□14:1 «ئېتىقادى ئاجىزلارنى قوبۇل قىلىڭلار، لېكىن ئۇلار بىلەن پىكىردە تالاش-تارتىش قىلماڭلار» ــ ئەينى زاماندا ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچىلار يەھۇدىيلاردىن ھەم ھەرخىل غەيرىي دىنغا ئەگەشكەنلەردىن چىققان يەھۇدىي ئەمەسلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىملىرىدا ئەسلىدە «خۇدانى خۇرسەن قىلىش» ئۈچۈن يېمەك-ئىچمەكلىك جەھەتتە كۈچلۈك قائىدىلەر بار ئىدى. لېكىن، خۇش خەۋەر بىلەن يەتكۈزۈلگەن ۋەھىيلەر بويىچە، خۇدا دۇنيادىكى بارلىق ئوزۇقلۇق نەرسىلەرنى ياراتقاندىن كېيىن، ئېتىقادچىلار ئۇلارنى يېيىشكە بولىدۇ (مەسىلەن، «مار.» 18:7-23نى كۆرۈڭ). بىراق بىر قىسىم ئېتىقادچىلار بۇ يېڭى ئەركىنلىكنى تولۇق چۈشەنمىگەن ياكى ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەن بولسا، كونا ئادەتلىرى بويىچە ياشاشنى داۋام قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس ئۇلارنى «ئېتىقادى ئاجىزلار» دەپ ئاتىدى. قىزىق بىر يېرى شۇكى، «ئېتىقادى ئاجىز» ئادەمنىڭ بەزى ئىنتايىن كۈچلۈك پىكىرلىرى بولۇشى مۇمكىن!
■14:2 پەند. 15:7
■14:4 ياق. 4:12.
□14:5 «مەلۇم بىرسى مەلۇم بىر كۈننى يەنە بىر كۈندىن ئۈستۈن كۆرىدۇ، يەنە بىرسى ھەممە كۈننى ئوخشاش دەپ قارايدۇ. ھەركىم ئۆزىنىڭ كۆزقارىشىغا تولۇق ئىشەنچى بولسۇن» ــ ئېتىقادچىلارنىڭ بىر قىسمى يەھۇدىي بولۇپ، ئۇلار يەنىلا تەۋراتتا بەلگىلەنگەن، يەھۇدىيلار ئۆتكۈزۈپ كەلگەن ھېيت-بايراملارنى تۇتۇشقا، بولۇپمۇ «شابات كۈنى» (دەم ئېلىش كۈنى، يەنى شەنبە كۈنى)نى تۇتۇشقا ئادەتلەنگەن، شۇنداقلا بۇلارنى بۇرۇنقىدەك داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، دەيتتى.
■14:5 گال. 4:10؛ كول. 2:16.
■14:6 1كور. 10:31؛ 1تىم. 4:3.
■14:7 2كور. 5:15؛ گال. 2:20؛ 1تېس. 5:10؛ 1پېت. 4:2.
□14:10 «چۈنكى ھەممىمىز خۇدانىڭ سوراق تەختى ئالدىدا تۇرىشىمىز كېرەك بولىدۇ» ــ «سوراق تەختى» ئادەتتە رىم ئىمپېرىيەسىدە ھەربىر شەھەرنىڭ چوڭ مەيدانىدا بولاتتى. يەرلىك ئەمەلدارلار مۇھىم ھۆكۈملەرنى ياكى ئېلانلارنى چىقىرىش ئۈچۈن ئۇنىڭدا ئولتۇراتتى. خۇدانىڭ «سوراق تەختى» ياكى «ھۆكۈم چىقىرىش تەختى» ئالدىدا بولىدىغان سوراق بەلكىم ئىشەنگۈچىلەرنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈنلا بولىدۇ («2كور.» 10:5نى كۆرۈڭ).
■14:10 مات. 25:31؛ 2كور. 5:10.
□14:11 «پەرۋەردىگار دەيدۇكى: ــ ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم ئىچىمەنكى، ماڭا بارلىق تىزلار پۈكۈلىدۇ، بارلىق تىللار مېنى ئېتىراپ قىلىپ مەدھىيە ئوقۇيدۇ» ــ «يەش.» 23:45.
■14:11 يەش. 45:23؛ 49:18؛ فىل. 2:10.
■14:12 زەب. 62:12؛ يەر. 17:10؛ 32:19؛ مات. 16:27؛ رىم. 2:6؛ 1كور. 3:8؛ 2كور. 5:10؛ گال. 6:5؛ ۋەھ. 2:23؛ 22:12.
■14:13 1كور. 10:32؛ 2كور. 6:3.
■14:14 مات. 15:11؛ روس. 10:15؛ 1كور. 8:4؛ 1تىم. 4:4.
■14:15 1كور. 8:11.
■14:17 1كور. 8:8.
□14:19 «شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادىنى قۇرۇپ چىقىدىغان ئىشلارغا ئاتايلى» ــ «بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادىنى قۇرۇپ چىقىدىغان» ئەينى تېكىستە «بىر-بىرىمىزنى قۇرۇپ چىقىدىغان» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ مۇھىم ئىبارىنىڭ مەنىسى توغرۇلۇق «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
□14:20 «بىراق بىرسى يېگىنى بىلەن ئېتىقادىدا پۇتلاشسا، ئۇ ئۇنىڭغا يامان ھېسابلىنىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بىراق بىرسى يېسە ۋە شۇڭلاشقا باشقىلارنى (ئىمان، ۋىجدان تەرىپىدە) پۇتلاشتۇرسا، بۇ ئىش ئۇنىڭغا يامان بولىدۇ».
■14:20 تىت. 1:15.
□14:21 «ئازابقا قويىدىغان ياكى ئۇنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە مۇشۇ سۆزلەر تېپىلمايدۇ.
■14:21 1كور. 8:13.
■14:23 تىت. 1:15.