى كەڭ تۈزلەڭلىككە چىقىپ...» ياكى «ئۇلار پۈتۈن يەر يۈزىنى كېزىپ...».

20:10 دان. 7‏:11؛ ۋەھ. 14‏:10؛ 19‏:20.

20:12 مىس. 32‏:32؛ زەب. 62‏:12؛ 69‏:28؛ يەر. 17‏:10؛ 32‏:19؛ مات. 16‏:27؛ رىم. 2‏:6؛ 14‏:12؛ 2كور. 5‏:10؛ گال. 6‏:5؛ فىل. 4‏:3؛ ۋەھ. 2‏:23؛ 3‏:5.