«خۇدانىڭ روھىنىڭ يوليورۇق-ئىلھامى بىلەن يېزىلغان» گرېك تىلىدا «خۇدا نەپىسى بىلەن كىرگۈزۈپ يېزىلغان» دېگەن شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ. گرېك تىلىدا ھەم ئىبرانىي تىلىدا «روھ» ۋە «نەپەس» بىر سۆز. ■ 2پېت. 1:21. 17 بۇلار ئارقىلىق خۇدانىڭ ئادىمى تولۇق قوراللىنىپ، بارلىق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تەييار بولالايدۇ.
□3:1 «ئەمما شۇنىمۇ بىلگىنكى، ئاخىر زامانلاردا ئېغىر كۈنلەر بولىدۇ» ــ «ئېغىر كۈنلەر» گرېك تىلىدا يەنە «خەتەرلىك كۈنلەر»نىمۇ بىلدۈرىدۇ.
■3:1 1تىم. 4:1؛ 2پېت. 2:3؛ يەھ. 18.
□3:5 «...سىرتقى قىياپەتتە ئىخلاسمەن بولۇۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە ئىخلاسمەنلىكنىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلىدىغان بولىدۇ. بۇنداقلاردىن يىراق تۇر» ــ 1-5-ئايەتلەر توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە قىسقىچە توختىلىمىز.
■3:5 مات. 18:17؛ رىم. 16:17؛ 2تېـس. 3:6؛ تىت. 3:10؛ 2يۇھ. 10.
□3:6 «ھەرخىل شەھۋەت-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولۇپ قالغان نادان ئاياللار...» ــ ياكى «ھەرخىل شەھۋەت-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولۇپ قالغان ئاجىز ئاياللار...».
■3:6 مات. 23:14؛ تىت. 1:11.
□3:8 «ئەمدى ياننىس بىلەن يامبرىس مۇسا پەيغەمبەرگە قانداق قارشى چىققان بولسا، بۇ ئازدۇرغۇچىلارمۇ ھەقىقەتكە شۇنداق قارشى چىقىدۇ» ــ «مىس.» 11:7، 22، 7:8، 18نى كۆرۈڭ. ئىسرائىللار مىسىردىن چىقىشتىن بۇرۇن، مىسىر پادىشاھىنىڭ سېھىرگەرلىرى مۇسا پەيغەمبەرگە قارشى تۇرغان. ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى (ياننىس بىلەن يامبرىس) تەۋراتتا دېيىلگەن ئەمەس، بەلكى يەھۇدىيلارنىڭ باشقا تارىخىي كىتابلىرىدا تېپىلىدۇ.
■3:8 مىس. 7:11.
□3:10-11 «جۈملىدىن ئانتاكيا، كونىيا ۋە لىسترا شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەنلەرگە تولىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىڭ...» ــ «ئانتاكيا، كونىيا ۋە لىسترا شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەنلەر»: ــ بۇ بىر-بىرىگە يېقىن ئۈچ يۇرتتا بولغان ۋەقەلەر توغرۇلۇق مەلۇماتلار «روس.» 13-14-بابتا تېپىلىدۇ. تىموتىي ئۆزى لىسترالىق ئىدى؛ پاۋلۇس دۇچ كەلگەن بۇ زىيانكەشلىكلەر تىموتىينىڭ مەسىھگە ئېتىقاد قىلىشىغا تەسىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
■3:10-11 زەب. 34:19؛ روس. 13:50؛ 14:19؛ 2كور. 1:10
■3:12 مات. 16:24؛ لۇقا 24:26؛ يـۇھ. 17:14؛ روس. 14:22؛ 1تېس. 3:3.
□3:14 «چۈنكى بۇلارنى كىمدىن ئۆگەنگەنلىكىڭنى بىلىسەن» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «كىملەر» دەپ دېيىلىدۇ. لېكىن بىزنىڭچە «كىم» دەپ ئوقۇش توغرا، چۈنكى پاۋلۇس بۇ ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ ئۈلگە بولغانلىقى توغرۇلۇق كۆپ سۆزلەيدۇ. تۆۋەندىكى 15-ئايەتتە ئۇ باشقا كىشىلەر (تىموتىينىڭ چوڭ ئانا ۋە ئانىسى)نىڭ تەسىرىنى تىلغا ئالىدۇ.
□3:16 «پۈتكۈل مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ روھىنىڭ يوليورۇق-ئىلھامى بىلەن يېزىلغان بولۇپ...» ــ گرېك تىلىدا «پۈتكۈل مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ھەممىسى» دېگەن ئىبارە يازمىلاردىكى ھەربىر سۆز-ئايەتنىڭ خۇدادىن كەلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. «خۇدانىڭ روھىنىڭ يوليورۇق-ئىلھامى بىلەن يېزىلغان» گرېك تىلىدا «خۇدا نەپىسى بىلەن كىرگۈزۈپ يېزىلغان» دېگەن شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ. گرېك تىلىدا ھەم ئىبرانىي تىلىدا «روھ» ۋە «نەپەس» بىر سۆز.
■3:16 2پېت. 1:21.