5
خۇدا بىلەن ئىناق ئۆتۈش
شۇڭا ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىنغان ئىكەنمىز، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن ئىناق مۇناسىۋەتتە بولىمىز. يەش. 32‏:17؛ يـۇھ. 16‏:33؛ ئ‍ەف. 2‏:13. ئۇ ئارقىلىق ئېتىقاد يولىدا بىزنى چىڭ تۇرغۇزىدىغان بۇ مېھىر-شەپقىتىنىڭ ئىچىگە كىرىش ھوقۇقىغا مۇيەسسەر بولدۇق، شۇنىڭدەك خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە باغلىغان ئۈمىدىمىزدىن شاد-خۇرام بولىمىز. يـۇھ. 10‏:9؛ 14‏:6؛ 1كور. 15‏:1؛ ئ‍ەف. 2‏:18؛ 3‏:12؛ ئىبر. 3‏:6؛ 10‏:19. 3‏-4 شۇنداق بولۇپلا قالماي، مۈشكۈل ئەھۋاللار ئىچىدە شادلىنىمىز؛ چۈنكى مۈشكۈللۈك سەۋرچانلىقنى، سەۋرچانلىق چىداملىقنى، چىداملىق ئۈمىدنى ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ بىلىمىز. «مۈشكۈل ئەھۋاللار ئىچىدە شادلىنىمىز» ــ ياكى «مۈشكۈل ئەھۋاللاردىن تەنتەنە قىلىمىز».   ياق. 1‏:3. ۋە بۇ ئۈمىد بىزنى يەرگە قارىتىپ قويمايدۇ، چۈنكى بىزگە ئاتا قىلىنغان مۇقەددەس روھ ئارقىلىق خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئاللىبۇرۇن قەلبىمىزگە قۇيۇلۇپ ئېشىپ تاشتى. «ۋە بۇ ئۈمىد بىزنى يەرگە قارىتىپ قويمايدۇ، چۈنكى بىزگە ئاتا قىلىنغان مۇقەددەس روھ ئارقىلىق خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئاللىبۇرۇن قەلبىمىزگە قۇيۇلۇپ ئېشىپ تاشتى» ــ ئىنساننىڭ خۇداغا باغلىغان ھەرقانداق ئۈمىدى، ئۇنىڭ بىزگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ بار-يوق ئىكەنلىكىگە زىچ باغلىنىدۇ، ئەلۋەتتە. ئەگەر بىز «خۇدا بىزنى سۆيىدۇ» دەپ بىلسەك ھەمدە خۇدانىڭ مۇھەببىتى ئۆز ۋۇجۇدىمىزدا پەيدا بولغان بولسا، ھەرقانداق زور ئۈمىدلەرمۇ بولىدۇ.
چۈنكى بىز پەقەت ئامالسىز قالغىنىمىزدا، مەسىھ بىز ئىخلاسسىزلار ئۈچۈن خۇدا بېكىتكەن ۋاقىتتا ئۆزىنى پىدا قىلدى. «چۈنكى بىز پەقەت ئامالسىز قالغىنىمىزدا...» ــ «ئامالسىز» ــ ئۆزىمىزنى گۇناھتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئامالسىز.   ئ‍ەف. 2‏:1؛ كول. 2‏:13؛ ئىبر. 9‏:15؛ 1پېت. 3‏:18. بىرسىنىڭ ھەققانىي ئادەم ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ئىش؛ بەزىدە ياخشى ئادەم ئۈچۈن بىرسى پىدا بولۇشقا جۈرئەت قىلىشىمۇ مۇمكىن؛ لېكىن خۇدا ئۆز مېھرى-مۇھەببىتىنى بىزگە شۇنىڭدا كۆرسىتىدۇكى، بىز تېخى گۇناھكار ۋاقتىمىزدا، مەسىھ بىز ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلدى. ئىبر. 9‏:15؛ 1پېت. 3‏:18. ھازىر بىز ئۇنىڭ قېنى بىلەن ھەققانىي قىلىنغان ئىكەنمىز، ئەمدى ئۇ ئارقىلىق كېلىدىغان غەزەپتىن قۇتۇلۇشىمىز تېخىمۇ جەزمەندۇر. «ئەمدى ئۇ ئارقىلىق كېلىدىغان غەزەپتىن قۇتۇلۇشىمىز تېخىمۇ جەزمەندۇر» ــ «كېلىدىغان غەزەپ» خۇدانىڭ گۇناھلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدىغان غەزىپى. 10 چۈنكى بۇرۇن خۇداغا دۈشمەن بولغان بولساقمۇ، ئوغلىنىڭ ئۆلۈمى ئارقىلىق بىزنى ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرغان يەردە، ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەمدى ئوغلىنىڭ ھاياتى ئارقىلىق بىز تېخىمۇ قۇتۇلدۇرۇلمامدۇق؟! «چۈنكى بۇرۇن خۇداغا دۈشمەن بولغان بولساقمۇ، ئوغلىنىڭ ئۆلۈمى ئارقىلىق بىزنى ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرغان يەردە، ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەمدى ئوغلىنىڭ ھاياتى ئارقىلىق بىز تېخىمۇ قۇتۇلدۇرۇلمامدۇق؟!» ــ خۇدانىڭ نىجاتىدا «قۇتۇلۇش» پەقەت دوزاختىن قۇتۇلۇش ئەمەس، گۇناھنىڭ بارلىق ئاسارەتلىرىدىن ئازاد بولۇپ يېڭى ئەھمىيەتلىك ھاياتتىن بەھرىمەن بولۇشتىن ئىبارەتتۇر. 11 بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ھازىر بىز رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن ئىناقلاشتۇرۇلدۇق، ئۇ ئارقىلىقمۇ خۇدانىڭ ئۆزىدىن شادلىنىمىز. «ئۇ ئارقىلىقمۇ خۇدانىڭ ئۆزىدىن شادلىنىمىز» ــ «خۇدانىڭ ئۆزىدىن شادلىنىمىز» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل مەنىسى باركى، «خۇدانى قاتتىق داڭلايمىز».
 
ئادەمئاتىدىن ئۆلۈم، مەسىھتىن ھاياتلىق ــ گۇناھنىڭ يىلتىزى
12 شۇنىڭدەك، گۇناھنىڭ دۇنياغا كىرىشى بىرلا ئادەم ئارقىلىق بولدى، ئۆلۈمنىڭ دۇنياغا كىرىشى گۇناھ ئارقىلىق بولدى؛ شۇنىڭ بىلەن گۇناھ ئارقىلىق ئۆلۈم ھەممە ئادەمگە تارقالدى؛ چۈنكى ھەممە ئادەم گۇناھ سادىر قىلدى «شۇنىڭدەك، گۇناھنىڭ دۇنياغا كىرىشى بىرلا ئادەم ئارقىلىق بولدى» ــ «بىرلا ئادەم ئارقىلىق» بولسا، ئادەمئاتىمىز ئارقىلىق، ئەلۋەتتە.   يار. 2‏:17؛ 3‏:6؛ 1كور. 15‏:21. 13 (چۈنكى تەۋرات قانۇنىدىن ئىلگىرىمۇ گۇناھ دۇنيادا بار ئىدى، ئەلۋەتتە؛ ھالبۇكى، قانۇن بولمىسا گۇناھنىڭ ھېسابى ئېلىنمايدۇ. 14 شۇنداقتىمۇ، ئۆلۈم ئادەمئاتا ۋاقتىدىن مۇسا پەيغەمبەر ۋاقتىغىچە ئىنسانلارغىمۇ ھۆكۈم سۈردى؛ ئۇلار گەرچە ئادەمئاتىنىڭ سادىر قىلغان ئىتائەتسىزلىكىدەك گۇناھ سادىر قىلمىغان بولسىمۇ، بۇ ئىنسانلارمۇ ئۆلۈم ھۆكۈمىدىن خالىي بولمىدى).
ئادەمئاتىنىڭ ئۆزى ــ كېيىن كېلىدىغان مەسىھنىڭ بىر بېشارەتلىك ئۈلگسىدۇر؛ «... شۇنداقتىمۇ، ئۆلۈم ئادەمئاتا ۋاقتىدىن مۇسا پەيغەمبەر ۋاقتىغىچە ئىنسانلارغىمۇ ھۆكۈم سۈردى؛ ئۇلار گەرچە ئادەمئاتىنىڭ سادىر قىلغان ئىتائەتسىزلىكىدەك گۇناھ سادىر قىلمىغان بولسىمۇ، بۇ ئىنسانلارمۇ ئۆلۈم ھۆكۈمىدىن خالىي بولمىدى)» ــ روسۇلنىڭ گېپى بويىچە، گۇناھ پەقەت ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم بولغاندىلا ئاندىن گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەلۇم بولۇش ئىككى يول بىلەن بولىدۇ: ــ (1) خۇدانىڭ ئىنسانغا بىۋاسىتە ئېيتقان سۆزلىرى، قانۇنى ئارقىلىق؛ (2) ئىنسانىڭ ۋىجدانى ئارقىلىق. ئادەمئاتىمىز خۇدانىڭ بىۋاسىتە بۇيرۇقىنى ئاڭلىغان ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەتسىزلىك قىلدى. ئادەمئاتىمىز ۋاقتىدىن مۇسا پەيغەمبەر ۋاقتىغىچە، يەنى تەۋرات قانۇنى بېرىلگۈچە، ئىنسانلار خۇدادىن بىۋاسىتە كەلگەن بىرەر قانۇننى كۆرمىگەن. ھالبۇكى، شۇ دەۋرلەردىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئۆلدى. ئۇلاردا خۇدانىڭ ئوچۇق كۆرسەتكەن قانۇنى بولمىسىمۇ، پاۋلۇس يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، خۇدانىڭ قانۇنىدىكى ئەخلاقىي تەلەپلەر ئۆز قەلب-ۋىجدانلىرىدا مەۋجۇت ئىدى. شۇنىڭ بىلەن شۇ دەۋرلەردىكىلەر «ئادەمئاتىمىزنىڭ ئىتائەتسىزلىكى» (يەنى خۇدانىڭ بىۋاسىتە بىر ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغان ئىتائەتسىزلىكى)دەك گۇناھ قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇلار گۇناھ سادىر قىلغىنىدا ۋىجدانى ئارقىلىق ئۇنى ئېنىق بىلىپ يەتكەن ۋە گۇناھ سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقانىدى. «ئادەمئاتىنىڭ ئۆزى ــ كېيىن كېلىدىغان مەسىھنىڭ بىر بېشارەتلىك ئۈلگسىدۇر» ــ ئادەمئاتىمىزنىڭ بىرلا قېتىملىق گۇناھى پۈتكۈل ئىنسانغا يامان تەسىر يەتكۈزگەندەك، مەسىھنىڭ شۇ بىر قېتىملىق ئىتائەت قىلغىنى (قۇربانلىقى قىلغىنى) پۈتكۈل ئىشەنگەن ئىنسانغا دەل ئۇنىڭ ئەكسىنى يەتكۈزىدۇ. 15 ھالبۇكى، خۇدانىڭ شاپائەتلىك سوۋغىتى ئادەمئاتىنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسىدۇر. چۈنكى بىرلا ئادەمنىڭ ئىتائەتسىزلىكى بىلەن نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن بولسا، ئەمدى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە شۇنىڭدەك بىرلا ئادەم، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق كەلگەن سوۋغات ئېشىپ-تېشىپ تۇرغاچقا، نۇرغۇن ئادەمگە يەتكۈزۈلۈپ تېخىمۇ زور نەتىجە ھاسىل قىلدى!
16 شۇ شاپائەتلىك سوۋغاتنىڭ نەتىجىسى بولسا، شۇ بىر ئادەمنىڭ گۇناھىنىڭ ئاقىۋىتىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ بىر قېتىم ئۆتكۈزگەن ئىتائەتسىزلىكىدىن چىقارغان ھۆكۈم ئىنسانلارنى گۇناھكار دەپ بېكىتكەن بولسىمۇ، ئەمما شۇ شاپائەتلىك سوۋغات بولسا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ نۇرغۇن ئىتائەتسىزلىكلىرىدىن «ھەققانىي قىلىنىش»قا ئېلىپ بارىدۇ. 17 ئەمدى بىر ئادەمنىڭ ئىتائەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن، ئەنە شۇ بىر ئادەم ئارقىلىق ئۆلۈم ھۆكۈمران بولغان يەردە، خۇدانىڭ مول مېھىر-شەپقىتىنى، شۇنداقلا ھەققانىيلىق بولغان شاپائەتلىك سوۋغىتىنى قوبۇل قىلغانلار بىر ئادەم، يەنى شۇ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھاياتتا شۇنچە غالىبانە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار بولمامدۇ! «شۇ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھاياتتا شۇنچە غالىبانە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار بولمامدۇ!» ــ «ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار» دېگەن ئىبارە: ــ بۇ دۇنيادا گۇناھ ئۈستىدىن، ئۆلۈم ئۈستىدىن، شەيتان قاتارلىقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ ھۆكۈمران بولۇشنى كۆرسەتسە كېرەك. كەلگۈسىدە، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى كەلگەندە شۇ ھۆكۈمرانلىقنىڭ باشقا تەرەپلىرىمۇ بولىدۇ.
18 شۇڭا، بىر قېتىملىق ئىتائەتسىزلىك تۈپەيلىدىن بارلىق ئىنسانلار گۇناھنىڭ جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان بولسا، ئوخشاشلا بىر قېتىملىق ھەققانىي ئەمەل بىلەن ھاياتلىق ئېلىپ كېلىدىغان ھەققانىيلىق پۈتكۈل ئىنسانلارغا يەتكۈزۈلگەن. 19 بىر ئادەمنىڭ بىر قېتىملىق ئىتائەتسىزلىكى ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەر دەرۋەقە گۇناھكار قىلىنىپ بېكىتىلگەندەك، بىر ئادەمنىڭ بىر قېتىملىق ئىتائەتمەنلىكى بىلەنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ھەققانىي قىلىنىپ بېكىتىلىدۇ. «بىر ئادەمنىڭ بىر قېتىملىق ئىتائەتسىزلىكى ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەر دەرۋەقە گۇناھكار قىلىنىپ بېكىتىلگەندەك، بىر ئادەمنىڭ بىر قېتىملىق ئىتائەتمەنلىكى بىلەنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ھەققانىي قىلىنىپ بېكىتىلىدۇ» ــ بۇ ئىنتايىن مۇھىم ئايەت، ئادەمئاتا «ئۆز ئىچىگە ئالغان» بارلىق ئىنسانلارغا گۇناھلىق تەبىئىتىنى يەتكۈزگەندەك، ئوخشاشلا مەسىھ ئەيسامۇ ئېتىقاد ئارقىلىق «ئۆز ئىچىگە ئالغان» بارلىق ئىنسانلارغا يېڭى ھەققانىي تەبىئىتىنى يەتكۈزىدۇ. ئادەمئاتا گۇناھكار ئىنسان ئائىلىسىنىڭ بېشى بولغان؛ مەسىھ ئەيسا يېڭى بىرخىل ئىنسان ئائىلىسىنىڭ بېشى ۋە ئۇنىڭ تۇنجى ئەزاسى ھەم ۋەكىلى بولدى. 20 ئەمدى تەۋرات قانۇنى ئىنساننىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرى كۆپرەك ئاشكارلىنىپ بىلىنسۇن دەپ كىرگۈزۈلگەنىدى. لېكىن گۇناھ قەيەردە كۆپەيگەن بولسا، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىمۇ شۇ يەردە تېخىمۇ ئېشىپ تاشتى. لۇقا 7‏:47؛ يـۇھ. 15‏:22؛ رىم. 4‏:15؛ 7‏:8؛ گال. 3‏:19 21 شۇنىڭدەك، گۇناھ ئىنسانىيەتنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۇلارنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارغىنىدەك، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ھەققانىيلىققا ئاساسلىنىپ ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئىنساننى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشتۈرىدۇ.
 
 

5:1 يەش. 32‏:17؛ يـۇھ. 16‏:33؛ ئ‍ەف. 2‏:13.

5:2 يـۇھ. 10‏:9؛ 14‏:6؛ 1كور. 15‏:1؛ ئ‍ەف. 2‏:18؛ 3‏:12؛ ئىبر. 3‏:6؛ 10‏:19.

5:3‏-4 «مۈشكۈل ئەھۋاللار ئىچىدە شادلىنىمىز» ــ ياكى «مۈشكۈل ئەھۋاللاردىن تەنتەنە قىلىمىز».

5:3‏-4 ياق. 1‏:3.

5:5 «ۋە بۇ ئۈمىد بىزنى يەرگە قارىتىپ قويمايدۇ، چۈنكى بىزگە ئاتا قىلىنغان مۇقەددەس روھ ئارقىلىق خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئاللىبۇرۇن قەلبىمىزگە قۇيۇلۇپ ئېشىپ تاشتى» ــ ئىنساننىڭ خۇداغا باغلىغان ھەرقانداق ئۈمىدى، ئۇنىڭ بىزگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ بار-يوق ئىكەنلىكىگە زىچ باغلىنىدۇ، ئەلۋەتتە. ئەگەر بىز «خۇدا بىزنى سۆيىدۇ» دەپ بىلسەك ھەمدە خۇدانىڭ مۇھەببىتى ئۆز ۋۇجۇدىمىزدا پەيدا بولغان بولسا، ھەرقانداق زور ئۈمىدلەرمۇ بولىدۇ.

5:6 «چۈنكى بىز پەقەت ئامالسىز قالغىنىمىزدا...» ــ «ئامالسىز» ــ ئۆزىمىزنى گۇناھتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئامالسىز.

5:6 ئ‍ەف. 2‏:1؛ كول. 2‏:13؛ ئىبر. 9‏:15؛ 1پېت. 3‏:18.

5:8 ئىبر. 9‏:15؛ 1پېت. 3‏:18.

5:9 «ئەمدى ئۇ ئارقىلىق كېلىدىغان غەزەپتىن قۇتۇلۇشىمىز تېخىمۇ جەزمەندۇر» ــ «كېلىدىغان غەزەپ» خۇدانىڭ گۇناھلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدىغان غەزىپى.

5:10 «چۈنكى بۇرۇن خۇداغا دۈشمەن بولغان بولساقمۇ، ئوغلىنىڭ ئۆلۈمى ئارقىلىق بىزنى ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرغان يەردە، ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەمدى ئوغلىنىڭ ھاياتى ئارقىلىق بىز تېخىمۇ قۇتۇلدۇرۇلمامدۇق؟!» ــ خۇدانىڭ نىجاتىدا «قۇتۇلۇش» پەقەت دوزاختىن قۇتۇلۇش ئەمەس، گۇناھنىڭ بارلىق ئاسارەتلىرىدىن ئازاد بولۇپ يېڭى ئەھمىيەتلىك ھاياتتىن بەھرىمەن بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.

5:11 «ئۇ ئارقىلىقمۇ خۇدانىڭ ئۆزىدىن شادلىنىمىز» ــ «خۇدانىڭ ئۆزىدىن شادلىنىمىز» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل مەنىسى باركى، «خۇدانى قاتتىق داڭلايمىز».

5:12 «شۇنىڭدەك، گۇناھنىڭ دۇنياغا كىرىشى بىرلا ئادەم ئارقىلىق بولدى» ــ «بىرلا ئادەم ئارقىلىق» بولسا، ئادەمئاتىمىز ئارقىلىق، ئەلۋەتتە.

5:12 يار. 2‏:17؛ 3‏:6؛ 1كور. 15‏:21.

5:14 «... شۇنداقتىمۇ، ئۆلۈم ئادەمئاتا ۋاقتىدىن مۇسا پەيغەمبەر ۋاقتىغىچە ئىنسانلارغىمۇ ھۆكۈم سۈردى؛ ئۇلار گەرچە ئادەمئاتىنىڭ سادىر قىلغان ئىتائەتسىزلىكىدەك گۇناھ سادىر قىلمىغان بولسىمۇ، بۇ ئىنسانلارمۇ ئۆلۈم ھۆكۈمىدىن خالىي بولمىدى)» ــ روسۇلنىڭ گېپى بويىچە، گۇناھ پەقەت ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم بولغاندىلا ئاندىن گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەلۇم بولۇش ئىككى يول بىلەن بولىدۇ: ــ (1) خۇدانىڭ ئىنسانغا بىۋاسىتە ئېيتقان سۆزلىرى، قانۇنى ئارقىلىق؛ (2) ئىنسانىڭ ۋىجدانى ئارقىلىق. ئادەمئاتىمىز خۇدانىڭ بىۋاسىتە بۇيرۇقىنى ئاڭلىغان ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەتسىزلىك قىلدى. ئادەمئاتىمىز ۋاقتىدىن مۇسا پەيغەمبەر ۋاقتىغىچە، يەنى تەۋرات قانۇنى بېرىلگۈچە، ئىنسانلار خۇدادىن بىۋاسىتە كەلگەن بىرەر قانۇننى كۆرمىگەن. ھالبۇكى، شۇ دەۋرلەردىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئۆلدى. ئۇلاردا خۇدانىڭ ئوچۇق كۆرسەتكەن قانۇنى بولمىسىمۇ، پاۋلۇس يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، خۇدانىڭ قانۇنىدىكى ئەخلاقىي تەلەپلەر ئۆز قەلب-ۋىجدانلىرىدا مەۋجۇت ئىدى. شۇنىڭ بىلەن شۇ دەۋرلەردىكىلەر «ئادەمئاتىمىزنىڭ ئىتائەتسىزلىكى» (يەنى خۇدانىڭ بىۋاسىتە بىر ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغان ئىتائەتسىزلىكى)دەك گۇناھ قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇلار گۇناھ سادىر قىلغىنىدا ۋىجدانى ئارقىلىق ئۇنى ئېنىق بىلىپ يەتكەن ۋە گۇناھ سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقانىدى. «ئادەمئاتىنىڭ ئۆزى ــ كېيىن كېلىدىغان مەسىھنىڭ بىر بېشارەتلىك ئۈلگسىدۇر» ــ ئادەمئاتىمىزنىڭ بىرلا قېتىملىق گۇناھى پۈتكۈل ئىنسانغا يامان تەسىر يەتكۈزگەندەك، مەسىھنىڭ شۇ بىر قېتىملىق ئىتائەت قىلغىنى (قۇربانلىقى قىلغىنى) پۈتكۈل ئىشەنگەن ئىنسانغا دەل ئۇنىڭ ئەكسىنى يەتكۈزىدۇ.

5:17 «شۇ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھاياتتا شۇنچە غالىبانە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار بولمامدۇ!» ــ «ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار» دېگەن ئىبارە: ــ بۇ دۇنيادا گۇناھ ئۈستىدىن، ئۆلۈم ئۈستىدىن، شەيتان قاتارلىقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ ھۆكۈمران بولۇشنى كۆرسەتسە كېرەك. كەلگۈسىدە، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى كەلگەندە شۇ ھۆكۈمرانلىقنىڭ باشقا تەرەپلىرىمۇ بولىدۇ.

5:19 «بىر ئادەمنىڭ بىر قېتىملىق ئىتائەتسىزلىكى ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەر دەرۋەقە گۇناھكار قىلىنىپ بېكىتىلگەندەك، بىر ئادەمنىڭ بىر قېتىملىق ئىتائەتمەنلىكى بىلەنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ھەققانىي قىلىنىپ بېكىتىلىدۇ» ــ بۇ ئىنتايىن مۇھىم ئايەت، ئادەمئاتا «ئۆز ئىچىگە ئالغان» بارلىق ئىنسانلارغا گۇناھلىق تەبىئىتىنى يەتكۈزگەندەك، ئوخشاشلا مەسىھ ئەيسامۇ ئېتىقاد ئارقىلىق «ئۆز ئىچىگە ئالغان» بارلىق ئىنسانلارغا يېڭى ھەققانىي تەبىئىتىنى يەتكۈزىدۇ. ئادەمئاتا گۇناھكار ئىنسان ئائىلىسىنىڭ بېشى بولغان؛ مەسىھ ئەيسا يېڭى بىرخىل ئىنسان ئائىلىسىنىڭ بېشى ۋە ئۇنىڭ تۇنجى ئەزاسى ھەم ۋەكىلى بولدى.

5:20 لۇقا 7‏:47؛ يـۇھ. 15‏:22؛ رىم. 4‏:15؛ 7‏:8؛ گال. 3‏:19