■4:2 2پاد. 17:29-41
■4:3 ئەزرا 1:1، 2، 3
□4:5 «پارس پادىشاھى دارىئۇس» ــ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 522-486-يىللاردا پارس تەختىگە ئولتۇرغان.
□4:6 «ئاھاشۋېروش» ــ بەزى ئالىملار پارس ئىمپېراتورى بولغان مۇشۇ «ئاھاشۋېروش»نى «كسەركسىس I» نىڭ ئۆزى شۇ (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 486-464-يىللار)، دەپ قارايدۇ. بىراق ئىسپات باركى، «ئاھاشۋېروش» ياكى «كسەركسىس» دېگەن سۆز ئەسلىدە ئىسىم ئەمەس، بەلكى پارس ئىمپېراتورىنىڭ ئومۇمىي بىر ئۇنۋانى ئىدى. شۇڭا بىز «ئاھاشۋېروش» دەپ ئاتالغان پادىشاھنى كامبىسىس (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 529-521-يىللار)، دەپ قارايمىز.
□4:7 «ئارتاخشاشتا» ــ «ئارتاخشاشتا» بىلەن «ئارتاكسەركسىس» بىر ئادەمنىڭ نامى بولۇپ، تارىختا ئۇ «ئارتاكسەركسىس» دېگەن (گرېكچە) ئىسمى بىلەن تونۇلغان. بۇ پادىشاھ كامبىسىس ۋە دارىئۇس خىستاسپىس (مىلادىيەدىن ئىلگىرى 522-486-يىللار) ئارىلىقىدا ئۆتكەن بولسا كېرەك. شۇڭا ئۇ: (1) كامبىسىسنى ئۆلتۈرۈپ تەختىنى تارتىۋالغان «سمەردىس» دېگەن جادۇگەرنى (يەتتە ئاي تەختكە ئولتۇرغان) ياكى بولمىسا: (2) كامبىسىس ئىمپېراتور بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمرانلىق قىلغان بىزگە ھازىر نامەلۇم «ئارتاخشاشتا» (ئارتاكسەركسىس») ئىسىملىك باشقا بىرسىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئۇ كېيىنكى ئالەمشۇمۇل ئىمپېراتور «ئارتاكسەركسىس» (مىلادىيەدىن ئىلگىرى 486-425-يىللار) بولۇشى مۇمكىن ئەمەس؛ چۈنكى شۇ كىشى 24-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان دارىئۇس ئىمپېراتوردىن كېيىن ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
□4:8 «...يېرۇسالېم ئۈستىدىن تۆۋەندىكىدەك ئەرزنامە يازدى» ــ بۇ ئايەتتىن باشلاپ 18:6گىچە «ئەزرا»نىڭ تېكىستى ئارامىي تىلىدا يېزىلغان.
□4:9 «...سوراقچىلار، مۇپەتتىشلەر، مەنسەپدارلار، كاتىپلار...» ــ ياكى «دىنايلىقلار، ئافارساتقىلىقلار، تارپەللىكلەر، ئارفاسلىقلار،...». «شۇشانلىقلار، يەنى...» ــ ياكى «سۇسا (شەھىرى)دىكىلەر، يەنى...».
□4:10 «ئۇلۇغ جانابىي ئوسناپپار» ــ ئوسناپپار بولسا ئاسۇرىيە ئىمپېراتورى «ئاشۇربانىپال»نىڭ ئارامىي تىلىدىكى نامى. ئۇ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 669-يىلى ئاتىسى ئېسارھاددوننىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى؛ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 645-يىللىرى ئەتراپىدا ئۇ ئېلامنىڭ پايتەختى شۇشاننى ئىشغال قىلىپ، ئۇنىڭدىكى پۇقرالاردىن بەزىلەرنى سامارىيەگە، شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرقتىكى باشقا يەرلەرگە سۈرگۈن قىلدى. «ئەفرات دەرياسى» ــ مەشكۇر كىتابتا مۇشۇ يەردىن باشلاپ «دەريا» «ئەفرات دەرياسى»نى كۆرسىتىدۇ؛ «مۇشۇ تەرىپى» ــ غەربىي تەرىپى، ئەلۋەتتە.
□4:12 «سېپىلنى ياساپ چىقتى ۋە سېپىلنىڭ ئۇللىرىنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ ياساۋاتىدۇ» ــ مۇشۇ گەپ بىرىنچىدىن ئۆز-ئۆزىگە زىت كېلىدۇ. قانداقسىگە سېپىل ئۇللىرى تېخى «بىر-بىرىگە ئۇلانماي» تۇرۇپ سېپىل ياسىلىپ بولىدۇ؟ 12-ئايەتتە خاتىرىلەنگەن ئۆز بايانلىرىمۇ ئۇلارنىڭ شۇ سۆزىگە رەددىيە بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، بۇ سۆزلەر پۈتۈنلەي يالغان. يەھۇدىي خەلقى پەقەت ئىبادەتخانا (قورەش پادىشاھنىڭ ئەسلىدىكى يارلىقى بويىچە) قۇرۇۋاتاتتى. سېپىلنىڭ ئۆزى بولسا، خارابىلىك ئەھۋالدا ئىدى. مەسىلەن «نەھ.» 3:1نى كۆرۈڭ.
□4:14 «بۇنداق بىھۆرمەت قىلىنىشىغا...» ــ ياكى «بۇنداق زىيان تارتىشىغا...».
□4:17 «دەرياسىنىڭ شۇ تەرىپى» ــ ئەرفات دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپى.
□4:18 «ئالدىمدا ئېنىق قىلىپ ئوقۇپ...» ــ ياكى «ئالدىمدا تەرجىمە قىلىنىپ ئوقۇپ....».