33
مۇسا پەيغەمبەر ئىسرائىلغا دۇئا قىلىپ بەخت تىلەيدۇ
خۇدانىڭ ئادىمى بولغان مۇسانىڭ ئۆلۈمىدىن ئىلگىرى ئىسرائىللارنى بەرىكەتلەشكە تىلىگەن بەخت-تىلەكلىرى مۇنۇلار: ــ
ئۇ مۇنداق دېدى: ــ
«پەرۋەردىگار ئۆزى سىناي تېغىدىن كېلىپ،
سېئىردىن چىقىپ ئىسرائىل ئۈستىگە پارلىدى؛
پاران تېغىدىن پەيدا بولۇپ چاقنىدى،
ئۇ تۈمەنلىگەن مۇقەددەسلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىپ كەلدى؛
ئوڭ قولىدىن ئىسرائىلغا ئاتالغان ئوتلۇق بىر قانۇن چىقتى. «سېئىردىن ئىسرائىللار چىقىپ ئۈستىگە پارلىدى» ــ «ئىسرائىللار» ئىبرانىي تىلىدا: «ئۇلار». «مۇقەددەسلەر» ــ پەرىشتىلەرنى كۆرسەتسە كېرەك. «...ئىسرائىلغا ئاتالغان» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «... ئۇلارغا ئاتالغان». «.... ئۇلارغا ئاتالغان ئوتلۇق بىر قانۇن چىقتى» ــ باشقا ئىككى خىل تەرجىمىسى: «...ئۇلارغا (ئىسرائىلغا) ئاتالغان ئوت يالقۇنلىرى چىقتى» ياكى «... ئۇلارغا (ئىسرائىلغا) يېتەكلىگۈچى ئوت يالقۇلىرى چىقتى».   ھاب. 2‏:3، 4
دەرھەقىقەت، ئۇ خەلقنى سۆيىدۇ؛
سېنىڭ بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىڭ قولۇڭدىدۇر؛
ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئايىغىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ،
سۆزلىرىڭگە مۇيەسسەر بولىدۇ.
مۇسا بىزگە بىر قانۇن بۇيرۇپ،
بۇنى ياقۇپنىڭ جامائىتىگە مىراس قىلىپ بەردى؛
خەلقنىڭ سەردارلىرى جەم بولۇپ،
ئىسرائىلنىڭ قەبىلىلىرى بىر يەرگە يىغىلغاندا،
ئۇ يەشۇرۇننىڭ ئوتتۇرىسىدا پادىشاھدەك بولدى. «ئۇ يەشۇرۇننىڭ ئوتتۇرىسىدا پادىشاھدەك بولدى» ــ مۇشۇ جۈملىدىكى «ئۇ» مۇسانى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايمىز. بەزى ئالىملار خۇدانى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ.
 
مۇسانىڭ قەبىلىلەر ئۈچۈن تىلىگەن خەير-دۇئالىرى ۋە بەرگەن بېشارەتلىرى
«رۇبەن بولسا، ئادەملىرى ئۆلۈپ كەتمەي، ھايات تۇرسۇن؛
ئۇنىڭ ئادەملىرى ئاز بولمىسۇن».
مۇسانىڭ يەھۇدا توغرىسىدا تىلىگەن بەختى مۇنداق: ــ
«يەھۇدانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛
ئۇنى ئۆز خەلقىگە قوبۇل قىلدۇرغايسەن؛
ئۇنىڭ قوللىرى ئۇلار ئۈچۈن كۈرەش قىلسۇن؛
ئەمدى ئۆزىنى ئەزگۈچىلەرگە قارشى تۇرۇشقا ئۇنىڭغا مەدەت بولغايسەن». «ئۇنى ئۆز خەلقىگە قوبۇل قىلدۇرغايسەن» ــ ئىبرانىي تىلىدا سۆزمۇسۆز «ئۇنى ئۆز خەلقىنىڭ ئارىسىغا كىرگۈزگەيسەن» دېيىلىدۇ. يەھۇدانىڭ كېيىنكى تارىخىغا قارىغاندا، بۇ بېشارەت مۇسا پەيغەمبەرنىڭ يەھۇدانىڭ نەسلى بولغان داۋۇتنىڭ پادىشاھلىقى، ئەڭ مۇھىمى داۋۇتنىڭ نەسلى مەسىھ توغرۇلۇق بېشارەتلىك دۇئاسى بولۇشى كېرەك. «ئۇنىڭ قوللىرى ئۇلار ئۈچۈن كۈرەش قىلسۇن» ــ بۇنىڭدا «ئۇلار» «ئۆز خەلقى»نى كۆرسەتسە كېرەك. «ئۇنىڭ قوللىرى ئۇلار ئۈچۈن كۈرەش قىلسۇن» ــ بۇبىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇنىڭ قوللىرى ئۆز ھاجىتىدىن چىقسۇن».
ئۇ لاۋىي توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ــ
«سېنىڭ ئۇرىم ۋە تۇممىم تاشلىرىڭ سېنىڭ بۇ مۇقەددەس بەندەڭگە تاپشۇرۇلغان؛
سەن ئۇنى ماسساھدا سىنىدىڭ،
مەرىباھنىڭ سۇلىرىنىڭ يېنىدا ئۇنىڭ بىلەن تالاشتىڭ. «ئۇرىم ۋە تۇممىم» ــ توغرۇلۇق «مىس.» 30:28نى كۆرۈڭ. خۇدا لاۋىيلارنى تاللىشىنىڭ بىر سەۋەبى 25:32-29دە كۆرۈلىدۇ؛ خۇدا ئۇنى ئۆز خىزمىتىدە بولۇشقا تاللىغاچقا، مۇشۇ يەردە خۇدا ئۇنى «مېنىڭ مۇقەددەس بەندەم» دەپ ئاتايدۇ. «ماسساھ» دېگەن جاينىڭ مەنىسى «سىناش» («مىس.» 7:17نى كۆرۈڭ). «مەرىباھ» ــ «مەرىباھ» دېگەن جاينىڭ مەنىسى «تالاش-تارتىش، كۈرەش» («چۆل.» 13:20 ۋە 24نى كۆرۈڭ).
ئۇ ئۆز ئاتا-ئانىسى توغرىسىدا: «ئۇلارغا يۈز-خاتىرە قىلمايمەن»، دەپ ئېيتتى،
ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ھېچ يۈزىنى قىلماي،
ئۆز بالىلىرىنىمۇ تونۇشنى خالىماي،
بەلكى سېنىڭ سۆزۈڭگە ئەمەل قىلىپ، ئەھدەڭنى چىڭ تۇتتى. «ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ھېچ يۈزىنى قىلماي، ...بەلكى سېنىڭ سۆزۈڭگە ئەمەل قىلىپ، ئەھدەڭنى چىڭ تۇتتى» ــ كۆزدە تۇتۇلغان ۋەقەلەر «مىس.» 21:32-29دە خاتىرىلىنىدۇ.
10 مانا، لاۋىيلار ياقۇپقا ھۆكۈملىرىڭنى ئۇقتۇرىدۇ،
ئۇلار ئىسرائىلغا قانۇنۇڭنى ئۆگىتىدۇ؛
ئۇلار دىمىغىڭغا خۇشبۇينى سۇنىدۇ،
قۇربانگاھىڭغا پۈتۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى كەلتۈرىدۇ.
11 ئى پەرۋەردىگار، ئۇنىڭ تەئەللۇقاتىنى بەرىكەتلىگەيسەن،
ئۇنىڭ قوللىرىنىڭ ئەجرى سېنى خۇش قىلغۇدەك بولغاي،
ئۇنىڭغا قارشى چىققانلار ۋە ئۇنىڭدىن نەپرەتلەنگەنلەر بولسا،
ئۇلارنى قوپالمىغۇدەك ھالدا بەللىرىنى سۇندۇرغايسەن!»
12 ئۇ بىنيامىن توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ــ
«پەرۋەردىگارنىڭ سۆيگىنى بولسا،
ئۇ ئۇنىڭ يېنىدا بىخەتەر ماكان قىلىدۇ،
پەرۋەردىگار سايە بولۇپ پۈتۈن كۈن ئۇنى ساقلايدۇ،
ئۇ ئۇنى مۈرىسى ئوتتۇرىسىدا ماكانلاشتۇرىدۇ»
13 يۈسۈپ توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ
«ئۇنىڭ زېمىنى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بەرىكەتلىك بولغاي!
ئاسمانلارنىڭ ئېسىل نېمەتلىرى بىلەن،
شەبنەم بىلەن،
يەر تېگىدىكى نېمەتلىرى بىلەن، «يەر تېگى» ــ بەلكىم يەر ئاستىدىكى سۇلارنى ياكى دېڭىز تەگلىرىنى كۆرسىتىدۇ.   يار. 49‏:25
14 كۈندىن ھاسىل بولىدىغان ئېسىل مەھسۇلاتلىرى بىلەن،
ئايدىن ھاسىل بولىدىغان ئېسىل نېمەتلىرى بىلەن،
15 قەدىمكى تاغلارنىڭ ئالىي نېمەتلىرى بىلەن،
مەڭگۈلۈك دۆڭلەرنىڭ ئېسىل نېمەتلىرى بىلەن،
16 يەرنىڭ ئېسىل نېمەتلىرى ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە مەۋجۇداتلىرى بىلەن،
ئازغانلىقتا تۇرغۇچى زاتنىڭ شاپائىتى بىلەن بەرىكەتلەنسۇن!
بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈسۈپنىڭ بېشىغا،
يەنى ئۆز قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلغاننىڭ چوققىسىغا چۈشسۇن. «ئازغانلىقتا تۇرغۇچى زات» ــ مۇشۇ زات پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىدۇر («مىس.» 2:3-6نى كۆرۈڭ).   يار. 49‏:26
17 ئۇنىڭ ھەيۋىسى ئۆز بۇقىسىنىڭ تۇنجىسىدەكتۇر؛
ئۇنىڭ مۈڭگۈزلىرى ياۋا كالىنىڭ مۈڭگۈزلىرىدەكتۇر،
ئۇلار بىلەن ئۇ ئەل-يۇرتلارنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە ئۈسىدۇ.
مانا ئەفرائىمنىڭ تۈمەنلىگەن ئادەملىرى،
ماناسسەھنىڭ مىڭلىغان ئادەملىرى شۇنداق بولىدۇ». «ئۇنىڭ ھەيۋىسى ئۆز بۇقىسىنىڭ تۇنجىسىدەكتۇر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇنىڭ بۇقىسىنىڭ تۇنجىسى ئۇنىڭغا شەرەپ كەلتۈرسۇن». «ئۇنىڭ مۈڭگۈزلىرى ياۋا كالىنىڭ مۈڭگۈزلىرىدەكتۇر» ــ ياۋا كالا بولسا نەسلى قۇرۇغان ئىنتايىن يوغان بىرخىل كالا ئىدى. «...ماناسسەھنىڭ مىڭلىغان ئادەملىرى شۇنداق بولىدۇ» ــ تولۇق ئايەتنىڭ مەنىسى: (1) بۇ ئىككى قەبىلە يۈسۈپنىڭ مۈڭگۈزلىرىدۇر؛ (2) يۇقىرىدا ئېيتىلغان بەخت-بەرىكەتلەر يۈسۈپكە خاس بولۇپ، بۇ ئىككى قەبىلىنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. بىز ئىككىنچى مەنىگە مايىلمىز.
18 زەبۇلۇن توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ
«ئەي زەبۇلۇن، سەن چىققىنىڭدا شادلانغىن؛
ئەي سەن ئىسساكار، ئۆز چېدىرلىرىڭدا خۇش بولغىن!
19 مانا ئۇلار خەلقلەرنى تاغقا چاقىرىدۇ،
شۇ يەردە ئۇلار ھەققانىيلىقنىڭ قۇربانلىقلىرىنى سۇنىدۇ،
چۈنكى ئۇلار دېڭىزدىكى مول دۆلەتلەرنى،
قۇمغا كۆمۈلگەن گۆھەرلەرنى سۈمۈرۈپ ئۇلارغا مۇيەسسەر بولىدۇ».
20 گاد توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ
«گادنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتكۈچىگە بەخت-بەرىكەت بولغاي؛
گاد بولسا چىشى شىردەك ئولتۇراقلاشتى؛
ئۇ بىلەك ھەم باش تېرىسىنى تىتما-تىتما قىلىۋېتىدۇ؛ «گاد بولسا چىشى شىردەك ئولتۇراقلاشتى» ــ ياكى «گاد.... يېتىۋالدى». «ئۇ بىلەك ھەم باش تېرىسىنى تىتما-تىتما قىلىۋېتىدۇ» ــ بەلكىم گادنىڭ دۈشمىنىگە قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
21 شۇ يەردە ئۇ ئەڭ ئېسىل نېسىۋىنى تاللىۋالدى؛
چۈنكى شۇ يەردىمۇ ئۇ ھۆكۈم بېكىتكۈچىنىڭ ئۈلۈشى بولغان جاي ساقلاقلىقتۇر؛
ئۇ خەلقنىڭ سەردارلىرى بىلەن كېلىپ،
ئىسرائىل بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارنىڭ ئادالىتى بىلەن ھۆكۈملىرىنى يۈرگۈزدى». «ھۆكۈم بېكىتكۈچى» ــ (1) قانۇن بەرگۈچى (مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئۆزى)نى؛ (2) قانائان زېمىنىنى بۆلۈپ تەقسىم قىلغۇچى (يەشۇئا پەيغەمبەر)نى كۆرسىتىدۇ.
22 دان توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ
«دان بولسا ياش بىر شىردۇر؛
ئۇ باشاندىن تاقلاپ ئۆتىدۇ». «ئۇ باشاندىن تاقلاپ ئۆتىدۇ» ــ بۇ سۆزلەر بەلكىم «ھاك.» 27:18-28دە خاتىرىلەنگەن ۋەقەنى كۆرسىتىدىغان بېشارەت بولۇشى مۇمكىن.
23 نافتالى توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ
«ئەي نافتالى، ئىلتىپاتقا تويۇنغانسەن،
پەرۋەردىگار تەرىپىدىن كەلگەن بەخت-بەرىكەتكە تولۇپ،
مەغرىپ بىلەن جەنۇبنى ئۆزۈڭگە مۈلۈك قىلىپ ئىگىلەيسەن».
24 ئاشىر توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دېدى: ــ
«ئاشىر ئوغۇللار بىلەن بەرىكەتلىنىدۇ؛
ئۇ قېرىنداشلىرى ئارىسىدا ئىلتىپات كۆرسۇن؛
پۇتى مايغا چىلانسۇن. «ئاشىر.... پۇتى مايغا چىلانسۇن» ــ كېيىن، ئاشىر تۇرغان جايدا كۆپ زەيتۇن مېيى ئىشلەپ چىقارغان.
25 دەرۋازا بالداقلىرىڭ تۆمۈر بىلەن مىستىن بولىدۇ؛
كۈنلىرىڭ قانداق بولسا، كۈچۈڭمۇ شۇنىڭغا مۇۋاپىق تەڭ بولىدۇ». «دەرۋازا بالداقلىرىڭ» ــ ياكى «ئايىغىڭنىڭ بوغقۇچىلىرى».
26 «ــ ئەي يەشۇرۇن، تەڭرىڭدەك باشقا ھېچكىم يوقتۇر؛
ئۇ ساڭا ياردەمگە ئاسمانلار ئۈستىگە،
زور ھەيۋىسى بىلەن بۇلۇتلارنىڭ ئۈستىگە مىنىپ كېلىدۇ. «ئەي يەشۇرۇن، تەڭرىڭدەك باشقا ھېچكىم يوقتۇر» ــ ياكى «ئەي يەشۇرۇن، تەڭرىدەك باشقا ھېچكىم يوقتۇر».   قان. 32‏:13؛ يەش. 58‏:14
27 ئەزەلىي خۇدا سېنىڭ باشپاناھىڭدۇر،
ئاستىڭدا ئەبەدىي بىلەكلەر تۇرىدۇ.
ئۇ سېنىڭ ئالدىڭدىن دۈشمەننى ھەيدەپ: ــ
«ئۇلارنى ھالاك قىلغىن!» دەپ ساڭا بۇيرۇيدۇ.
28 شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل ئاشلىق بىلەن يېڭى شاراب مول بولغان بىر زېمىندا تۇرۇپ،
يالغۇز ئامان-ئېسەن ماكان تۇتىدۇ،
ياقۇپنىڭ بۇلىقى ئوخشاشلا ئامان-ئېسەن بولىدۇ؛
ئۇنىڭ ئاسمانلىرىمۇ شەبنەم تېمىتىپ تۇرىدۇ. «... ئىسرائىل ... مول بولغان بىر زېمىندا تۇرۇپ، يالغۇز ئامان-ئېسەن ماكان تۇتىدۇ» ــ مۇشۇ جۈملىدىكى «يالغۇز» خۇدادىن باشقا ھېچقانداق پاناھ ياكى مۇھاپىزەت كېرەك بولمايدۇ، دېگەنلىكنى كۆرسىتىدۇ.
«ياقۇپنىڭ بۇلىقى»: ــ (1) ئىسرائىلنىڭ زېمىنىدىكى سۇ مەنبەلىرىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن؛ (2) خۇدا ئۇلارغا بۇلاقتەك روھىي ھاياتلىق مەنبەسى بولۇپ، ئۆزگەرمەي مەزمۇت تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. بىز ئىككىنچى مەنىسىگە مايىلمىز.
   يەر. 23‏:6؛ 33‏:16؛ زەب. 68‏:26
29 بەختلىكسەن، ئى ئىسرائىل!
سەندەك پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى قۇتقۇزغان خەلقتىن يەنە كىم بار؟
ئۇ بولسا سېنىڭ مەدەتكار قالقىنىڭ،
ھەيۋەتلىك قىلىچىڭدۇر!
سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ ساڭا زەئىپلىشىپ بويسۇنىدۇ؛
سەن ئۇلارنىڭ ئېگىز جايلىرىدا دەسسەپ ماڭىسەن».
 
 

33:2 «سېئىردىن ئىسرائىللار چىقىپ ئۈستىگە پارلىدى» ــ «ئىسرائىللار» ئىبرانىي تىلىدا: «ئۇلار». «مۇقەددەسلەر» ــ پەرىشتىلەرنى كۆرسەتسە كېرەك. «...ئىسرائىلغا ئاتالغان» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «... ئۇلارغا ئاتالغان». «.... ئۇلارغا ئاتالغان ئوتلۇق بىر قانۇن چىقتى» ــ باشقا ئىككى خىل تەرجىمىسى: «...ئۇلارغا (ئىسرائىلغا) ئاتالغان ئوت يالقۇنلىرى چىقتى» ياكى «... ئۇلارغا (ئىسرائىلغا) يېتەكلىگۈچى ئوت يالقۇلىرى چىقتى».

33:2 ھاب. 2‏:3، 4

33:5 «ئۇ يەشۇرۇننىڭ ئوتتۇرىسىدا پادىشاھدەك بولدى» ــ مۇشۇ جۈملىدىكى «ئۇ» مۇسانى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايمىز. بەزى ئالىملار خۇدانى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ.

33:7 «ئۇنى ئۆز خەلقىگە قوبۇل قىلدۇرغايسەن» ــ ئىبرانىي تىلىدا سۆزمۇسۆز «ئۇنى ئۆز خەلقىنىڭ ئارىسىغا كىرگۈزگەيسەن» دېيىلىدۇ. يەھۇدانىڭ كېيىنكى تارىخىغا قارىغاندا، بۇ بېشارەت مۇسا پەيغەمبەرنىڭ يەھۇدانىڭ نەسلى بولغان داۋۇتنىڭ پادىشاھلىقى، ئەڭ مۇھىمى داۋۇتنىڭ نەسلى مەسىھ توغرۇلۇق بېشارەتلىك دۇئاسى بولۇشى كېرەك. «ئۇنىڭ قوللىرى ئۇلار ئۈچۈن كۈرەش قىلسۇن» ــ بۇنىڭدا «ئۇلار» «ئۆز خەلقى»نى كۆرسەتسە كېرەك. «ئۇنىڭ قوللىرى ئۇلار ئۈچۈن كۈرەش قىلسۇن» ــ بۇبىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇنىڭ قوللىرى ئۆز ھاجىتىدىن چىقسۇن».

33:8 «ئۇرىم ۋە تۇممىم» ــ توغرۇلۇق «مىس.» 30:28نى كۆرۈڭ. خۇدا لاۋىيلارنى تاللىشىنىڭ بىر سەۋەبى 25:32-29دە كۆرۈلىدۇ؛ خۇدا ئۇنى ئۆز خىزمىتىدە بولۇشقا تاللىغاچقا، مۇشۇ يەردە خۇدا ئۇنى «مېنىڭ مۇقەددەس بەندەم» دەپ ئاتايدۇ. «ماسساھ» دېگەن جاينىڭ مەنىسى «سىناش» («مىس.» 7:17نى كۆرۈڭ). «مەرىباھ» ــ «مەرىباھ» دېگەن جاينىڭ مەنىسى «تالاش-تارتىش، كۈرەش» («چۆل.» 13:20 ۋە 24نى كۆرۈڭ).

33:9 «ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ھېچ يۈزىنى قىلماي، ...بەلكى سېنىڭ سۆزۈڭگە ئەمەل قىلىپ، ئەھدەڭنى چىڭ تۇتتى» ــ كۆزدە تۇتۇلغان ۋەقەلەر «مىس.» 21:32-29دە خاتىرىلىنىدۇ.

33:13 «يەر تېگى» ــ بەلكىم يەر ئاستىدىكى سۇلارنى ياكى دېڭىز تەگلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

33:13 يار. 49‏:25

33:16 «ئازغانلىقتا تۇرغۇچى زات» ــ مۇشۇ زات پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىدۇر («مىس.» 2:3-6نى كۆرۈڭ).

33:16 يار. 49‏:26

33:17 «ئۇنىڭ ھەيۋىسى ئۆز بۇقىسىنىڭ تۇنجىسىدەكتۇر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇنىڭ بۇقىسىنىڭ تۇنجىسى ئۇنىڭغا شەرەپ كەلتۈرسۇن». «ئۇنىڭ مۈڭگۈزلىرى ياۋا كالىنىڭ مۈڭگۈزلىرىدەكتۇر» ــ ياۋا كالا بولسا نەسلى قۇرۇغان ئىنتايىن يوغان بىرخىل كالا ئىدى. «...ماناسسەھنىڭ مىڭلىغان ئادەملىرى شۇنداق بولىدۇ» ــ تولۇق ئايەتنىڭ مەنىسى: (1) بۇ ئىككى قەبىلە يۈسۈپنىڭ مۈڭگۈزلىرىدۇر؛ (2) يۇقىرىدا ئېيتىلغان بەخت-بەرىكەتلەر يۈسۈپكە خاس بولۇپ، بۇ ئىككى قەبىلىنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. بىز ئىككىنچى مەنىگە مايىلمىز.

33:20 «گاد بولسا چىشى شىردەك ئولتۇراقلاشتى» ــ ياكى «گاد.... يېتىۋالدى». «ئۇ بىلەك ھەم باش تېرىسىنى تىتما-تىتما قىلىۋېتىدۇ» ــ بەلكىم گادنىڭ دۈشمىنىگە قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

33:21 «ھۆكۈم بېكىتكۈچى» ــ (1) قانۇن بەرگۈچى (مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئۆزى)نى؛ (2) قانائان زېمىنىنى بۆلۈپ تەقسىم قىلغۇچى (يەشۇئا پەيغەمبەر)نى كۆرسىتىدۇ.

33:22 «ئۇ باشاندىن تاقلاپ ئۆتىدۇ» ــ بۇ سۆزلەر بەلكىم «ھاك.» 27:18-28دە خاتىرىلەنگەن ۋەقەنى كۆرسىتىدىغان بېشارەت بولۇشى مۇمكىن.

33:24 «ئاشىر.... پۇتى مايغا چىلانسۇن» ــ كېيىن، ئاشىر تۇرغان جايدا كۆپ زەيتۇن مېيى ئىشلەپ چىقارغان.

33:25 «دەرۋازا بالداقلىرىڭ» ــ ياكى «ئايىغىڭنىڭ بوغقۇچىلىرى».

33:26 «ئەي يەشۇرۇن، تەڭرىڭدەك باشقا ھېچكىم يوقتۇر» ــ ياكى «ئەي يەشۇرۇن، تەڭرىدەك باشقا ھېچكىم يوقتۇر».

33:26 قان. 32‏:13؛ يەش. 58‏:14

33:28 «... ئىسرائىل ... مول بولغان بىر زېمىندا تۇرۇپ، يالغۇز ئامان-ئېسەن ماكان تۇتىدۇ» ــ مۇشۇ جۈملىدىكى «يالغۇز» خۇدادىن باشقا ھېچقانداق پاناھ ياكى مۇھاپىزەت كېرەك بولمايدۇ، دېگەنلىكنى كۆرسىتىدۇ. «ياقۇپنىڭ بۇلىقى»: ــ (1) ئىسرائىلنىڭ زېمىنىدىكى سۇ مەنبەلىرىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن؛ (2) خۇدا ئۇلارغا بۇلاقتەك روھىي ھاياتلىق مەنبەسى بولۇپ، ئۆزگەرمەي مەزمۇت تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. بىز ئىككىنچى مەنىسىگە مايىلمىز.

33:28 يەر. 23‏:6؛ 33‏:16؛ زەب. 68‏:26