بۇ بېشارەتتىكى «شىمالىي پادىشاھ» شۈبھىسىزكى تارىختا سۇرىيە دېگەن رايوندا ھۆكۈم سۈرگەن. بىرىنچى «شىمالىي پادىشاھ» بولسا سىليۇقۇس نىكاتور (سىليۇقۇس I) بولۇپ، ئەسلىدە مىسىر پادىشاھى «پىتولىمى سوتېر»نىڭ چوڭ گېنېرالى ئىدى. ئۇ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 312-280 يىللاردا تەختكە ئولتۇرغان. «بۇ قىز ئېرىشكەن ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «بۇ قىز بىلىكىنىڭ كۈچىدىن مەھرۇم بولىدۇ». «ئۇنىڭ بالىسى ھەم ...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ تۇغقىنى...». بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ئۇنى تۇغدۇرغۇچى ھەم...» دېيىلىدۇ.
8 ئۇ ئۇلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى، قۇيما مەبۇدلىرى ۋە بۇتخانىلىرىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان جام-قاچىلارنى مىسىرغا ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇ بىرنەچچە يىل شىمالىي پادىشاھتىن ئۆزىنى نېرى قىلىدۇ. □ «قۇيما مەبۇدلىرى» ــ ياكى «ئەمىرلىرى». «بۇتخانىلىرىدىكى ئالتۇن-كۈمۈش...» ــ ياكى «ئۇلارنىڭكى ئالتۇن-كۈمۈش...». 9 شىمالىي پادىشاھ جەنۇبىي پادىشاھنىڭ زېمىنىغا بېسىپ كىرىدۇ، لېكىن ئاخىرى ئۆز يۇرتىغا چېكىنىدۇ.□ «جەنۇبىي پادىشاھنىڭ زېمىنى» ــ مىسىرنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ بېشارەت (تەرجىمىمىز بويىچە) توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. 30 چۈنكى كىتتىم ئارىلىدىن چىققان كېمىلەر ھۇجۇم قىلىپ كېلىدۇ. شۇڭا ئۇ دەرد-ئەلەم بىلەن چېكىنىدۇ ۋە خۇدانىڭ ئۆز خەلقى بىلەن تۈزگەن مۇقەددەس ئەھدىسىگە قاراپ ئىنتايىن غەزەپلىنىدۇ، ئۇنىڭغا قارشى خالىغىنىنى قىلىدۇ؛ شۇنداقلا چېكىنىپ يانغاندا مۇقەددەس ئەھدىگە ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى ئەتىۋارلايدۇ. □ «كىتتىم ئارىلىدىن چىققان كېمىلەر» ــ «كىتتىم» ھازىرقى «سېپرۇس» دېگەن ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئارال. بۇ بېشارەت شۈبھىسىزكى، مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 168-يىلى، رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ كېمىلىرى كىتتىم ئارىلىدىن چىقىپ ئانتىئوقۇس ئېپىفانىسقا (مىسىرغا تاجاۋۇز قىلغان ۋاقتىدا) ھۇجۇم قىلغىنىنى كۆرسىتىدۇ. 31 ئۇنىڭ تەرىپىدە تۇرغان بىرنەچچە كۈچلەر قورغان بولغان مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى بۇلغايدۇ، «كۈندىلىك قۇربانلىق»نى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ ۋە «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق»نى ئۇنىڭ ئورنىغا قويىدۇ. □ «قورغان بولغان مۇقەددەس ئىبادەتخانا...» ــ ياكى «مۇقەددەس ئىبادەتخانا ۋە قورغان...». «كۈندىلىك قۇربانلىق» ــ 11:8دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. ■ دان. 7:25؛ 9:27؛ مات. 24:15؛ مار. 13:14؛ لۇقا 21:20؛ 2تېـس. 2:3-4 32 ئۇ مۇقەددەس ئەھدىگە خائىنلىق قىلغۇچىلارنى خۇشامەت-ھىيلىگەرلىك بىلەن چىرىكلەشتۈرىدۇ؛ لېكىن ئۆز خۇداسىنى دوست تۇتقۇچى خەلق بولسا قەيسەرلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. 33 خەلق ئىچىدىكى ئاقىللار نۇرغۇن قېرىنداشلىرىغا تەلىم يەتكۈزىدۇ؛ لېكىن بىرنەچچە كۈنلەر ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قىلىچتا يىقىلىدۇ، ئوتتا كۆيدۈرۈلۈپ ئۆلتۈرۈلىدۇ، زىندانغا چۈشىدۇ ياكى بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرايدۇ. 34 يىقىلغان ۋاقىتلىرىدا، خۇدانىڭ خەلقى ئازغىنە ياردەمگە ئىگە بولىدۇ. ئەمما نۇرغۇن كىشلەر ئۇلارنىڭ قاتىرىغا خۇشامەت-ھىيلىگەرلىك بىلەن سوقۇنۇپ كىرىدۇ. 35 بەزى ئاقىللار يىقىلىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ يىقىلىشى ئۆزلىرىنىڭ سىنىلىشى، تاۋلىنىش-تازىلىنىشى، قىيامەت كۈنىگىچە پاكلىنىشى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئاخىرەت خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتىلا كېلىدۇ.□ «چۈنكى ئاخىرەت خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتىلا كېلىدۇ» ــ مۇشۇ يەردە، بېشارەت «ئانتىئوقۇس ئېپىفانىس»نىڭ دەۋرىدىن، ئاخىر زامانغا ئۆتىدۇ. ■ دان. 12:10
□11:2 «بۇنىڭدىن كېيىن پارسقا يەنە ئۈچ پادىشاھ ھۆكۈمرانلىققا چىقىدۇ؛ كېيىن تۆتىنچى پادىشاھ چىقىپ...» ــ بۇ 11-بابتىكى بېشارەتلەر ناھايىتى تەپسىلىي كۆرسىتىلگەن. بىز مۇشۇ يەردە تەپسىلاتلىرى توغرۇلۇق كۆپ ئىزاھات بەرمىدۇق، بۇلارنى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزگە كىرگۈزدۇق. كىتابخانلارنىڭ ئۆزلىرى «ئوتتۇرا شەرق»نىڭ تارىخى توغرۇلۇق ھەرقانداق كىتابتىن بۇ بېشارەتلەرنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى كۆرەلەيدۇ. ئاساسەن بۇ ئالدىن ئېيتىلغان ئىشلار مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 530-164-يىللار داۋامىدا يۈز بەرگەن. لېكىن 36-ئايەتتىن باشلاپ، بېشارەتلەر ئاخىرقى زاماندىكى ئىشلارغىچە ئۆتىدۇ.
□11:3 «ئۇنىڭدىن كېيىن كۈچلۈك بىر پادىشاھ مەيدانغا چىقىدۇ» ــ بۇ پادىشاھ «بۈيۈك ئىسكەندەر»، گرېتسىيەنىڭ بىرىنچى ئىمپېراتورى.
□11:5 «ئۇنىڭدىكى سەردارلار» ــ ياكى «ئۇنىڭدىكى ئەمىرلىرى». «ئۇنىڭدىكى سەردارلارنىڭ ئىچىدىن بىرى «جەنۇبىي پادىشاھ» بولۇپ كۈچىيىدۇ» ــ بۇ بېشارەتتىكى «جەنۇبىي پادىشاھ»لار شۈبھىسىزكى، مىسىرنىڭ پادىشاھلىرىنى كۆرسىتىدۇ (8-ئايەتنى كۆرۈڭ)، بىرىنچىسى «پىتولىمى سوتېر» (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 323-285-يىللاردا ھۆكۈم سۈرگەن.
□11:6 «جەنۇبىي پادىشاھ شىمالىي پادىشاھ بىلەن ئىتتىپاق تۈزىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا پەقەت «ئۇلار ئىتتىپاق تۈزىدۇ» دېيىلىدۇ. بۇ بېشارەتتىكى «شىمالىي پادىشاھ» شۈبھىسىزكى تارىختا سۇرىيە دېگەن رايوندا ھۆكۈم سۈرگەن. بىرىنچى «شىمالىي پادىشاھ» بولسا سىليۇقۇس نىكاتور (سىليۇقۇس I) بولۇپ، ئەسلىدە مىسىر پادىشاھى «پىتولىمى سوتېر»نىڭ چوڭ گېنېرالى ئىدى. ئۇ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 312-280 يىللاردا تەختكە ئولتۇرغان. «بۇ قىز ئېرىشكەن ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «بۇ قىز بىلىكىنىڭ كۈچىدىن مەھرۇم بولىدۇ». «ئۇنىڭ بالىسى ھەم ...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ تۇغقىنى...». بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ئۇنى تۇغدۇرغۇچى ھەم...» دېيىلىدۇ.
□11:7 «ئۇنىڭ ئاتا جەمەت تۇغقىنىدىن بىرى» ــ ئىبرانىي تىلىدا: ــ «ئۇنىڭ يىلتىزلىرىدىن بىرى». «... پادىشاھ بولۇپ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «... ئۇنىڭ ( يەنى جەنۇبىي پادىشاھنىڭ) ئورنىغا تۇرۇپ،...» دەپ ئىپادىلىنىدۇ. «...بىرى، قوشۇننىڭ ھوقۇقىنى قولىغا ئېلىپ پادىشاھ بولۇپ،...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «... بىرى، ئۇ بولسا ئۇنىڭ (شىمالىي پادىشاھنىڭ) قوشۇنىغا قارشى چىقىپ،...»
□11:8 «قۇيما مەبۇدلىرى» ــ ياكى «ئەمىرلىرى». «بۇتخانىلىرىدىكى ئالتۇن-كۈمۈش...» ــ ياكى «ئۇلارنىڭكى ئالتۇن-كۈمۈش...».
□11:9 «جەنۇبىي پادىشاھنىڭ زېمىنى» ــ مىسىرنى كۆرسىتىدۇ.
□11:10 «كېيىن ئۇ يەنە جەڭ قىلىپ،...» ــ ياكى «ئۇ قايتىپ، ئاندىن جەڭ قىلىپ،..».
□11:16 «گۈزەل زېمىن» ــ قانائان زېمىنى، يەنى پەلەستىن. «ئۇنىڭ قولىدا ئۇنى ۋەيران قىلغۇچى كۈچ بولىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ ھالاكىتى ئۇنىڭ قولىدا بولىدۇ».
□11:17 «...كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ مىسىرغا يول ئالىدۇ» ــ «جەنۇبىي پادىشاھلىق»نىڭ مىسىر ئىكەنلىكى 8-ئايەتتىن كۆرۈنىدۇ. «ئۇ مىسىر بىلەن ئەھدە تۈزىدۇ، ئۆزى ئەھدىدە تۇرغاندەك قىلىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇنىڭ بىلەن بىرنەچچە دۇرۇس ئادەملەر بىللە بارىدۇ؛ ئۇ ئۆز بېكىتكىنىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ». «بىراق مىسىرنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدرۇرۇش ئۈچۈن...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «بىراق مىسىرنىڭ ھاكىمىيىتىنى چىرىتىش ئۈچۈن...».
□11:18 «نۇرغۇن ئادەملەرنى ئەسىرگە ئالىدۇ» ــ ياكى «نۇرغۇن يۇرتلارنى ئىگىلەيدۇ».
□11:19 «ئۇ ئۆز يۇرتىدىكى قورغانلارغا چېكىنىپ كېلىدۇ» ــ ياكى «ئۇ ئۆز يۇرتىدىكى قورغانلارغا نىشان قىلىپ دىققەت قىلىدۇ».
□11:20 «پادىشاھلىقنىڭ ئەڭ شان-شەرەپلىك جايى» ــ بۇ يەردە «ئەڭ شان-شەرەپلىك جايى» بەلكىم مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىرخىل تەرجىمە قىلغاندا، «پادىشاھلىقنىڭ شان-شەرىپىنى بېزەش ئۈچۈن بىر زۇلۇم سالغۇچىنى ئەۋەتىدۇ» دېگەندەك بولىدۇ.
□11:22 «خۇدانىڭ ئەھدىسىدە بېكىتىلگەن ئەمىر» ــ مۇشۇ يەردە مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «باش كاھىن»نى كۆرسىتىدۇ. ئونىياس ئىسىملىك كىشى، باش كاھىن ۋە بەك ئادىل كىشى بولۇپ، سۇرىيەنىڭ «ئانتىئوقۇس ئېپىفانىس» دېگەن پادىشاھى تەرىپىدىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 172-يىلى ئۆلتۈرۈلگەن.
□11:26 «ئۇنىڭ نازۇ-نېمەتلىرىنى يېگەنلەر» ــ دېمەك، ئەڭ ئىشەنچلىك ئادەملىرى.
□11:27 «بۇ ئىشلارنىڭ ئاخىرى پەقەت بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىلا بولىدۇ» ــ مۇشۇ سىرلىق سۆزلەر توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
□11:29 «لېكىن بۇ قېتىمقى ئەھۋال ئىلگىرىكىگە ۋە يەنە كېلىپ ئەڭ ئاخىرقى قېتىمقىسىدىكى بىلەنمۇ ئوخشىمايدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «لېكىن بۇ قېتىمقى ئاخىرقى ئەھۋال ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ». بۇ بېشارەت (تەرجىمىمىز بويىچە) توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
□11:30 «كىتتىم ئارىلىدىن چىققان كېمىلەر» ــ «كىتتىم» ھازىرقى «سېپرۇس» دېگەن ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئارال. بۇ بېشارەت شۈبھىسىزكى، مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 168-يىلى، رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ كېمىلىرى كىتتىم ئارىلىدىن چىقىپ ئانتىئوقۇس ئېپىفانىسقا (مىسىرغا تاجاۋۇز قىلغان ۋاقتىدا) ھۇجۇم قىلغىنىنى كۆرسىتىدۇ.
□11:31 «قورغان بولغان مۇقەددەس ئىبادەتخانا...» ــ ياكى «مۇقەددەس ئىبادەتخانا ۋە قورغان...». «كۈندىلىك قۇربانلىق» ــ 11:8دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.
■11:31 دان. 7:25؛ 9:27؛ مات. 24:15؛ مار. 13:14؛ لۇقا 21:20؛ 2تېـس. 2:3-4
□11:35 «چۈنكى ئاخىرەت خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتىلا كېلىدۇ» ــ مۇشۇ يەردە، بېشارەت «ئانتىئوقۇس ئېپىفانىس»نىڭ دەۋرىدىن، ئاخىر زامانغا ئۆتىدۇ.
■11:35 دان. 12:10
■11:36 دان. 7:25؛ 9:27؛ مات. 24:15؛ مار. 13:14؛ لۇقا 21:20؛ 2تېـس. 2:3-4؛ ۋەھ. 13:1-8
□11:37 «ئاياللارغىمۇ ھېچقانداق ھەۋەس قىلمايدۇ» ــ ياكى، «ئۇ ئاياللار ئەتىۋارلايدىغان ئىلاھقىمۇ ھۆرمەت قىلمايدۇ».
□11:39 «... غەيرىي ئىلاھقا تايىنىپ ئىگىلەيدۇ» ــ ياكى، «... غەيرىي ئىلاھقا ھۇجۇم قىلىدۇ». يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ ئەڭ مۇستەھكەم قورغانلارنى ئىگىلەپ، ئۇ بۇ ئىلاھقا چوقۇنۇشنى بەرپا قىلىدۇ». «ئىنئام سۈپىتىدە...» ــ ياكى «مەلۇم بىر باھادا (سېتىۋېتىپ)،...».
□11:41 «گۈزەل زېمىن» ــ قانائاننى (پەلەستىننى) كۆرسىتىدۇ.
■11:41 ۋەھ. 12:6
□11:45 «دېڭىزلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا» ــ دېمەك، ئوتتۇرا دېڭىز ۋە ئۆلۈك دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا. «كۆركەم مۇقەددەس تاغ» ــ يېرۇسالېم سېلىنغان «زىئون تېغى»نى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «...دېڭىزلار ۋە مۇقەددەس تاغ ئارىسىدا...».