18
يەشايانىڭ ئېفىئوپىيىدىن كەلگەن ئەلچىلەرگە بەرگەن بېشارىتى
1‏-2 ئاھ، ئېفىئوپىيە دەريالىرىنىڭ بويلىرىدىكى قاناتلارنىڭ ۋىژىلدىغان ئاۋازلىرى بىلەن قاپلانغان يەر-زېمىن! ــ
سەن قومۇش كېمىلەر ئۈستىدە ئەلچىلەرنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزۈپ ئەۋەتىسەن؛
ــ ئى يەل تاپان خەۋەرچىلەر،
ئېگىز بويلۇق ھەم سىلىق تېرىلىك بىر ئەلگە،
يىراق-يېقىنلارغا قورقۇنچ بولىدىغان بىر مىللەتكە،
زېمىنى دەريالار تەرىپىدىن بۆلۈنگەن،
كۈچلۈك، تاجاۋۇزچى بىر ئەلگە قايتىپ بېرىڭلار! «ئاھ، ئېفىئوپىيە دەريالىرىنىڭ بويلىرىدىكى قاناتلارنىڭ ۋىژىلدىغان ئاۋازلىرى بىلەن قاپلانغان يەر-زېمىن!» ــ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 715-يىلى، ئېفىئوپىيەنىڭ پادىشاھى پىئانقى مىسىرنى ئىشغال قىلىپ يېڭى بىر سۇلالىنى (مىسىردىكى 25-سۇلالە) بەرپا قىلغاندىن كېيىن، ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىگە قارشى بىر ئىتتىپاقنى شەكىللەندۈرۈش ئۈمىدىدە، ئوتتۇرا شەرقتىكى بارلىق دۆلەتلەرگە ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى. مۇشۇ بابتا يەشايا ئەلچىلەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇلارنى قايتۇرماقچى بولۇپ، يۇقىرىقى خەۋەرنى يەتكۈزىدۇ. «ئى يەل تاپان خەۋەرچىلەر، ئېگىز بويلۇق ھەم سىلىق تېرىلىك بىر ئەلگە، ...زېمىنى دەريالار تەرىپىدىن بۆلۈنگەن، كۈچلۈك، تاجاۋۇزچى بىر ئەلگە قايتىپ بېرىڭلار!» ــ يەشايا پەيغەمبەر ئەلچىلەرنى ئۆز دۆلىتىگە (ئېفىئوپىيىلىكلەر ئېگىز بويلۇق، سىلىق تېرىلىك، ئەشەددىي بىر خەلق ئىدى) قايتىشنى دەۋەت قىلىدۇ. ئۇ ئۇلار ئارقىلىق يەنە، كەلگۈسىدە پۈتكۈل دۇنيا پەرۋەردىگارغا بويسۇنىدۇ، دەپ جاكارلىماقچى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ، ئۇ يېرۇسالېمدىكىلەرگە مۇشۇ ئىتتىپاقنىڭ پايدىسىزلىقىنى، پەرۋەردىگارغا تايانمىسا ھەممە ئىشلىرىنىڭ قۇرۇق بولىدىغانلىقىنى دەۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە.
جاھاندا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى،
جىمىكى يەر يۈزىدىكىلەر!
تاغلاردا بىر تۇغ كۆتۈرۈلگەندىلا،
كۆرۈڭلار!
كاناي چېلىنغاندىلا،
ئاڭلاڭلار! ... «تۇغ» ... «كاناي» ــ بۇلارنىڭ نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، 11-باب ھەم 27-بابنى كۆرۈڭ. «تۇغ» ھەم قۇتۇلۇش بەلگىسى ھەم دۇنيادىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كاناي خۇدانىڭ ئۆز قوۋمىنى ئۆزىگە چاقىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ
مەن تىنچلىقتا تۇرىمەن،
نۇر ئۈستىدە يالىلداپ تۇرغان ئىسسىقتەك،
ئىسسىق ھوسۇل مەزگىلىدىكى شەبنەملىك بۇلۇتتەك،
ئۆز تۇرالغۇمدا كۆزىتىمەن؛ «مەن تىنچلىقتا تۇرىمەن، نۇر ئۈستىدە يالىلداپ تۇرغان ئىسسىقتەك، ئىسسىق ھوسۇل مەزگىلىدىكى شەبنەملىك بۇلۇتتەك، ئۆز تۇرالغۇمدا كۆزىتىمەن» ــ ئىسسىق ھەم شەبنەم گاھىدا كۆرۈنمىگىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ ھوسۇلغا بولغان تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈكتۇر. خۇدامۇ ئوخشاشلا دائىم «تىنچ» ھەم كۆرۈنمەيدۇ؛ ئۇ ھېچنېمىنى دېمىگەندەك ياكى قىلمىغاندەك تۇرىدۇ. بۇ دۇنيادىكى نۇرغۇن ئىشلار خۇداسىز قىلىنغاندەك بولغىنى بىلەن (دېمەك، خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى شۇ ئىشلارغا كېرەك ئەمەستەك تۇرغىنى بىلەن)، خۇدا ھامان ئۆز خەلقى بىلەن بىللە بولىدۇ، ھەممە ئىشلارنىڭ ئارقىسىدا تۇرىدۇ ھەم بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا قولىنى سوزىدۇ (5- ھەم 6-ئايەتنى كۆرۈڭ).
چۈنكى ھوسۇل ئېلىش ئالدىدا،
ئۈزۈم چېچەكلىگەندىن كېيىن،
چېچەكلەر ئۈزۈم بولغاندا،
ئۇ پۇتىغۇچى پىچاقلار بىلەن بىخلارنى كېسىپ،
ھەم شاخلىرىنى كېسىپ تاشلايدۇ. «ھوسۇل ئېلىش ئالدىدا، ... چېچەكلەر ئۈزۈم بولغاندا، ئۇ پۇتىغۇچى پىچاقلار بىلەن بىخلارنى كېسىپ، ھەم شاخلىرىنى كېسىپ تاشلايدۇ» ــ دېمەك، مۇشۇ دۇنيادىكى ھۆكۈمدارلار «ھوسۇل، يەنى دۇنيادىكى بارلىق ئەل-يۇرتلار بىزنىڭكى» دېگەندە، خۇدا تۇيۇقسىز ھەممىسىنى ئۇلارنىڭ قولىدىن ئېلىپ تاشلاپ ئۇلارنى يەرگە قارىتىپ قويىدۇ.
ئۇلار يىغىشتۇرۇلۇپ تاغدىكى ئالغۇر قۇشلارغا،
يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارغا قالدۇرۇلىدۇ.
ئالغۇر قۇشلار ئۇلاردىن ئوزۇقلىنىپ يازنى ئۆتكۈزىدۇ،
يەر يۈزىدىكى ھايۋانلار ئۇلار بىلەن قىشنى ئۆتكۈزىدۇ. «...ئالغۇر قۇشلار ئۇلاردىن ئوزۇقلىنىپ يازنى ئۆتكۈزىدۇ، يەر يۈزىدىكى ھايۋانلار ئۇلار بىلەن قىشنى ئۆتكۈزىدۇ» ــ بۇ ئىش ۋاقىتلىق ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى ھۆكۈمدارلاردىن ھوقۇقنى تارتىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇش-جېدەللىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، دۇنيادىكى ھايۋانلارغا تۈگىمەس ئاراملىق بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
شۇ كۈنىدە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا بىر سوۋغات ئېلىپ كېلىنىدۇ؛
يەنى ئېگىز بويلۇق ھەم سىلىق تېرىلىك بىر مىللەتتىن،
يىراق-يېقىنلارغا قورقۇنچ بولىدىغان بىر ئەلدىن،
زېمىنى دەريالار تەرىپىدىن بۆلۈنگەن،
كۈچلۈك، تاجاۋۇزچى بىر مىللەتتىن بېرىلىدۇ؛
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بولغان جايغا،
يەنى زىئون تېغىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ. «شۇ كۈنىدە ... پەرۋەردىگارغا بىر سوۋغات ئېلىپ كېلىنىدۇ... پەرۋەردىگارنىڭ نامى بولغان جايغا، يەنى زىئون تېغىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ» ــ دېمەك، ئېفىئوپىيەلىكلەر خۇدانى تونۇيدۇ ھەم خۇداغا قىلغان ئىبادىتى قوبۇل قىلىنىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇلار مۇشۇ يەردە ئۆزىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەرگە ۋەكىل بولۇپ، پەرۋەردىگارغا بېقىنىدۇ.
 
 

18:1‏-2 «ئاھ، ئېفىئوپىيە دەريالىرىنىڭ بويلىرىدىكى قاناتلارنىڭ ۋىژىلدىغان ئاۋازلىرى بىلەن قاپلانغان يەر-زېمىن!» ــ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 715-يىلى، ئېفىئوپىيەنىڭ پادىشاھى پىئانقى مىسىرنى ئىشغال قىلىپ يېڭى بىر سۇلالىنى (مىسىردىكى 25-سۇلالە) بەرپا قىلغاندىن كېيىن، ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىگە قارشى بىر ئىتتىپاقنى شەكىللەندۈرۈش ئۈمىدىدە، ئوتتۇرا شەرقتىكى بارلىق دۆلەتلەرگە ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى. مۇشۇ بابتا يەشايا ئەلچىلەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇلارنى قايتۇرماقچى بولۇپ، يۇقىرىقى خەۋەرنى يەتكۈزىدۇ. «ئى يەل تاپان خەۋەرچىلەر، ئېگىز بويلۇق ھەم سىلىق تېرىلىك بىر ئەلگە، ...زېمىنى دەريالار تەرىپىدىن بۆلۈنگەن، كۈچلۈك، تاجاۋۇزچى بىر ئەلگە قايتىپ بېرىڭلار!» ــ يەشايا پەيغەمبەر ئەلچىلەرنى ئۆز دۆلىتىگە (ئېفىئوپىيىلىكلەر ئېگىز بويلۇق، سىلىق تېرىلىك، ئەشەددىي بىر خەلق ئىدى) قايتىشنى دەۋەت قىلىدۇ. ئۇ ئۇلار ئارقىلىق يەنە، كەلگۈسىدە پۈتكۈل دۇنيا پەرۋەردىگارغا بويسۇنىدۇ، دەپ جاكارلىماقچى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ، ئۇ يېرۇسالېمدىكىلەرگە مۇشۇ ئىتتىپاقنىڭ پايدىسىزلىقىنى، پەرۋەردىگارغا تايانمىسا ھەممە ئىشلىرىنىڭ قۇرۇق بولىدىغانلىقىنى دەۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە.

18:3 ... «تۇغ» ... «كاناي» ــ بۇلارنىڭ نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، 11-باب ھەم 27-بابنى كۆرۈڭ. «تۇغ» ھەم قۇتۇلۇش بەلگىسى ھەم دۇنيادىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كاناي خۇدانىڭ ئۆز قوۋمىنى ئۆزىگە چاقىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

18:4 «مەن تىنچلىقتا تۇرىمەن، نۇر ئۈستىدە يالىلداپ تۇرغان ئىسسىقتەك، ئىسسىق ھوسۇل مەزگىلىدىكى شەبنەملىك بۇلۇتتەك، ئۆز تۇرالغۇمدا كۆزىتىمەن» ــ ئىسسىق ھەم شەبنەم گاھىدا كۆرۈنمىگىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ ھوسۇلغا بولغان تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈكتۇر. خۇدامۇ ئوخشاشلا دائىم «تىنچ» ھەم كۆرۈنمەيدۇ؛ ئۇ ھېچنېمىنى دېمىگەندەك ياكى قىلمىغاندەك تۇرىدۇ. بۇ دۇنيادىكى نۇرغۇن ئىشلار خۇداسىز قىلىنغاندەك بولغىنى بىلەن (دېمەك، خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى شۇ ئىشلارغا كېرەك ئەمەستەك تۇرغىنى بىلەن)، خۇدا ھامان ئۆز خەلقى بىلەن بىللە بولىدۇ، ھەممە ئىشلارنىڭ ئارقىسىدا تۇرىدۇ ھەم بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا قولىنى سوزىدۇ (5- ھەم 6-ئايەتنى كۆرۈڭ).

18:5 «ھوسۇل ئېلىش ئالدىدا، ... چېچەكلەر ئۈزۈم بولغاندا، ئۇ پۇتىغۇچى پىچاقلار بىلەن بىخلارنى كېسىپ، ھەم شاخلىرىنى كېسىپ تاشلايدۇ» ــ دېمەك، مۇشۇ دۇنيادىكى ھۆكۈمدارلار «ھوسۇل، يەنى دۇنيادىكى بارلىق ئەل-يۇرتلار بىزنىڭكى» دېگەندە، خۇدا تۇيۇقسىز ھەممىسىنى ئۇلارنىڭ قولىدىن ئېلىپ تاشلاپ ئۇلارنى يەرگە قارىتىپ قويىدۇ.

18:6 «...ئالغۇر قۇشلار ئۇلاردىن ئوزۇقلىنىپ يازنى ئۆتكۈزىدۇ، يەر يۈزىدىكى ھايۋانلار ئۇلار بىلەن قىشنى ئۆتكۈزىدۇ» ــ بۇ ئىش ۋاقىتلىق ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى ھۆكۈمدارلاردىن ھوقۇقنى تارتىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇش-جېدەللىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، دۇنيادىكى ھايۋانلارغا تۈگىمەس ئاراملىق بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

18:7 «شۇ كۈنىدە ... پەرۋەردىگارغا بىر سوۋغات ئېلىپ كېلىنىدۇ... پەرۋەردىگارنىڭ نامى بولغان جايغا، يەنى زىئون تېغىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ» ــ دېمەك، ئېفىئوپىيەلىكلەر خۇدانى تونۇيدۇ ھەم خۇداغا قىلغان ئىبادىتى قوبۇل قىلىنىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇلار مۇشۇ يەردە ئۆزىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەرگە ۋەكىل بولۇپ، پەرۋەردىگارغا بېقىنىدۇ.