8
مۇقەددەس روھتىكى ھاياتلىق قانۇنىيىتى
خۇلاسىلىساق، مەسىھ ئەيسادا بولغانلار گۇناھنىڭ جازاسىغا مەھكۇم بولمايدۇ. چۈنكى مەسىھ ئەيسادا بولغان ھاياتلىقنى بەخش ئېتىدىغان روھنىڭ قانۇنىيىتى ئادەمنى گۇناھقا ۋە ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان قانۇنىيەتتىن سىلەرنى خالاس قىلدى. «سىلەرنى خالاس قىلدى» ــ بەزى كونا كۆچۈرمە ئورام يازمىلاردا «مېنى خالاس قىلدى» دەپ يېزىلىدۇ.   يـۇھ. 8‏:36؛ رىم. 6‏:18، 22؛ گال. 5‏:1. چۈنكى گۇناھلىق ئەت ئېلىپ كېلىدىغان ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن تەۋرات قانۇنى قىلالمىغاننى خۇدانىڭ ئۆزى قىلدى؛ ئۇ ئۆز ئوغلىنى گۇناھكار ئەتلىك قىياپەتتە گۇناھنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئەتتىكى مەۋجۇت گۇناھنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىۋەتتى؛ «ئۇ (خۇدا) ئۆز ئوغلىنى گۇناھكار ئەتلىك قىياپەتتە گۇناھقا قۇربانلىق سۈپىتىدە گۇناھنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئەۋەتىپ» ــ ئەيسا مەسىھ پۈتۈنلەي ئىنسان بولدى، ئۇنىڭ تېنى بىزنىڭ تېنىمىزگە ئوخشاش، بىراق ئۇنىڭ ئېتى «گۇناھكار ئەت» ئەمەس ئىدى؛ شۇڭا پاۋلۇس ئۇنىڭ: «گۇناھكار ئەتكە ئوخشايدىغان ئەتلىك قىياپەت»لىك تەندە دۇنياغا كەلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.   روس. 13‏:39؛ رىم. 3‏:28؛ گال. 2‏:16؛ ئىبر. 7‏:18. بۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس قانۇننىڭ ھەققانىي تەلىپى ئەتكە ئەگەشمەيدىغان، بەلكى روھقا ئەگىشىپ ماڭىدىغان بىزلەردە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. «مۇقەددەس قانۇننىڭ ھەققانىي تەلىپى... (مۇقەددەس) روھقا ئەگىشىپ ماڭىدىغان بىزلەردە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ» ــ «قانۇننىڭ ھەققانىي تەلىپى» ــ كىرىش سۆزىمىزدە «ئىشەنگۈچىلەرنىڭ تەۋرات قانۇنى بىلەن مۇناسىۋىتى توغرۇلۇق» يازغىنىمىزنى كۆرۈڭ.
چۈنكى ئەتكە بويسۇنىدىغانلار ئەتكە خاس ئىشلارنىڭ ئويىدا يۈرىدۇ؛ مۇقەددەس روھقا بويسۇنىدىغانلار بولسا، شۇ روھقا ئائىت ئىشلارنىڭ ئويىدا يۈرىدۇ. «مۇقەددەس روھ» ــ گرېك تىلىدا «روھ». 6-، 13-، 23-، 26- ۋە 27-ئايەتتىمۇ شۇنداق.   1كور. 2‏:14. ئەتتىكى ئوي-نىيەتلەر ئادەمنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ؛ مۇقەددەس روھقا ئائىت ئوي-نىيەتلەر ھاياتلىق ۋە خاتىرجەم-ئامانلىقتۇر؛ چۈنكى ئەتتىكى ئوي-نىيەتلەر خۇداغا دۈشمەنلىكتۇر؛ چۈنكى ئەت خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنمايدۇ ھەم ھەتتا ئۇنىڭغا بويسۇنۇشى مۇمكىن ئەمەس؛ ئەتتە بولغانلار خۇدانى خۇرسەن قىلالمايدۇ.
ئەمما سىلەرگە كەلسەك، پەقەت خۇدانىڭ روھى دەرۋەقە ئىچىڭلاردا ياشاۋاتقان بولسا، سىلەر ئەتتە ئەمەس، بەلكى روھتا ياشايسىلەر. ئەمما مەسىھنىڭ روھىغا ئىگە بولمىغان ئادەم بولسا، ئۇ مەسىھكە مەنسۇپلاردىن ئەمەس. 1كور. 3‏:16. 10 لېكىن مەسىھ قەلبىڭلاردا بولسا، تېنىڭلار گۇناھ تۈپەيلىدىن ئۆلۈمنىڭ ئىلكىدە بولسىمۇ، ھەققانىيلىق تۈپەيلىدىن روھىڭلار ھاياتتۇر. «لېكىن مەسىھ قەلبىڭلاردا بولسا، تېنىڭلار گۇناھ تۈپەيلىدىن ئۆلۈمنىڭ ئىلكىدە بولسىمۇ، ھەققانىيلىق تۈپەيلىدىن روھىڭلار ھاياتتۇر» ــ دېمەك، بىرسى ئېتىقاد ئارقىلىق خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىغا ئېرىشكەن بولسا، شۇ ھامان مەڭگۈلۈك ھايات ئۇنىڭ روھىدا باشلىنىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ھەققانىيلىق تۈپەيلىدىن (مۇقەددەس) روھ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلار بولدى». 11 ھالبۇكى، ئۆلگەن ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچىنىڭ ئۆزىدىكى روھ سىلەردە ياشىسا، مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى قەلبىڭلاردا ياشاۋاتقان روھى ئارقىلىق ئۆلىدىغان تېنىڭلارنىمۇ ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. «مەسىھ ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى» ــ خۇدا، ئەلۋەتتە. «ھالبۇكى، ئۆلگەن ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچىنىڭ ئۆزىدىكى روھ سىلەردە ياشىسا، مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى قەلبىڭلاردا ياشاۋاتقان روھى ئارقىلىق ئۆلىدىغان تېنىڭلارنىمۇ ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ» ــ بۇ باياننى ئىككى تەرەپتە چۈشەنگىلى بولىدۇ: (1) خۇدا قىيامەت كۈنىدە بۇ دۇنيادا ئۆلىدىغان تېنىمىزنى تىرىلدۈرىدۇ؛ (2) تېنىمىز بۇ دۇنيادا گۇناھ تۈپەيلىدىن «ئۆلۈمگە مەھكۇم بولغان» (10-ئايەت)، لېكىن خۇدا بىزگە ئۆز روھى ئارقىلىق ھايات ئۆتكۈزۈپ، تېنىمىزنى كۈچەيتىپ جانلاندۇرىدۇ. بىزنىڭچە ھەر ئىككى مەنىسى توغرىدۇر.   رىم. 6‏:4، 5؛ 1كور. 6‏:14؛ 2كور. 4‏:14؛ ئ‍ەف. 2‏:5؛ كول. 2‏:13.
12 شۇنىڭ ئۈچۈن، قېرىنداشلار، بىز ئەتكە قەرزدار ئەمەس، يەنى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ياشاشقا قەرزدار ئەمەسمىز. 13 چۈنكى ئەتكە ئەگىشىپ ياشىساڭلار، ھالاك بولىسىلەر؛ لېكىن مۇقەددەس روھقا تايىنىپ ئەتتىكى قىلمىشلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلساڭلار، ياشايسىلەر. «... ئەتكە ئەگىشىپ ياشىساڭلار، ھالاك بولىسىلەر» ــ گرېك تىلىدا «... ئەتكە ئەگىشىپ ياشىساڭلار، ئۆلىسىلەر». 14 چۈنكى كىملەركى خۇدانىڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشىسا، شۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇر. گال. 5‏:18. 15 چۈنكى سىلەر قوبۇل قىلغان روھ قۇللۇققا ئائىت ئەمەس، شۇنداقلا سىلەرنى قايتا قورقۇنچقا سالغۇچى بىرخىل روھ ئەمەس، بەلكى سىلەر ئوغۇللۇققا ئېلىپ بارىدىغان روھنى قوبۇل قىلغانسىلەر؛ ئۇ ئارقىلىق «ئاببا، ئاتا!» دەپ نىدا قىلىمىز. «...سىلەر ئوغۇللۇققا ئېلىپ بارىدىغان روھنى قوبۇل قىلغانسىلەر» ــ «ئوغۇللۇققا ئېلىپ بارىدىغان» ــ «خۇداغا ئوغۇل بولۇشقا ئېلىپ بارىدىغان»، دېمەك. گرېك تىلىدا بۇ سۆز ئادەتتە بىرسىنىڭ يېتىم بالىنى ئۆز ئوغلۇم دەپ قوبۇل قىلىپ بېقىۋېلىشىنى كۆرسىتىدۇ. «ئۇ ئارقىلىق «ئاببا، ئاتا!» دەپ نىدا قىلىمى» ــ «ئاببا» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلى بولۇپ، «سۆيۈملۈك ئاتا» دېگەن مەنىدە. «ئاببا» ھەم سۆيۈملۈك مۇناسىۋەتنى ھەم ھۆرمەتنى بىلدۈرىدۇ. پاۋلۇس ئىبرانىي تىلىدىكى بۇ سۆزنى گرېك تىلىدا سۆزلەيدىغان رىم شەھىرىدىكى ئېتىقادچىلارغا مۇشۇ يەردە تونۇشتۇرىدۇ.   يەش. 56‏:5؛ 1كور. 2‏:12؛ گال. 3‏:26؛ 4‏:5، 6؛ 2تىم. 1‏:7. 16 روھ بىزنىڭ ئۆز روھىمىز بىلەن بىللە بىزنىڭ خۇدانىڭ بالىلىرى ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. 2كور. 1‏:22؛ 5‏:5؛ ئ‍ەف. 1‏:13؛ 4‏:30. 17 خۇدانىڭ بالىلىرى ئىكەنمىز، ئەمدى مىراسخورلارمۇ بولىمىز ــ خۇدانىڭ مىراسخورلىرى ھەمدە مەسىھ بىلەن تەڭ مىراسخور بولىمىز ــ پەقەتلا ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئازاب-ئوقۇبەت تارتساقلا، ئۇنىڭ بىلەن شان-شەرەپتىن تەڭ بەھرىمەن بولىمىز. 2تىم. 2‏:11،12.
 
كەلگۈسىدىكى شان-شەرەپ
18 چۈنكى مەن ھازىرقى ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ كەلگۈسىدە بىزدە ئاشكارىلىنىدىغان شان-شەرەپلەرگە ھېچ سېلىشتۇرغۇچىلىقى يوق دەپ ھېسابلايمەن. «كەلگۈسىدە بىزدە ئاشكارىلىنىدىغان شان-شەرەپلەرگە ھېچ سېلىشتۇرغۇچىلىقى يوق» ــ «ھېچ سېلىشتۇرغۇچىلىقى يوق» گرېك تىلىدا «سېلىشتۇرۇشقا ئەرزىمەيدۇ». «بىزدە ئاشكارىلىنىدىغان شان-شەرەپلەر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بىزگە ئاشكارىلىنىدىغان شان-شەرەپلەر...». بىراق كېيىنكى ئايەتكە قارىغاندا تەرجىمىمىز توغرىدۇر.   مات. 5‏:12؛ 2كور. 4‏:10، 17؛ فىل. 3‏:20؛ 1پېت. 4‏:13؛ 1يۇھ. 3‏:1، 2. 19 چۈنكى پۈتكۈل كائىنات خۇدانىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئايان قىلىنىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتە. 20‏-21 چۈنكى يارىتىلغان كائىنات خۇدانىڭ لەنىتى ئاستىدا قېلىپ، بىمەنىلىككە چۆكتۈرۈلدى. بۇ، كائىناتنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنى چۆكتۈرگۈچىنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولدى ۋە شۇنداق ئۈمىدى بىلەن بولدىكى، كائىنات ئۆزىمۇ چىرىشتىن بولغان قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇلۇپ، خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىگە بېغىشلىنىدىغان شان-شەرەپكە تەۋە بولغان ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈلۈشتىن ئىبارەت ئىدى.
22 چۈنكى پۈتكۈل كائىناتنىڭ ھازىرغىچە نالە-پەرياد كۆتۈرۈپ، تۇغۇت تولغىقىنىڭ ئازابىنى بىرلىكتە تارتىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. ۋەھ. 5‏:13 23 يالغۇز كائىنات ئەمەس، ھەتتا بىزمۇ، يەنى مۇقەددەس روھنىڭ تۇنجى چىقارغان مېۋىسىدىن بەھرىمەن بولغان بىزلەرمۇ دىلىمىزدا نالە-پەرياد كۆتۈرمەكتىمىز ھەمدە خۇدانىڭ ئوغۇللىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشىمىزنى، يەنى تېنىمىزنىڭ نىجاتنىڭ ھۆرلۈكىگە چىقىرىلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز. «...خۇدانىڭ ئوغۇللىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشىمىز...» ــ گرېك تىلىدا «ئوغۇللۇققا قوبۇل قىلىنىشىمىزنى». «يالغۇز كائىنات ئەمەس، ھەتتا بىزمۇ، يەنى مۇقەددەس روھنىڭ تۇنجى چىقارغان مېۋىسىدىن بەھرىمەن بولغان بىزلەرمۇ دىلىمىزدا نالە-پەرياد كۆتۈرمەكتىمىز ھەمدە (خۇدانىڭ) ئوغۇللىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشىمىزنى، يەنى تېنىمىزنىڭ نىجاتنىڭ ھۆرلۈكىگە چىقىرىلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز» ــ بۇ ئايەتتىكى ئۈچ نۇقتا توغرۇلۇق توختىلىمىز؛ (1) «مۇقەددەس روھنىڭ تۇنجى چىقارغان مېۋىسى»؛ بۇ ئىبارىنىڭ بەلكىم ئىككى جەھەتى بار: (ئا) مۇقەددەس روھ بارلىق ئىشەنگۈچىلەردە خۇدانىڭ مېۋىسىنى، يەنى مۇھەببەت، شادلىق، خاتىرجەملىك قاتارلىقلارنى چىقىرىدۇ؛ بۇ مېۋە بولسا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ بۇ دۇنيادا چىقارغان تۇنجى مېۋىسىدۇر ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ رېئاللىقىغا ئىسپات بولىدۇ (17:14نى كۆرۈڭ)؛ (ئە) ئىشەنگۈچىلەر ئۆزلىرىدە چىقىرىلغان بۇ مېۋىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ كەلگۈسىدە پۈتكۈل دۇنياغا، جۈملىدىن ئۆزلىرىنىڭ ھەممىسى ئۈستىگە تولۇق ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقىغا ئىسپات ھەم كاپالەت دەپ بىلىدۇ؛ (2) «ئوغۇل سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىش» ــ كونا زامانلاردا مۆتىۋەر ئادەم مەلۇم نامرات ياكى «جەمئىيەتتە ئورنى يوق» بىر ياش كىشىنى بېقىۋالماقچى بولسا، جامائەتنى چوڭ سورۇنغا چاقىرىپ ئۇنى «ئۆز ئوغلۇم»، «ئۆز قىزىم» دەپ جاكارلايتتى. روسۇل خۇدامۇ كەلگۈسىدە ئالەم ئالدىدا ئىشەنگۈچىلەرنى «ئۆز ئوغلۇم» دەپ شۇنداق جاكارلايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكچى. (3) «تېنىمىزنىڭ نىجاتتىكى ھۆرلۈككە چىقىرىلىشى» ــ ھازىر ئىشەنگۈچىلەرگە خۇدانىڭ نىجات-ئىلتىپاتى بىلەن يېڭى روھى، يېڭى قەلبى بار؛ مەسىھ ئەيسا بىز ئۈچۈن ئېرىشكەن نىجاتتا يەنە «يېڭى تېنىمىز»مۇ بار، قىيامەت كۈنىدە ئۇنى ئۇ بىزگە بېرىدۇ.   لۇقا 21‏:28.
24 بىز ئۈمىدكە باغلانغاچقا، قۇتقۇزۇلغانىكەنمىز. لېكىن ئۈمىد قىلىنغان نەرسە كۆرۈلگەن بولسا، ئۇ يەنە ئۈمىد بولامدۇ؟ كىممۇ كۆز ئالدىدىكى نەرسىنى ئۈمىد قىلسۇن؟ 25 بىراق، تېخى كۆرمىگىنىمىزگە ئۈمىد باغلىغانىكەنمىز، ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈشىمىز كېرەكتۇر.
26 شۇنىڭدەك، ئىنسانىي ئاجىزلىقىمىزدا مۇقەددەس روھ كېلىپ بىزگە ياردەم قىلىدۇ؛ چۈنكى قانداق دۇئا قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلمەيمىز. لېكىن روھنىڭ ئۆزى ئىپادىلىگۈسىز نالە-پەرياد بىلەن بىز ئۈچۈن خۇدانىڭ ئالدىدا تۇرۇپ دۇئا-تىلاۋەت قىلماقتا. «...ئىنسانىي ئاجىزلىقىمىزدا (مۇقەددەس) روھ كېلىپ بىزگە ياردەم قىلىدۇ... » ــ «مۇقەددەس روھ» ــ گرېك تىلىدا پەقەت «روھ» دېيىلىدۇ.   مات. 20‏:22؛ ياق. 4‏:3. 27 ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى ئىنچىكىلەپ كۆزىتىپ قارىغۇچى بولسا، مۇقەددەس روھنىڭ ئوي-نىيەتلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە مۇقەددەس بەندىلىرى ئۈچۈن خۇدانىڭ ئالدىدا دۇئا قىلىپ ئۆتۈنمەكتە. 28 شۇنداقلا شۇنى بىلىمىزكى، پۈتكۈل ئىشلار خۇدانى سۆيىدىغانلارنىڭ، يەنى ئۇنىڭ مەقسەت-مۇددىئاسى بويىچە چاقىرىلغانلارنىڭ بەخت-بەرىكىتىگە بىرلىكتە خىزمەت قىلماقتا. 29 چۈنكى خۇدا ئالدىن كۆڭلىگە پۈككەنكىشىلەرنى، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە ئۆز ئوغلىنىڭ ئوبرازىغا ئوخشاش بولىدىغىنىنى، ئوغلىنىڭ نۇرغۇن قېرىنداشلىرى ئارىسىدىكى تۇنجى ئوغلى بولىدىغىنىنى ئالدىن بەلگىلىگەن. «خۇدا... ئوغلىنىڭ نۇرغۇن قېرىنداشلىرى ئارىسىدىكى تۇنجى ئوغلى بولىدىغىنىنى ئالدىن بەلگىلىگەن» ــ «تۇنجى ئوغۇل» بىرىنچى ئورۇندا، مۇشۇ يەردە پۈتكۈل ئالەمدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەلۋەتتە. «زەب.» 27:89نى كۆرۈڭ.   كول. 1‏:18. 30 ئالدىن بېكىتكەن كىشىلەرنى ئۇ چاقىردى، چاقىرغان كىشىلەرنى ئۇ ھەققانىي قىلدى؛ ھەققانىي قىلغانلارغا ئۇ شان-شەرەپ ئاتا قىلدى.
 
خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنىڭ كۈچلۈكلىكى
31 ئۇنداقتا، بۇ ئىشلارغا يەنە نېمە دەيلى؟ خۇدا بىز تەرەپتە تۇرغانىكەن، كىممۇ بىزگە قارشى چىقالىسۇن؟! چۆل. 14‏:8. 32 ئۆز ئوغلىنىمۇ ئايىماي، ئۇنى ھەممىمىز ئۈچۈن پىدا يولىغا تاپشۇرغان خۇدا، ئۇنىڭغا قوشۇپ ھەممىنى بىزگە شەرتسىز ئاتا قىلماي قالارمۇ؟ يار. 22‏:12؛ يەش. 53‏:5؛ يـۇھ. 3‏:16. 33 كىممۇ خۇدانىڭ تاللىغانلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلالىسۇن؟! خۇدا ھەققانىي قىلغان يەردە، يەش. 50‏:8. 34 كىممۇ گۇناھقا مەھكۇم قىلالىسۇن؟ ئۆلگەن، شۇنداقلا تىرىلگەن ۋە خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقان، ھەمدە بىز ئۈچۈن خۇدانىڭ ئالدىدا تۇرۇپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتقان مەسىھ شۇنداق قىلارمۇ؟! «ئۆلگەن، شۇنداقلا تىرىلگەن ۋە خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقان، ھەمدە بىز ئۈچۈن ... دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتقان مەسىھ» ــ «خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا» بولسا ئالەمنىڭ ئەڭ يۇقىرى جايى، ھەممىنى باشقۇرىدىغان يەر.   ئىبر. 7‏:25. 35 كىم بىزنى مەسىھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن ئايرىۋېتەلىسۇن؟ جاپا-مۇشەققەتمۇ، دەرد-ئەلەممۇ، زىيانكەشلىكمۇ، ئاچارچىلىقمۇ، يالىڭاچلىقمۇ، خېيىم-خەتەرمۇ ياكى قىلىچمۇ؟ 36  مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنىدەك: ــ
«سېنى دەپ كۈن بويى قىرىلماقتىمىز،
بوغۇزلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان قويلاردەك ھېسابلانماقتىمىز». «سېنى دەپ كۈن بويى قىرىلماقتىمىز، بوغۇزلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان قويلاردەك ھېسابلانماقتىمىز» ــ «زەب.» 22:44 ــ نەقىل كۆلتۈرۈلگەن بۇ ئايەت بويىچە ئىشەنگۈچىلەر خۇدانىڭ يولىدا، خۇدانى دەپ كۆپ جاپا-مۇشەققەتلەرگە ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى مۇمكىن.   زەب. 44‏:22؛ 1كور. 4‏:9؛ 2كور. 4‏:11.
37 بىراق بىزنى سۆيگۈچىگە تايىنىپ بۇلارنىڭ ھەممىسىدە غالىپلارنىڭ غالىپى بولماقتىمىز؛ 38 شۇنىڭغا قەتئىي قايىل قىلىندىمكى، مەيلى ئۆلۈم بولسۇن ھاياتلىق بولسۇن، پەرىشتىلەر بولسۇن جىن-شەيتان ھۆكۈمرانلار بولسۇن، ھازىرقى ئىشلار ياكى كەلگۈسىدىكى ئىشلار بولسۇن، ھەرقانداق روھىي كۈچلەر بولسۇن، «پەرىشتىلەر بولسۇن جىن-شەيتان ھۆكۈمرانلار بولسۇن،...» ــ «جىن-شەيتان ھۆكۈمرانلار» بولسا گرېك تىلىدا پەقەت «ھۆكۈمرانلار»لا دېيىلىدۇ. ئىنجىلدا بۇ سۆز ئادەتتە جىن-شەيتانلارنى كۆرسىتىدۇ («ئەف.» 12:6نى كۆرۈڭ). «ھەرقانداق روھىي كۈچلەر بولسۇن» ــ گرېك تىلىدا «ھەرقانداق كۈچلەر بولسۇن». 39 پەلەك بولسۇن ھاڭ بولسۇن، شۇنداقلا پۈتكۈل كائىناتتا يارىتىلغان ھەرقانداق باشقا بىر شەيئى بولسۇن، بىزنى رەببىمىز مەسىھ ئەيسادا بولغان خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن ھېچقاچان ئايرىۋەتكۈچى بولالمايدۇ.
 
 

8:2 «سىلەرنى خالاس قىلدى» ــ بەزى كونا كۆچۈرمە ئورام يازمىلاردا «مېنى خالاس قىلدى» دەپ يېزىلىدۇ.

8:2 يـۇھ. 8‏:36؛ رىم. 6‏:18، 22؛ گال. 5‏:1.

8:3 «ئۇ (خۇدا) ئۆز ئوغلىنى گۇناھكار ئەتلىك قىياپەتتە گۇناھقا قۇربانلىق سۈپىتىدە گۇناھنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئەۋەتىپ» ــ ئەيسا مەسىھ پۈتۈنلەي ئىنسان بولدى، ئۇنىڭ تېنى بىزنىڭ تېنىمىزگە ئوخشاش، بىراق ئۇنىڭ ئېتى «گۇناھكار ئەت» ئەمەس ئىدى؛ شۇڭا پاۋلۇس ئۇنىڭ: «گۇناھكار ئەتكە ئوخشايدىغان ئەتلىك قىياپەت»لىك تەندە دۇنياغا كەلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

8:3 روس. 13‏:39؛ رىم. 3‏:28؛ گال. 2‏:16؛ ئىبر. 7‏:18.

8:4 «مۇقەددەس قانۇننىڭ ھەققانىي تەلىپى... (مۇقەددەس) روھقا ئەگىشىپ ماڭىدىغان بىزلەردە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ» ــ «قانۇننىڭ ھەققانىي تەلىپى» ــ كىرىش سۆزىمىزدە «ئىشەنگۈچىلەرنىڭ تەۋرات قانۇنى بىلەن مۇناسىۋىتى توغرۇلۇق» يازغىنىمىزنى كۆرۈڭ.

8:5 «مۇقەددەس روھ» ــ گرېك تىلىدا «روھ». 6-، 13-، 23-، 26- ۋە 27-ئايەتتىمۇ شۇنداق.

8:5 1كور. 2‏:14.

8:9 1كور. 3‏:16.

8:10 «لېكىن مەسىھ قەلبىڭلاردا بولسا، تېنىڭلار گۇناھ تۈپەيلىدىن ئۆلۈمنىڭ ئىلكىدە بولسىمۇ، ھەققانىيلىق تۈپەيلىدىن روھىڭلار ھاياتتۇر» ــ دېمەك، بىرسى ئېتىقاد ئارقىلىق خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىغا ئېرىشكەن بولسا، شۇ ھامان مەڭگۈلۈك ھايات ئۇنىڭ روھىدا باشلىنىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ھەققانىيلىق تۈپەيلىدىن (مۇقەددەس) روھ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلار بولدى».

8:11 «مەسىھ ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى» ــ خۇدا، ئەلۋەتتە. «ھالبۇكى، ئۆلگەن ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچىنىڭ ئۆزىدىكى روھ سىلەردە ياشىسا، مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى قەلبىڭلاردا ياشاۋاتقان روھى ئارقىلىق ئۆلىدىغان تېنىڭلارنىمۇ ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ» ــ بۇ باياننى ئىككى تەرەپتە چۈشەنگىلى بولىدۇ: (1) خۇدا قىيامەت كۈنىدە بۇ دۇنيادا ئۆلىدىغان تېنىمىزنى تىرىلدۈرىدۇ؛ (2) تېنىمىز بۇ دۇنيادا گۇناھ تۈپەيلىدىن «ئۆلۈمگە مەھكۇم بولغان» (10-ئايەت)، لېكىن خۇدا بىزگە ئۆز روھى ئارقىلىق ھايات ئۆتكۈزۈپ، تېنىمىزنى كۈچەيتىپ جانلاندۇرىدۇ. بىزنىڭچە ھەر ئىككى مەنىسى توغرىدۇر.

8:11 رىم. 6‏:4، 5؛ 1كور. 6‏:14؛ 2كور. 4‏:14؛ ئ‍ەف. 2‏:5؛ كول. 2‏:13.

8:13 «... ئەتكە ئەگىشىپ ياشىساڭلار، ھالاك بولىسىلەر» ــ گرېك تىلىدا «... ئەتكە ئەگىشىپ ياشىساڭلار، ئۆلىسىلەر».

8:14 گال. 5‏:18.

8:15 «...سىلەر ئوغۇللۇققا ئېلىپ بارىدىغان روھنى قوبۇل قىلغانسىلەر» ــ «ئوغۇللۇققا ئېلىپ بارىدىغان» ــ «خۇداغا ئوغۇل بولۇشقا ئېلىپ بارىدىغان»، دېمەك. گرېك تىلىدا بۇ سۆز ئادەتتە بىرسىنىڭ يېتىم بالىنى ئۆز ئوغلۇم دەپ قوبۇل قىلىپ بېقىۋېلىشىنى كۆرسىتىدۇ. «ئۇ ئارقىلىق «ئاببا، ئاتا!» دەپ نىدا قىلىمى» ــ «ئاببا» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلى بولۇپ، «سۆيۈملۈك ئاتا» دېگەن مەنىدە. «ئاببا» ھەم سۆيۈملۈك مۇناسىۋەتنى ھەم ھۆرمەتنى بىلدۈرىدۇ. پاۋلۇس ئىبرانىي تىلىدىكى بۇ سۆزنى گرېك تىلىدا سۆزلەيدىغان رىم شەھىرىدىكى ئېتىقادچىلارغا مۇشۇ يەردە تونۇشتۇرىدۇ.

8:15 يەش. 56‏:5؛ 1كور. 2‏:12؛ گال. 3‏:26؛ 4‏:5، 6؛ 2تىم. 1‏:7.

8:16 2كور. 1‏:22؛ 5‏:5؛ ئ‍ەف. 1‏:13؛ 4‏:30.

8:17 2تىم. 2‏:11،12.

8:18 «كەلگۈسىدە بىزدە ئاشكارىلىنىدىغان شان-شەرەپلەرگە ھېچ سېلىشتۇرغۇچىلىقى يوق» ــ «ھېچ سېلىشتۇرغۇچىلىقى يوق» گرېك تىلىدا «سېلىشتۇرۇشقا ئەرزىمەيدۇ». «بىزدە ئاشكارىلىنىدىغان شان-شەرەپلەر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بىزگە ئاشكارىلىنىدىغان شان-شەرەپلەر...». بىراق كېيىنكى ئايەتكە قارىغاندا تەرجىمىمىز توغرىدۇر.

8:18 مات. 5‏:12؛ 2كور. 4‏:10، 17؛ فىل. 3‏:20؛ 1پېت. 4‏:13؛ 1يۇھ. 3‏:1، 2.

8:22 ۋەھ. 5‏:13

8:23 «...خۇدانىڭ ئوغۇللىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشىمىز...» ــ گرېك تىلىدا «ئوغۇللۇققا قوبۇل قىلىنىشىمىزنى». «يالغۇز كائىنات ئەمەس، ھەتتا بىزمۇ، يەنى مۇقەددەس روھنىڭ تۇنجى چىقارغان مېۋىسىدىن بەھرىمەن بولغان بىزلەرمۇ دىلىمىزدا نالە-پەرياد كۆتۈرمەكتىمىز ھەمدە (خۇدانىڭ) ئوغۇللىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشىمىزنى، يەنى تېنىمىزنىڭ نىجاتنىڭ ھۆرلۈكىگە چىقىرىلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز» ــ بۇ ئايەتتىكى ئۈچ نۇقتا توغرۇلۇق توختىلىمىز؛ (1) «مۇقەددەس روھنىڭ تۇنجى چىقارغان مېۋىسى»؛ بۇ ئىبارىنىڭ بەلكىم ئىككى جەھەتى بار: (ئا) مۇقەددەس روھ بارلىق ئىشەنگۈچىلەردە خۇدانىڭ مېۋىسىنى، يەنى مۇھەببەت، شادلىق، خاتىرجەملىك قاتارلىقلارنى چىقىرىدۇ؛ بۇ مېۋە بولسا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ بۇ دۇنيادا چىقارغان تۇنجى مېۋىسىدۇر ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ رېئاللىقىغا ئىسپات بولىدۇ (17:14نى كۆرۈڭ)؛ (ئە) ئىشەنگۈچىلەر ئۆزلىرىدە چىقىرىلغان بۇ مېۋىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ كەلگۈسىدە پۈتكۈل دۇنياغا، جۈملىدىن ئۆزلىرىنىڭ ھەممىسى ئۈستىگە تولۇق ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقىغا ئىسپات ھەم كاپالەت دەپ بىلىدۇ؛ (2) «ئوغۇل سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىش» ــ كونا زامانلاردا مۆتىۋەر ئادەم مەلۇم نامرات ياكى «جەمئىيەتتە ئورنى يوق» بىر ياش كىشىنى بېقىۋالماقچى بولسا، جامائەتنى چوڭ سورۇنغا چاقىرىپ ئۇنى «ئۆز ئوغلۇم»، «ئۆز قىزىم» دەپ جاكارلايتتى. روسۇل خۇدامۇ كەلگۈسىدە ئالەم ئالدىدا ئىشەنگۈچىلەرنى «ئۆز ئوغلۇم» دەپ شۇنداق جاكارلايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكچى. (3) «تېنىمىزنىڭ نىجاتتىكى ھۆرلۈككە چىقىرىلىشى» ــ ھازىر ئىشەنگۈچىلەرگە خۇدانىڭ نىجات-ئىلتىپاتى بىلەن يېڭى روھى، يېڭى قەلبى بار؛ مەسىھ ئەيسا بىز ئۈچۈن ئېرىشكەن نىجاتتا يەنە «يېڭى تېنىمىز»مۇ بار، قىيامەت كۈنىدە ئۇنى ئۇ بىزگە بېرىدۇ.

8:23 لۇقا 21‏:28.

8:26 «...ئىنسانىي ئاجىزلىقىمىزدا (مۇقەددەس) روھ كېلىپ بىزگە ياردەم قىلىدۇ... » ــ «مۇقەددەس روھ» ــ گرېك تىلىدا پەقەت «روھ» دېيىلىدۇ.

8:26 مات. 20‏:22؛ ياق. 4‏:3.

8:29 «خۇدا... ئوغلىنىڭ نۇرغۇن قېرىنداشلىرى ئارىسىدىكى تۇنجى ئوغلى بولىدىغىنىنى ئالدىن بەلگىلىگەن» ــ «تۇنجى ئوغۇل» بىرىنچى ئورۇندا، مۇشۇ يەردە پۈتكۈل ئالەمدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەلۋەتتە. «زەب.» 27:89نى كۆرۈڭ.

8:29 كول. 1‏:18.

8:31 چۆل. 14‏:8.

8:32 يار. 22‏:12؛ يەش. 53‏:5؛ يـۇھ. 3‏:16.

8:33 يەش. 50‏:8.

8:34 «ئۆلگەن، شۇنداقلا تىرىلگەن ۋە خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرۇۋاتقان، ھەمدە بىز ئۈچۈن ... دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتقان مەسىھ» ــ «خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا» بولسا ئالەمنىڭ ئەڭ يۇقىرى جايى، ھەممىنى باشقۇرىدىغان يەر.

8:34 ئىبر. 7‏:25.

8:36 «سېنى دەپ كۈن بويى قىرىلماقتىمىز، بوغۇزلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان قويلاردەك ھېسابلانماقتىمىز» ــ «زەب.» 22:44 ــ نەقىل كۆلتۈرۈلگەن بۇ ئايەت بويىچە ئىشەنگۈچىلەر خۇدانىڭ يولىدا، خۇدانى دەپ كۆپ جاپا-مۇشەققەتلەرگە ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى مۇمكىن.

8:36 زەب. 44‏:22؛ 1كور. 4‏:9؛ 2كور. 4‏:11.

8:38 «پەرىشتىلەر بولسۇن جىن-شەيتان ھۆكۈمرانلار بولسۇن،...» ــ «جىن-شەيتان ھۆكۈمرانلار» بولسا گرېك تىلىدا پەقەت «ھۆكۈمرانلار»لا دېيىلىدۇ. ئىنجىلدا بۇ سۆز ئادەتتە جىن-شەيتانلارنى كۆرسىتىدۇ («ئەف.» 12:6نى كۆرۈڭ). «ھەرقانداق روھىي كۈچلەر بولسۇن» ــ گرېك تىلىدا «ھەرقانداق كۈچلەر بولسۇن».