بوئاز رۇتنى ئۆز ئەمرىگە ئىلىشى ئارقىلىق يەرنى قايتۇرۇپ سېتىۋالىدۇ
□4:1 «ئەي بۇرادەر!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەي، پالانچى-پوكۇنچى!» دېيىلىدۇ. بۇ ئادەم بەلكىم رۇت ۋە نائومىغا قارىتا ھەمجەمەتلىك بۇرچىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلغاچقا، ئۇ بۇ باياندا نامسىز قالغان بولسا كېرەك.
□4:5 «موئاب قىزى رۇتنىمۇ ئېلىشىڭ كېرەك» ــ «لاۋ.» 25:25-34 ۋە 47-55گە، ۋە «قان.» 5:25-10غا قاراڭ. «رۇت» 4-باب، 6-12-ئايەتتىكى ئىشلارغا قارىغاندا، بەيت-لەھەمدە «پەرزەنتسىز قالغان قېرىندىشىنىڭ تۇل خوتۇنىنى ئېلىش» توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بەجا كەلتۈرۈلۈۋاتقاندا، قوشۇمچە ماددىلار قوشۇلغان بولسا كېرەك (ئەسلىدىكى قانۇن بەلگىلىمىسى بويىچە، بىرسى پەرزەنتسىز ئۆلگەن بولسا، ئۇنىڭ ئاكىسى ياكى ئۇكىسى ئۇنىڭ مىراسىغا مىراسخور قالدۇرۇش ئۈچۈن تۇل خوتۇنىنى ئېلىش كېرەك ئىدى؛ بەيت-لەھەمدىكىلەر مۇشۇ بەلگىلىمىگە ئاكا-ئۇكىسىدىن باشقا بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ قوشقان ئوخشايدۇ). «يار.» 8:38-10نىمۇ كۆرۈڭ.
□4:6 «مەن شۇ ھوقۇقنى ئىشلىتەلمەيمەن» ــ ئۇ كىشى بەلكىم: «ئەگەر رۇتتىن پەرزەنت كۆرسەم، ئۇلار مېنىڭ بالىلىرىم ھېسابلانمايدۇ؛ ھالبۇكى، ئۇلار باشقا ئايالىمدىن بولغان پەرزەنتلىرىم بىلەن تەڭ مېنىڭ مىراسىمغا ۋارىس بولۇشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن ئۆز پەرزەنتلىرىم ئېرىشىدىغان مىراسىنىڭ ئۈلۈشى ئەسلىدىكىدىن ئازلاپ كېتىدۇ» دەپ ئويلىسا كېرەك؛ شۇڭا ئۇ «ئالمايمەن» دېگەن قارارغا كەلگەن.
■4:7 قان. 25:7
□4:8 «ئۆز كەشىنى سېلىۋەتتى» ــ بۇ كەشنى بوئاز ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇ مەزكۇر سودا-سېتىققا ئىسپات بولىدۇ. كەش بەلكىم بىر پارچە يەرنىڭ تەۋەلىكىگە سىمۋول بولۇشى مۇمكىن ئىدى («قان.» 24:11 ۋە 7:25-10نى كۆرۈڭ).
□4:10 «شەھەرنىڭ دەرۋازىسى» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، «شەھەرنىڭ دەرۋازىسى» قەدىمكى زامانلاردا ئاقساقاللار ۋە مۆتىۋەرلەر ئولتۇرىدىغان جاي ئىدى.
□4:11 «راھىلە ۋە لېياھ» ــ ياقۇپنىڭ ئىككى ئايالى بولۇپ، كۆپ پەرزەنت كۆرگەن.
■4:11 يار. 29:32-35؛ 30:1-25؛ 35:17، 18
■4:12 يار. 38:29؛ 1تار. 2:4؛ مات. 1:3
□4:14 «ھەمجەمەت-نىجاتكار» ــ شۇ «ھەمجەمەت-نىجاتكار» بولسا تۇغۇلغان بالا ئۆزىدۇر. 15-ئايەتنى كۆرۈڭ.
□4:16 «باققۇچى ئانا» ــ بەلكىم قانۇن جەھەتتىن بالىنىڭ ئاتاق ئانىسى بولغانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
□4:17 «ئوبەد» ــ «قۇل»، «خىزمەتكار» دېگەن مەنىدە. «داۋۇت» ــ داۋۇت پادىشاھ.
■4:18 1تار. 2:5؛ مات. 1:3