25
ئىبراھىمنىڭ باشقا ئەۋلادلىرى
1تار. 1‏:28-42
ئىبراھىم كەتۇراھ ئىسىملىك يەنە بىر ئايالنى ئالغانىدى. ئۇ ئىبراھىمغا زىمران، يوقشان، مېدان، مىدىيان، ئىشباق ۋە شۇئاھنى تۇغۇپ بەردى. 1تار. 1‏:32. يوقشاندىن شېبا بىلەن دېدان تۆرەلدى؛ دېداننىڭ ئەۋلادلىرى ئاشۇرىيلار، لېتۇشىيلار ۋە لېئۇممىيلار ئىدى. «ئاشۇرىيلار» ــ مۇشۇ «ئاشۇرىيلار» بولسا كېيىنكى «ئاشۇرلار» ياكى «ئاسۇرىيلەر» ئەمەس. ‭ ‬«ئاشۇرلار» ياكى «ئاسۇرىيلەر» بولسا شەمنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى (22:10نى كۆرۈڭ). مىدىياننىڭ ئوغۇللىرى ئەفاھ، ئېفەر، ھانوخ، ئابىدا ۋە ئەلدائاھ ئىدى. بۇلار ھەممىسى كەتۇراھنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.
ئىبراھىم بارلىقىنى ئىسھاققا ئاتىۋەتكەنىدى؛ يار. 24‏:36. ئىبراھىم تېخى ھايات ۋاقتىدا كىچىك خوتۇنلىرىدىن بولغان ئوغۇللىرىغا ھەدىيەلەرنى بېرىپ، ئاندىن بۇلارنى ئوغلى ئىسھاقتىن يىراق تۇرسۇن دەپ، كۈن چىقىش تەرەپكە، شەرقىي زېمىنغا ئەۋەتىۋەتكەنىدى. «كىچىك خوتۇنلىرى» ــ ھەجەر ۋە كەتۇراھلار ئىدى. ئىبراھىمنىڭ شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشى، شۈبھىسىزكى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئوغۇللىرى ئارىسىدا خۇدا ۋەدە قىلغان مىراس (پەلەستىن زېمىنى) ئۈستىدە چىقىشى مۇمكىن بولغان جېدەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىدى.
 
ئىبراھىمنىڭ ئۆلۈمى ۋە دەپنە قىلىنىشى
7‏-8 ئىبراھىمنىڭ ئۆمرىنىڭ كۈنلىرى بىر يۈز يەتمىش يىل بولدى؛ ئۇ تولىمۇ قېرىپ، كۈنلىرى توشۇپ، نەپەستىن توختاپ ۋاپات بولدى؛ ئۇ ئۆز قوۋمىنىڭ قېشىغا بېرىپ قوشۇلدى. «ئۆز قوۋمىنىڭ قېشىغا بېرىپ قوشۇلدى» ــ 15:15 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.   يار. 15‏:15. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىسھاق ۋە ئىسمائىل ئۇنى مامرەنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان، ھىتتىي زوھارنىڭ ئوغلى ئەفروننىڭ ئېتىزلىقىدىكى ماكپيلاھنىڭ غارىدا دەپنە قىلدى. 10 بۇ ئېتىزلىقنى ئىبراھىم ھىتتىيلاردىن سېتىۋالغانىدى؛ مانا بۇ يەرلىككە ئىبراھىم دەپنە قىلىندى، ئايالى ساراھمۇ مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانىدى.
11 ئىبراھىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن شۇنداق بولدىكى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئوغلى ئىسھاقنى بەرىكەتلىدى. ئىسھاق بەئەر-لاھاي-روينىڭ يېنىدا تۇراتتى.
 
ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادلىرى
12 تۆۋەندىكىلەر ساراھنىڭ مىسىرلىق دېدىكى ھەجەردىن تۇغۇلغان، ئىبراھىمنىڭ ئوغلى بولغان ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادلىرى: ــ «تۆۋەندىكىلەر .... ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادلىرى» ــ مۇشۇ جۈملە بىلەن «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»نىڭ يەتتىنچى «تولىدوت»ى («تارىخى»)، يەنى «ئىسمائىلنىڭ تولىدوتى» («ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ تارىخى») (12:25-18) باشلىنىدۇ.
13 ئىسمائىلنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ، ئۇلارنىڭ نەسەبنامىلىرى ۋە قەبىلىلىرى بويىچە ئىسمى تۆۋەندىكىچە: ــ ئىسمائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى نېبايوت؛ ئاندىن كېدار، ئادبەئەل، مىبسام، 1تار. 1‏:29. 14 مىشما، دۇماھ، ماسسا، 15 ھاداد بىلەن تېما، يەتۇر بىلەن نافىش ۋە قەدەماھ ئىدى. 16 بۇلار بولسا ئىسمائىلنىڭ ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەنت ۋە چېدىرگاھلىرى ئۇلارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بولۇپ، ئۇلار ئون ئىككى قەبىلىگە ئەمىر بولغانىدى.
17 ئىسمائىلنىڭ ئۆمرىنىڭ يىللىرى بىر يۈز ئوتتۇز يەتتە يىل بولدى؛ ئۇ ئاخىرقى نەپسىنى تارتىپ ۋاپات بولۇپ، ئۆز قوۋمىنىڭ قېشىغا بېرىپ قوشۇلدى.
18  ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ھاۋىلاھ رايونىدىن تارتىپ شۇرغىچە ئولتۇراقلاشتى (شۇر بولسا مىسىرنىڭ ئۇتتۇرىسىدا بولۇپ، ئاشۇرغا بارىدىغان يولدا ئىدى). ئىسمائىل ئۆزىنىڭ بارلىق قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇراقلاشتى. «ئىسمائىل ئۆزىنىڭ بارلىق قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇراقلاشتى» ــ بۇ بايان ئىسمائىل توغرىسىدىكى ئىلگىرىكى بېشارەت (12:16)نىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئۇنىڭدىن بەلكىم ئىسمائىل ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان يەھۇدىيلار ۋە باشقىلار بىلەن قارشىلىشىشىنىڭ باشلانغانلىقىنى پۇراتقان بولۇشى مۇمكىن.
مۇشۇ ئايەتتىكى «ئاشۇر» ئاسۇرىيە ئەمەس، بەلكىم سىناي چۆلىدىكى بىر رايوننى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
 
ئەساۋ بىلەن ياقۇپنىڭ دۇنياغا كېلىشى
19 ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسھاقنىڭ نەسلىنىڭ بايانى مۇنداقتۇر: ــ ئىبراھىمدىن ئىسھاق تۆرەلدى. «ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسھاقنىڭ نەسلىنىڭ بايانى مۇنداقتۇر» ــ مۇشۇ جۈملە بىلەن «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»نىڭ سەككىزىنچى «تولىدوت»ى («تارىخى»، يەنى «ئىسھاقنىڭ تولىدوتى») («ئىسھاقنىڭ نەسلىنىڭ بايانى») (19:25-26:35) باشلىنىدۇ. 20 ئىسھاق پادان-ئارامدا ئولتۇرۇشلۇق ئارامىي بېتۇئەلنىڭ قىزى، ئارامىي لاباننىڭ سىڭلىسى بولغان رىۋكاھنى خوتۇنلۇققا ئالغاندا قىرىق ياشقا كىرگەنىدى. 21 ئەمما رىۋكاھ بولسا تۇغماس بولغاچقا، ئىسھاق خوتۇنى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا-تىلاۋەت قىلدى؛ پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئايالى رىۋكاھ ھامىلىدار بولدى. رىم. 9‏:10.
22 ئەمما ئۇنىڭ قورسىقىدىكى ئىككى بالا بىر-بىرى بىلەن سوقۇشقىلى تۇردى. شۇنىڭ بىلەن رىۋكاھ: ــ ئەگەر بۇنداقلىقىنى بىلسەم، ھامىلىدار بولۇپ نېمە قىلاتتىم؟ ــ دەپ پەرۋەردىگاردىن سەۋەبىنى سورىغىلى باردى.
23 پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: ــ
«سېنىڭ قورسىقىڭدا ئىككى ئەل باردۇر،
ئىچىڭدىن ئىككى خەلق چىقىپ بىر-بىرىدىن ئايرىلىدۇ،
بىر خەلق يەنە بىر خەلقتىن غالىب كېلىدۇ،
چوڭى كىچىكىنىڭ خىزمىتىنى قىلىدۇ» ــ دېدى. 2سام. 8‏:14؛ رىم. 9‏:12.
 
24 ئۇنىڭ ئاي-كۈنى توشقاندا، مانا ئۇنىڭ قورسىقىدا دەرۋەقە بىر جۈپ قوشكېزەك بار ئىدى. «ئەساۋ» ــ «تۈكلۈك». 25 ئاۋۋال تۇغۇلغىنى قىزغۇچ بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى جۇۋىدەك تۈكلۈك ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەساۋ دەپ قويدى. «ياقۇپ» ــ مەنىسى «تاپانغا ئېسىلغۇچى» ياكى كۆچمە مەنىدە «ئورۇن باسار» ياكى «مۇھاپىزەتچى» دېگەنلىك ئىدى. كېيىن ئەساۋ ياقۇپقا ئۆچ بولۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى «ئورۇن ئىگىلىۋالغۇچى» دېگەن سەلبىي مەنىدە ئىشلىتىدۇ (36:27). 26 ئاندىن ئىنىسى قولى بىلەن ئەساۋنىڭ تاپىنىنى تۇتقان ھالدا چىقتى. بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئىسمى ياقۇپ دەپ قويۇلدى. ئۇلار تۇغۇلغاندا ئىسھاق ئاتمىش ياشتا ئىدى. ھوش. 12‏:4.
 
ئەساۋنىڭ تۇنجىلىق ھوقۇقى، يەنى تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقنى سېتىۋېتىشى
27 بالىلار ئۆسۈپ چوڭ بولدى؛ ئەساۋ ماھىر ئوۋچى بولۇپ، دالا-جاڭگالدا يۈرىدىغان ئادەم بولدى. ياقۇپ بولسا دۇرۇس ئادەم بولۇپ، چېدىرلاردا تۇراتتى. «چۈشەنمە» ــ ئومۇمەن ئېيتقاندا، تەۋراتتا ئوۋچىلىق قىلىش سەلبىي قارىلىدۇ. «چېدىرلاردا تۇراتتى» ياقۇپنى ھۇرۇن ئادەم دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئائىلىسىدىكى ئىشلار، بولۇپمۇ چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىنى كۆرسىتىدۇ. ياقۇپنىڭ تەجرىبىلىك قويچى ئىكەنلىكى 7:29دىن كۆرۈنىدۇ.
بەزى تەرجىمىلەردە «ياقۇپ جىمغۇر ئادەم» دېيىلگىنى بىلەن ئىبرانىي تىلىدىكى بۇ سۆز («تام» ياكى «تامام») تەۋراتتا دائىم «دۇرۇس»، «كامىل» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
28 ئىسھاق ئەساۋنىڭ ئوۋلاپ كەلگەن گۆشىدىن دائىم يەپ تۇرغاچقا، ئۇنىڭغا ئامراق ئىدى. لېكىن رىۋكاھ ياقۇپقا ئامراق ئىدى.
29 بىر كۈنى ياقۇپ پۇرچاق شورپىسى قاينىتىۋاتاتتى؛ ئەساۋ دالادىن ھېرىپ-ئېچىپ قايتىپ كەلدى. 30 ئەساۋ ياقۇپقا: ــ مەن ھالىمدىن كەتتىم! ئۆتۈنۈپ قالاي، ئاۋۇ قىزىلدىن بەرسەڭ! ــ ئاۋۇ قىزىل نەرسىدىن مېنى ئوزۇقلاندۇرساڭچۇ! مەن ھالىمدىن كەتتىم، ــ دېدى (شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئېتى «ئېدوم» دەپمۇ ئاتالدى). «ئېدوم» ــ «قىزىل».
31 ياقۇپ ئۇنىڭغا: ــ ئۇنداق بولسا، تۇنجىلىق ھوقۇقۇڭنى ماڭا سېتىپ بەرگىن، ــ دېدى. «تۇنجىلىق ھوقۇقى» ــ (ياكى «تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇق») ــ بۇ ھوقۇق تۆت ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى مۇمكىن: ــ
(1) پۈتكۈل ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن ئىگىدارچىلىق مەسئۇلىيىتى؛
(2) باشقا ئوغۇللارغا قارىغاندا، ئاتىسىدىن مىراسنى بىر ھەسسە كۆپ ئېلىش؛
(3) ئاتىسىنىڭ بەخت-بەرىكەت تىلەش خەيرلىق دۇئاسىدىن ئالاھىدە بەھرىمان بولۇش؛
(4) پۈتكۈل ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن كاھىنلىق (دۇئا قىلىش) ۋەزىپىسىنى ئۆتەش.
بىز «تۇنجىلىق ھوقۇقى» توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە يەنە توختىلىمىز.
32 ئەساۋ: ــ مەن ئۆلەي دەۋاتىمەن، بۇ تۇنجىلىق ھوقۇقىنىڭ ماڭا نېمە پايدىسى؟ ــ دېدى. يەش. 22‏:13؛ 1كور. 15‏:32.
33 ياقۇپ: ــ ئەمىسە ھازىر ماڭا قەسەم قىلغىن، دېۋىدى، ئۇ ئۇنىڭغا قەسەم قىلىپ، تۇنجىلىق ھوقۇقىنى ياقۇپقا سېتىپ بەردى.
34 شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئەساۋغا نان بىلەن قىزىل پۇرچاق شورپىسىنى بەردى. ئۇ يەپ-ئىچىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ ئەساۋ تۇنجىلىق ھوقۇقىغا شۇنچە ئېتىبارسىز قارىغانىدى.
 
 

25:2 1تار. 1‏:32.

25:3 «ئاشۇرىيلار» ــ مۇشۇ «ئاشۇرىيلار» بولسا كېيىنكى «ئاشۇرلار» ياكى «ئاسۇرىيلەر» ئەمەس. ‭ ‬«ئاشۇرلار» ياكى «ئاسۇرىيلەر» بولسا شەمنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى (22:10نى كۆرۈڭ).

25:5 يار. 24‏:36.

25:6 «كىچىك خوتۇنلىرى» ــ ھەجەر ۋە كەتۇراھلار ئىدى. ئىبراھىمنىڭ شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشى، شۈبھىسىزكى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئوغۇللىرى ئارىسىدا خۇدا ۋەدە قىلغان مىراس (پەلەستىن زېمىنى) ئۈستىدە چىقىشى مۇمكىن بولغان جېدەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىدى.

25:7‏-8 «ئۆز قوۋمىنىڭ قېشىغا بېرىپ قوشۇلدى» ــ 15:15 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.

25:7‏-8 يار. 15‏:15.

25:12 «تۆۋەندىكىلەر .... ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادلىرى» ــ مۇشۇ جۈملە بىلەن «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»نىڭ يەتتىنچى «تولىدوت»ى («تارىخى»)، يەنى «ئىسمائىلنىڭ تولىدوتى» («ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ تارىخى») (12:25-18) باشلىنىدۇ.

25:13 1تار. 1‏:29.

25:18 «ئىسمائىل ئۆزىنىڭ بارلىق قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇراقلاشتى» ــ بۇ بايان ئىسمائىل توغرىسىدىكى ئىلگىرىكى بېشارەت (12:16)نىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئۇنىڭدىن بەلكىم ئىسمائىل ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان يەھۇدىيلار ۋە باشقىلار بىلەن قارشىلىشىشىنىڭ باشلانغانلىقىنى پۇراتقان بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇ ئايەتتىكى «ئاشۇر» ئاسۇرىيە ئەمەس، بەلكىم سىناي چۆلىدىكى بىر رايوننى كۆرسىتىشى مۇمكىن.

25:19 «ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسھاقنىڭ نەسلىنىڭ بايانى مۇنداقتۇر» ــ مۇشۇ جۈملە بىلەن «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»نىڭ سەككىزىنچى «تولىدوت»ى («تارىخى»، يەنى «ئىسھاقنىڭ تولىدوتى») («ئىسھاقنىڭ نەسلىنىڭ بايانى») (19:25-26:35) باشلىنىدۇ.

25:21 رىم. 9‏:10.

25:23 2سام. 8‏:14؛ رىم. 9‏:12.

25:24 «ئەساۋ» ــ «تۈكلۈك».

25:25 «ياقۇپ» ــ مەنىسى «تاپانغا ئېسىلغۇچى» ياكى كۆچمە مەنىدە «ئورۇن باسار» ياكى «مۇھاپىزەتچى» دېگەنلىك ئىدى. كېيىن ئەساۋ ياقۇپقا ئۆچ بولۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى «ئورۇن ئىگىلىۋالغۇچى» دېگەن سەلبىي مەنىدە ئىشلىتىدۇ (36:27).

25:26 ھوش. 12‏:4.

25:27 «چۈشەنمە» ــ ئومۇمەن ئېيتقاندا، تەۋراتتا ئوۋچىلىق قىلىش سەلبىي قارىلىدۇ. «چېدىرلاردا تۇراتتى» ياقۇپنى ھۇرۇن ئادەم دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئائىلىسىدىكى ئىشلار، بولۇپمۇ چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىنى كۆرسىتىدۇ. ياقۇپنىڭ تەجرىبىلىك قويچى ئىكەنلىكى 7:29دىن كۆرۈنىدۇ. بەزى تەرجىمىلەردە «ياقۇپ جىمغۇر ئادەم» دېيىلگىنى بىلەن ئىبرانىي تىلىدىكى بۇ سۆز («تام» ياكى «تامام») تەۋراتتا دائىم «دۇرۇس»، «كامىل» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

25:30 «ئېدوم» ــ «قىزىل».

25:31 «تۇنجىلىق ھوقۇقى» ــ (ياكى «تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇق») ــ بۇ ھوقۇق تۆت ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى مۇمكىن: ــ (1) پۈتكۈل ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن ئىگىدارچىلىق مەسئۇلىيىتى؛ (2) باشقا ئوغۇللارغا قارىغاندا، ئاتىسىدىن مىراسنى بىر ھەسسە كۆپ ئېلىش؛ (3) ئاتىسىنىڭ بەخت-بەرىكەت تىلەش خەيرلىق دۇئاسىدىن ئالاھىدە بەھرىمان بولۇش؛ (4) پۈتكۈل ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن كاھىنلىق (دۇئا قىلىش) ۋەزىپىسىنى ئۆتەش. بىز «تۇنجىلىق ھوقۇقى» توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە يەنە توختىلىمىز.

25:32 يەش. 22‏:13؛ 1كور. 15‏:32.