45
داۋامى
پەرۋەردىگار ئۆزى «مەسىھ قىلغىنى»غا،
يەنى ئەللەرنى ئۇنىڭغا بېقىندۇرۇش ئۈچۈن ئۆزى ئوڭ قولىدىن تۇتۇپ يۆلىگەن قورەشكە مۇنداق دەيدۇ: ــ
(بەرھەق، مەن ئۇنىڭ ئالدىدا پادىشاھلارنىڭ تامبىلىنى يەشتۈرۈپ يالىڭاچلىتىمەن،
«قوش قاناتلىق دەرۋازىلار»نى ئۇنىڭ ئالدىدا ئېچىپ بېرىمەن،
شۇنىڭ بىلەن قوۋۇقلار ئىككىنچى ئېتىلمەيدۇ) ــ «پەرۋەردىگار ئۆزى «مەسىھ قىلغىنى»غا .... ئۆزى ئوڭ قولىدىن تۇتۇپ يۆلىگەن قورەشكە مۇنداق دەيدۇ: ــ» ــ «پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنى» (ياكى «پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلىگىنى») ــ خۇدانىڭ يوليورۇقى بىلەن ئىسرائىلغا يېڭى بىر پادىشاھ بېكىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بېشىغا كاھىن ياكى پەيغەمبەر تەرىپىدىن زەيتۇن مېيى سۈرۈلۈشى كېرەك ئىدى. مۇشۇ مۇراسىم «مەسىھ قىلىنىش» دېيىلەتتى؛ شۇ چاغدىن باشلاپ شۇ پادىشاھ «خۇدانىڭ مەسىھ قىلغىنى» دەپ ئاتىلاتتى. مۇشۇ ئاتالغۇنى قورەشكە قارىتا ئىشلەتكەندە خۇدا ئىسرائىللارغا: «ئۇ مەن سىلەر ئۈچۈن تاللاپ بېكىتكەن پادىشاھ بولىدۇ» دەيدۇ. بىراق يەشايا پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدىكىلەردىن كۆپ ئادەم: «قورەش يەھۇدىيلاردىن بولمايدۇ؛ شۇڭا ئۇ كەلگۈسىدە بىزنى بابىلدىن قۇتقۇزۇپ قويۇۋەتسىمۇ، بىز يەنىلا مەلۇم بىر ئىمپېرىيەگە بېقىندى بولىۋېرىمىز» دەپ، مۇشۇ بېشارەتنى قەتئىي قوبۇل قىلمايتتى. ئۇلار يەنە: «خۇدانىڭ ئۆز ۋەدىسى بويىچە داۋۇت پادىشاھنىڭ بىر ئەۋلادى ئارقىلىق بىزنى قۇتقۇزۇشى كېرەك» ۋە «خۇدا بىزنى پۈتۈنلەي مۇستەقىل قىلىشى كېرەك» دېيىشى مۇمكىن. خۇدا دەرۋەقە ئۇلارغا شۇنداق ۋەدە بەرگەنىدى (مەسىلەن 7-، 9-، 32-بابلاردا) بىراق ئۇ ئاۋۋال قورەش ئارقىلىق يەھۇدىيلارنى بابىلدىن قۇتقۇزماقچى بولسا، مۇشۇ پىلانىدىن گۇمانلىنىش ياكى نارازى بولۇش ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلغانغا باراۋەر.
تۆۋەندىكى (9-13-ئايەت) سېغىز لاينىڭ ئۆزىنى شەكىللەندۈرگۈچىسىگە «سەن مەندىن نېمە ياسايسەن؟!» دېگىنى دەل مۇشۇ كىشىلەرنىڭ پوزىتسىيىسىدۇر. «مەن ... «قوش قاناتلىق دەرۋازىلار»نى ئۇنىڭ ئالدىدا ئېچىپ بېرىمەن» ــ قەدىمكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، بابىل شەھىرىنىڭ داڭقى چىققان بىر «قوش قاناتلىق دەرۋازا»سى بار ئىدى. بابىل يىقىتىلغاندا، بۇ قوش قاناتلىق دەۋرازا قورەشكە ئېچىلدى.
«مەن سېنىڭ ئالدىڭدا مېڭىپ ئېگىزلىكلەرنى تۈز قىلىمەن؛
مىس دەرۋازىلارنى چېقىپ تاشلايمەن،
تۆمۈر تاقاقلىرىنى سۇندۇرۇۋېتىمەن؛
ۋە ساڭا قاراڭغۇلۇقتىكى گۆھەرلەرنى،
مەخپىي جايلاردا ساقلانغان يوشۇرۇن بايلىقلارنى بېرىمەن؛
شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭگە ئىسىم قويۇپ سېنى چاقىرغۇچىنى،
يەنى مەن پەرۋەردىگارنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى دەپ بىلىپ يېتىسەن. «مەن... ساڭا قاراڭغۇلۇقتىكى گۆھەرلەرنى،... بېرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭگە ئىسىم قويۇپ سېنى چاقىرغۇچىنى، يەنى مەن پەرۋەردىگارنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى دەپ بىلىپ يېتىسەن» ــ دەرۋەقە، قورەشنىڭ قىلغان ئۇرۇشلىرى توسالغۇغا ئۇچرىماي ناھايىتى راۋان، ئادەملەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە تېز بولغان. شۇنىڭ بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇ نۇرغۇن مال-مۈلۈكلەرنى ئولجا قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن. بېشارەتتە مۇشۇ ئىشلار (قورەش ئۆزى بىلمىگەن ھالدا) خۇدانىڭ يوشۇرۇن ياردىمىدە قىلىنىدۇ، دېيىلىدۇ.
قورەش ئۆزى توغرۇلۇق مۇشۇ بېشارەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ ھەقىقىي خۇدا، شۇنداقلا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك ئىدى.
مەن ئۆز قۇلۇم ياقۇپ،
يەنى ئۆز تاللىغىنىم ئىسرائىل ئۈچۈن،
ئىسمىڭنى ئۆزۈم قويغان؛
سەن مېنى بىلمىگىنىڭ بىلەن، مەن يەنىلا ساڭا ئىسىم قويدۇم.
مەن بولسام پەرۋەردىگار، مەندىن باشقا بىرى يوق؛
مەندىن باشقا خۇدا يوقتۇر؛
سەن مېنى تونۇمىغىنىڭ بىلەن، مەن بېلىڭنى باغلاپ چىڭىتتىمكى، قان. 4‏:35،39؛ 32‏:39؛ يەش. 44‏:8
كۈنچىقىشتىن كۈنپېتىشقىچە بولغانلارنىڭ ھەممىسى مەندىن باشقا ھېچقانداق بىرىنىڭ يوقلۇقىنى بىلىپ يېتىدۇ؛
مەن بولسام پەرۋەردىگار، باشقا بىرى يوقتۇر.
نۇرنى شەكىللەندۈرگۈچى، قاراڭغۇلۇقنى ياراتقۇچىدۇرمەن،
بەخت-خاتىرجەملىكنى ياسىغۇچى، بالايىئاپەتنى ياراتقۇچىدۇرمەن؛
مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلغۇچى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن».
ــ «ئى ئاسمانلار، يۇقىرىدىن ياغدۇرۇپ بېرىڭلار،
بۇلۇتلارمۇ ھەققانىيلىق تۆكۈپ بەرسۇن؛
يەر-زېمىن ئېچىلسۇن؛
نىجات ھەم ھەققانىيلىق مېۋە بەرسۇن؛
زېمىن ئىككىسىنى تەڭ ئۆستۈرسۇن!
مەن، پەرۋەردىگار، بۇنى ياراتماي قويمايمەن». «ئى ئاسمانلار، يۇقىرىدىن ياغدۇرۇپ بېرىڭلار، بۇلۇتلارمۇ ھەققانىيلىق تۆكۈپ بەرسۇن؛ يەر-زېمىن ئېچىلسۇن» ــ بۇ سۆزلەر بەلكىم ئىسرائىل ۋە دۇنيانىڭ (قورەش قىلغان ئىشلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە) خۇداغا ئىشىنىپ، ياخشى مېۋە بېرىش ئۈچۈن قىلغان دۇئاسى بولۇشى كېرەك.
 
ئىسرائىلنىڭ خۇدانىڭ قورەش ئارقىلىق قىلغانلىرىدىن نارازى بولۇپ گۇمانلىنىشلىرىغا خۇدانىڭ بەرگەن جاۋابى
ــ «ئۆز ياراتقۇچىسىنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلماقچى بولغانغا ۋاي!
ئۇ يەر-زېمىندىكى چىنە پارچىلىرى ئارىسىدىكى بىر پارچىسى، خالاس!
سېغىز لاي ئۆزىنى شەكىللەندۈرگۈچى ساپالچىغا: ــ
«سەن نېمە ياساۋاتىسەن؟» دېسە،
ياكى ياسىغىنىڭ ساڭا: «سېنىڭ قولۇڭ يوق» دېسە بولامدۇ؟ يەر. 18‏:6؛ رىم. 9‏:20
10 ئۆز ئاتىسىغا: «سەن نېمە تۇغدۇرماقچى؟»
ياكى بىر ئايالغا: ــ «سېنى نېمىنىڭ تولغىقى تۇتتى؟» ــ دەپ سورىغانغا ۋاي!
11 ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى، يەنى ئۇنى ياسىغۇچى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
ئەمدى كەلگۈسى ئىشلار توغرۇلۇق سورىماقچىمۇسىلەر يەنە؟
ئۆز ئوغۇللىرىم توغرۇلۇق، ئۆز قولۇمدا ئىشلىگىنىم توغرۇلۇق ماڭا بۇيرۇق بەرمەكچىمۇسىلەر!؟
12 مەن پەقەتلا يەر-زېمىننى ياسىغان، ئۇنىڭغا ئىنساننى ياراتقۇچىدۇرمەن، خالاس!
ئۆز قولۇم بولسا ئاسمانلارنى كەرگەن؛
ئۇلارنىڭ ساماۋى قوشۇنلىرىنىمۇ سەپكە سالغانمەن.
13 مەن ئۇنى ھەققانىيلىق بىلەن تۇرغۇزغان،
ئۇنىڭ بارلىق يوللىرىنى تۈز قىلدىم؛
ئۇ بولسا شەھىرىمنى قۇرىدۇ،
نە ھەق نە ئىنئام سورىماي ئۇ ماڭا تەۋە بولغان ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىدۇ» ــ
دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. «مەن ئۇنى ھەققانىيلىق بىلەن تۇرغۇزغان، ئۇنىڭ بارلىق يوللىرىنى تۈز قىلدىم» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئۇنى»، «ئۇنىڭ»، «ئۇ» بولسا قورەش، ئەلۋەتتە. بېشارەت ئۇنىڭ ھېچ نېمىنى سورىمايلا بابىلدا سۈرگۈن بولغان يەھۇدىي خەلقنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئالدىنئالا ئېيتىدۇ.   2تار. 36‏:22؛ ئەزرا 1‏:1؛ يەش. 44‏:28؛ ئىبر. 11‏:10
14 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
«مىسىرنىڭ مەھسۇلاتلىرى، ئېفىئوپىيەنىڭ ۋە ئېگىز بويلۇقلار بولغان سېبائىيلارنىڭ ماللىرى ساڭا ئۆتىدۇ؛
ئۇلار ئۆزلىرى سېنىڭكى بولىدۇ،
ساڭا ئەگىشىپ ماڭىدۇ؛
ئۆزلىرى كىشەن-زەنجىرلەنگەن پېتى سەن تەرەپكە ئۆتىدۇ،
ئۇلار ساڭا باش ئۇرۇپ سەندىن ئىلتىجا بىلەن ئۆتۈنۈپ: ــ
«بەرھەق، تەڭرى سەندە تۇرىدۇ، باشقا بىرى يوق، باشقا ھېچقانداق خۇدا يوقتۇر» دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. «مىسىرنىڭ مەھسۇلاتلىرى، ئېفىئوپىيەنىڭ ۋە ئېگىز بويلۇقلار بولغان سابىيلىقلارنىڭ ماللىرى ساڭا ئۆتىدۇ؛ ئۇلار ...ساڭا ئەگىشىپ ماڭىدۇ؛ ئۆزلىرى كىشەن-زەنجىرلەنگەن پېتى سەن تەرەپكە ئۆتىدۇ» ــ يۇقىرىقى ئايەتلەرگە قارىغاندا مۇشۇ ۋەقە قورەشنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنىڭ ئاخىرقى بىر نەتىجىسى بولۇشى كېرەك. ئېفىئوپىيە ۋە سابىيا ئەسلىدە مىسىرغا بېقىنغان بولۇپ، شۈبھىسىزكى، يەشايا يەنە «مىسىردىن چىقىش» دېگەن ۋەقەنى كۆزدە تۇتىدۇ. دېمەك، ئىسرائىلنى سۈرگۈن قىلغانلار ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىسرائىلغا بېقىندى بولماقچى بولىدۇ.
بەزى شەرھچىلەر، مۇشۇ بېشارەتنى «يەھۇدىي ئەمەسلەر»نىڭ ئەيسا مەسىھنى ئۆز قۇتقۇزغۇچىسى دەپ ئېتىراپ قىلىشى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىسرائىلنىڭ «قالدىسى»ى بولغان ھەقىقىي جامائىتىگە قوشۇلۇشى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان، دەپ قارايدۇ. يەنە بىر كۆزقاراش بولسا، مۇشۇ ئىشلار ئاخىرقى زاماندا يەھۇدىيلار خۇدانىڭ قېشىغا قايتقاندىن كېيىن يۈز بېرىدۇ، دەيدۇ. بىزنىڭچە ھەر ئىككىسىنىڭ توغرىلىقى بار.
15 «ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، نىجاتكار، دەرھەقىقەت ئۆزىنى يوشۇرۇۋالغۇچى بىر تەڭرىدۇرسەن!». «ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، نىجاتكار، دەرھەقىقەت ئۆزىنى يوشۇرۇۋالغۇچى بىر تەڭرىدۇرسەن!» ــ مۇشۇ سۆز بەلكىم ئىسرائىللارنىڭ خۇدانىڭ سىرلىق يوللىرىغا، يەنى «يەھۇدىي ئەمەسلەر»نىڭ ئۆزلىرىگە بېقىنغانلىقىغا قاراپ ھەيران قېلىپ دېگەن گېپىدۇر.
16 ئۇلار ھەممىسى ئىستىسناسىز خىجىل بولۇپ، شەرمەندە بولىدۇ؛
مەبۇدنى ياسىغانلار شەرمەندە بولۇپ، بىرلىكتە كېتىپ قالىدۇ؛ يەش. 44‏:11
17 ئىسرائىل بولسا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن مەڭگۈلۈك نىجات-قۇتۇلۇش بىلەن قۇتقۇزۇلىدۇ؛
ئەبەدىلئەبەدگىچە خىجىل بولمايسىلەر،
ھېچ شەرمەندىچىلىكنى كۆرمەيسىلەر. «ئۇلار ھەممىسى ئىستىسناسىز خىجىل بولۇپ، شەرمەندە بولىدۇ؛ مەبۇدنى ياسىغانلار شەرمەندە بولۇپ، بىرلىكتە كېتىپ قالىدۇ؛ ئىسرائىل بولسا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن مەڭگۈلۈك نىجات-قۇتۇلۇش بىلەن قۇتقۇزۇلىدۇ....» ــ مۇشۇ سۆزلەرگە (16-17-ئايەتلەرگە) قارىغاندا، كىشىلەر كەلگۈسىدە مۇتلەق ئىككى خىلغا، يەنى خۇداغا تايىنىپ ئىتائەت قىلىدىغانلارغا ۋە بۇتلارغا باش ئۇرىدىغانلارغا بۆلۈنۈپ كېتىدۇ.
18 چۈنكى ئاسمانلارنى ياراتقان، يەر-زېمىننى شەكىللەندۈرۈپ ياسىغان، ئۇنى مەزمۇت قىلغان خۇدا بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
(ئۇ ئۇنى قۇرۇق-مەنىسىز بولۇشقا ئەمەس، بەلكى ئادەمزاتنىڭ تۇرالغۇسى بولۇشقا ياراتقانىدى)
«مەن بولسام پەرۋەردىگار، باشقا بىرى يوقتۇر؛ يەش. 42‏:5؛ 45‏:5،14
19 ــ مەن مەخپىي ھالدا ياكى زېمىندىكى بىرەر قاراڭغۇ جايدا سۆز قىلغان ئەمەسمەن؛
مەن ياقۇپقا: «مېنى ئىزدىشىڭلار بىھۇدىلىك» دېگەن ئەمەسمەن؛
مەن پەرۋەردىگار ھەق سۆزلەيمەن،
تۈز گەپ قىلىمەن؛ «مەن پەرۋەردىگار ھەق سۆزلەيمەن» ــ ئىبرانىي تىلىدا «مەن پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقنى سۆزلەيمەن». «مەن ياقۇپقا: «مېنى ئىزدىشىڭلار بىھۇدىلىك» دېگەن ئەمەسمەن؛ مەن پەرۋەردىگار ھەق سۆزلەيمەن، تۈز گەپ قىلىمەن» ــ مۇشۇ ئايەت بەلكىم 15-ئايەتتىكى «ئۆزىنى يوشۇرۇۋالغۇچى خۇدادۇرسەن» دېگىنىگە قارىتا ئېيتقان سىلىق بىر تەنبىھ بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى كۆرگىنىمىزدەك، خۇدا ئاللىبۇرۇن (بولۇپمۇ يەشايا ئارقىلىق) ئۆزىنىڭ قۇتۇلۇش-نىجاتلىقىنى «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى ئارقىلىق» پۈتكۈل دۇنياغا سۇنماقچى بولغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئوچۇق-ئاشكارا ئېيتقان!   قان. 30‏:11
20 يىغىلىڭلار، كېلىڭلار؛
ئى ئەللەردىن قاچقانلار، جەم بولۇپ ماڭا يېقىنلىشىڭلار؛
ئۆزى ئويغان بۇتنى كۆتۈرۈپ، ھېچ قۇتقۇزالمايدىغان بىر «ئىلاھ»قا دۇئا قىلىپ يۈرىدىغانلارنىڭ بولسا ھېچ بىلىمى يوقتۇر. «ئەللەردىن قاچقانلار» ــ ئۇلارنىڭ نېمىشقا ياكى نېمىدىن قاچقانلىقى مۇشۇ يەردە دېيىلمىدى. بىراق 24-ئايەتكە قارىغاندا، ئىنسانىيەت (ئاخىرقى زاماندا) ئىككى قىسىمغا، يەنى خۇداغا تايانغانلار ھەم خۇداغا ئۆچ بولغانلارغا بۆلۈنۈپ كېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن خۇداغا ئۆچ بولغانلار خۇدانى سۆيگەنلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشى مۇمكىن؛ ئۇنىڭدىن سىرت خۇداغا ئىشەنگەنلەر: «خۇدانىڭ جازاسى خۇداسىزلارنىڭ بېشىغا چۈشەي دەپ قالدى» ــ دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن قېچىشىمىز كېرەك دەپ ئويلايدىغان بولسا كېرەك.   يەش. 44‏:18،19
21 ئەمدى ئۇلار ئۆز گەپلىرىنى بايان قىلىش ئۈچۈن يېقىن كەلسۇن؛
مەيلى، ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ باقسۇن!
كىم مۇشۇ ئىشنى قەدىمدىنلا جاكارلىغانىدى؟
كىم ئۇزۇندىن بېرى ئۇنى بايان قىلغان؟
ئۇ مەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟
دەرۋەقە، مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر؛
ھەم ئادىل خۇدا ھەم قۇتقۇزغۇچىدۇرمەن؛
مەندىن باشقا بىرى يوقتۇر. «كىم مۇشۇ ئىشنى قەدىمدىنلا جاكارلىغانىدى؟» ــ «مۇشۇ ئىش» شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ ئىسرائىلنى قۇتقۇزۇشى بىلەن، ئۇ «يەھۇدىي ئەمەس»لەرگە قۇتقۇزۇلۇش پۇرسىتىنى، شۇنداقلا ئىسرائىل بىلەن بىللە بەختلىك بولۇش ئىمكانىيىتىنى تەڭ يەتكۈزىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (22-24-ئايەت).   يەش. 41‏:22،26،27؛ 43‏:9،10؛ 45‏:5،14،18
22 ئى يەر-زېمىننىڭ چەت-ياقىلىرىدىكىلەر،
ماڭا تەلپۈنۈپ قۇتقۇزۇلۇڭلار!
چۈنكى مەن تەڭرىدۇرمەن، باشقا ھېچبىرى يوقتۇر؛
23 مەن ئۆزۈم بىلەن قەسەم ئىچكەنمەن،
مۇشۇ سۆز ھەققانىيلىق بىلەن ئاغزىمدىن چىقتى، ھەرگىز قايتمايدۇ: ــ
«ماڭا بارلىق تىزلار پۈكۈلىدۇ،
بارلىق تىللار ماڭا ئىتائەت ئىچىدە قەسەم ئىچىدۇ». رىم. 4‏:11؛ فىل. 2‏:10
24 شۇ چاغدا: «ھەققانىيلىق ۋە كۈچ بولسا پەقەت پەرۋەردىگاردىدۇر» ــ دېيىلىدۇ،
كىشىلەر دەل ئۇنىڭلا قېشىغا كېلىدۇ؛
غالجىرلىشىپ، ئۇنىڭغا غەزەپلەنگەنلەرنىڭ ھەممىسى شەرمەندە بولىدۇ. «شۇ چاغدا: «ھەققانىيلىق ۋە كۈچ بولسا پەقەت پەرۋەردىگاردىدۇر» ــ دېيىلىدۇ، ... غالجىرلىشىپ، ئۇنىڭغا غەزەپلەنگەنلەرنىڭ ھەممىسى شەرمەندە بولىدۇ» ــ يەنە كۆرىمىزكى، دۇنيا ئىككى بۆلۈمگە ئايرىلىدىغان ئوخشايدۇ. بىرى بولسا، غالجىرلىشىپ خۇداغا مۇتلەق قارشى تۇرىدىغانلار؛ ئىككىنچىسى، ئىسرائىل، جۈملىدىن ئۆزلىرىگە بېقىنىپ، ئۇلار بىلەن بىر بولغان، ئىسرائىل بىلەن بىللە قۇتقۇزۇلغان يەھۇدىي ئەمەسلەر بولىدۇ.   يەش. 41‏:11
25 ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ھەققانىي قىلىنىدۇ،
ۋە ئۇلار ئۇنى داڭلىشىدۇ.
 
 

45:1 «پەرۋەردىگار ئۆزى «مەسىھ قىلغىنى»غا .... ئۆزى ئوڭ قولىدىن تۇتۇپ يۆلىگەن قورەشكە مۇنداق دەيدۇ: ــ» ــ «پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھ قىلغىنى» (ياكى «پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھلىگىنى») ــ خۇدانىڭ يوليورۇقى بىلەن ئىسرائىلغا يېڭى بىر پادىشاھ بېكىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بېشىغا كاھىن ياكى پەيغەمبەر تەرىپىدىن زەيتۇن مېيى سۈرۈلۈشى كېرەك ئىدى. مۇشۇ مۇراسىم «مەسىھ قىلىنىش» دېيىلەتتى؛ شۇ چاغدىن باشلاپ شۇ پادىشاھ «خۇدانىڭ مەسىھ قىلغىنى» دەپ ئاتىلاتتى. مۇشۇ ئاتالغۇنى قورەشكە قارىتا ئىشلەتكەندە خۇدا ئىسرائىللارغا: «ئۇ مەن سىلەر ئۈچۈن تاللاپ بېكىتكەن پادىشاھ بولىدۇ» دەيدۇ. بىراق يەشايا پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدىكىلەردىن كۆپ ئادەم: «قورەش يەھۇدىيلاردىن بولمايدۇ؛ شۇڭا ئۇ كەلگۈسىدە بىزنى بابىلدىن قۇتقۇزۇپ قويۇۋەتسىمۇ، بىز يەنىلا مەلۇم بىر ئىمپېرىيەگە بېقىندى بولىۋېرىمىز» دەپ، مۇشۇ بېشارەتنى قەتئىي قوبۇل قىلمايتتى. ئۇلار يەنە: «خۇدانىڭ ئۆز ۋەدىسى بويىچە داۋۇت پادىشاھنىڭ بىر ئەۋلادى ئارقىلىق بىزنى قۇتقۇزۇشى كېرەك» ۋە «خۇدا بىزنى پۈتۈنلەي مۇستەقىل قىلىشى كېرەك» دېيىشى مۇمكىن. خۇدا دەرۋەقە ئۇلارغا شۇنداق ۋەدە بەرگەنىدى (مەسىلەن 7-، 9-، 32-بابلاردا) بىراق ئۇ ئاۋۋال قورەش ئارقىلىق يەھۇدىيلارنى بابىلدىن قۇتقۇزماقچى بولسا، مۇشۇ پىلانىدىن گۇمانلىنىش ياكى نارازى بولۇش ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلغانغا باراۋەر. تۆۋەندىكى (9-13-ئايەت) سېغىز لاينىڭ ئۆزىنى شەكىللەندۈرگۈچىسىگە «سەن مەندىن نېمە ياسايسەن؟!» دېگىنى دەل مۇشۇ كىشىلەرنىڭ پوزىتسىيىسىدۇر. «مەن ... «قوش قاناتلىق دەرۋازىلار»نى ئۇنىڭ ئالدىدا ئېچىپ بېرىمەن» ــ قەدىمكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، بابىل شەھىرىنىڭ داڭقى چىققان بىر «قوش قاناتلىق دەرۋازا»سى بار ئىدى. بابىل يىقىتىلغاندا، بۇ قوش قاناتلىق دەۋرازا قورەشكە ئېچىلدى.

45:3 «مەن... ساڭا قاراڭغۇلۇقتىكى گۆھەرلەرنى،... بېرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭگە ئىسىم قويۇپ سېنى چاقىرغۇچىنى، يەنى مەن پەرۋەردىگارنى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى دەپ بىلىپ يېتىسەن» ــ دەرۋەقە، قورەشنىڭ قىلغان ئۇرۇشلىرى توسالغۇغا ئۇچرىماي ناھايىتى راۋان، ئادەملەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە تېز بولغان. شۇنىڭ بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇ نۇرغۇن مال-مۈلۈكلەرنى ئولجا قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن. بېشارەتتە مۇشۇ ئىشلار (قورەش ئۆزى بىلمىگەن ھالدا) خۇدانىڭ يوشۇرۇن ياردىمىدە قىلىنىدۇ، دېيىلىدۇ. قورەش ئۆزى توغرۇلۇق مۇشۇ بېشارەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ ھەقىقىي خۇدا، شۇنداقلا ئىسرائىلنىڭ خۇداسى ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك ئىدى.

45:5 قان. 4‏:35،39؛ 32‏:39؛ يەش. 44‏:8

45:8 «ئى ئاسمانلار، يۇقىرىدىن ياغدۇرۇپ بېرىڭلار، بۇلۇتلارمۇ ھەققانىيلىق تۆكۈپ بەرسۇن؛ يەر-زېمىن ئېچىلسۇن» ــ بۇ سۆزلەر بەلكىم ئىسرائىل ۋە دۇنيانىڭ (قورەش قىلغان ئىشلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە) خۇداغا ئىشىنىپ، ياخشى مېۋە بېرىش ئۈچۈن قىلغان دۇئاسى بولۇشى كېرەك.

45:9 يەر. 18‏:6؛ رىم. 9‏:20

45:13 «مەن ئۇنى ھەققانىيلىق بىلەن تۇرغۇزغان، ئۇنىڭ بارلىق يوللىرىنى تۈز قىلدىم» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئۇنى»، «ئۇنىڭ»، «ئۇ» بولسا قورەش، ئەلۋەتتە. بېشارەت ئۇنىڭ ھېچ نېمىنى سورىمايلا بابىلدا سۈرگۈن بولغان يەھۇدىي خەلقنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئالدىنئالا ئېيتىدۇ.

45:13 2تار. 36‏:22؛ ئەزرا 1‏:1؛ يەش. 44‏:28؛ ئىبر. 11‏:10

45:14 «مىسىرنىڭ مەھسۇلاتلىرى، ئېفىئوپىيەنىڭ ۋە ئېگىز بويلۇقلار بولغان سابىيلىقلارنىڭ ماللىرى ساڭا ئۆتىدۇ؛ ئۇلار ...ساڭا ئەگىشىپ ماڭىدۇ؛ ئۆزلىرى كىشەن-زەنجىرلەنگەن پېتى سەن تەرەپكە ئۆتىدۇ» ــ يۇقىرىقى ئايەتلەرگە قارىغاندا مۇشۇ ۋەقە قورەشنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنىڭ ئاخىرقى بىر نەتىجىسى بولۇشى كېرەك. ئېفىئوپىيە ۋە سابىيا ئەسلىدە مىسىرغا بېقىنغان بولۇپ، شۈبھىسىزكى، يەشايا يەنە «مىسىردىن چىقىش» دېگەن ۋەقەنى كۆزدە تۇتىدۇ. دېمەك، ئىسرائىلنى سۈرگۈن قىلغانلار ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىسرائىلغا بېقىندى بولماقچى بولىدۇ. بەزى شەرھچىلەر، مۇشۇ بېشارەتنى «يەھۇدىي ئەمەسلەر»نىڭ ئەيسا مەسىھنى ئۆز قۇتقۇزغۇچىسى دەپ ئېتىراپ قىلىشى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىسرائىلنىڭ «قالدىسى»ى بولغان ھەقىقىي جامائىتىگە قوشۇلۇشى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان، دەپ قارايدۇ. يەنە بىر كۆزقاراش بولسا، مۇشۇ ئىشلار ئاخىرقى زاماندا يەھۇدىيلار خۇدانىڭ قېشىغا قايتقاندىن كېيىن يۈز بېرىدۇ، دەيدۇ. بىزنىڭچە ھەر ئىككىسىنىڭ توغرىلىقى بار.

45:15 «ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، نىجاتكار، دەرھەقىقەت ئۆزىنى يوشۇرۇۋالغۇچى بىر تەڭرىدۇرسەن!» ــ مۇشۇ سۆز بەلكىم ئىسرائىللارنىڭ خۇدانىڭ سىرلىق يوللىرىغا، يەنى «يەھۇدىي ئەمەسلەر»نىڭ ئۆزلىرىگە بېقىنغانلىقىغا قاراپ ھەيران قېلىپ دېگەن گېپىدۇر.

45:16 يەش. 44‏:11

45:17 «ئۇلار ھەممىسى ئىستىسناسىز خىجىل بولۇپ، شەرمەندە بولىدۇ؛ مەبۇدنى ياسىغانلار شەرمەندە بولۇپ، بىرلىكتە كېتىپ قالىدۇ؛ ئىسرائىل بولسا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن مەڭگۈلۈك نىجات-قۇتۇلۇش بىلەن قۇتقۇزۇلىدۇ....» ــ مۇشۇ سۆزلەرگە (16-17-ئايەتلەرگە) قارىغاندا، كىشىلەر كەلگۈسىدە مۇتلەق ئىككى خىلغا، يەنى خۇداغا تايىنىپ ئىتائەت قىلىدىغانلارغا ۋە بۇتلارغا باش ئۇرىدىغانلارغا بۆلۈنۈپ كېتىدۇ.

45:18 يەش. 42‏:5؛ 45‏:5،14

45:19 «مەن پەرۋەردىگار ھەق سۆزلەيمەن» ــ ئىبرانىي تىلىدا «مەن پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقنى سۆزلەيمەن». «مەن ياقۇپقا: «مېنى ئىزدىشىڭلار بىھۇدىلىك» دېگەن ئەمەسمەن؛ مەن پەرۋەردىگار ھەق سۆزلەيمەن، تۈز گەپ قىلىمەن» ــ مۇشۇ ئايەت بەلكىم 15-ئايەتتىكى «ئۆزىنى يوشۇرۇۋالغۇچى خۇدادۇرسەن» دېگىنىگە قارىتا ئېيتقان سىلىق بىر تەنبىھ بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى كۆرگىنىمىزدەك، خۇدا ئاللىبۇرۇن (بولۇپمۇ يەشايا ئارقىلىق) ئۆزىنىڭ قۇتۇلۇش-نىجاتلىقىنى «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى ئارقىلىق» پۈتكۈل دۇنياغا سۇنماقچى بولغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئوچۇق-ئاشكارا ئېيتقان!

45:19 قان. 30‏:11

45:20 «ئەللەردىن قاچقانلار» ــ ئۇلارنىڭ نېمىشقا ياكى نېمىدىن قاچقانلىقى مۇشۇ يەردە دېيىلمىدى. بىراق 24-ئايەتكە قارىغاندا، ئىنسانىيەت (ئاخىرقى زاماندا) ئىككى قىسىمغا، يەنى خۇداغا تايانغانلار ھەم خۇداغا ئۆچ بولغانلارغا بۆلۈنۈپ كېتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن خۇداغا ئۆچ بولغانلار خۇدانى سۆيگەنلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشى مۇمكىن؛ ئۇنىڭدىن سىرت خۇداغا ئىشەنگەنلەر: «خۇدانىڭ جازاسى خۇداسىزلارنىڭ بېشىغا چۈشەي دەپ قالدى» ــ دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن قېچىشىمىز كېرەك دەپ ئويلايدىغان بولسا كېرەك.

45:20 يەش. 44‏:18،19

45:21 «كىم مۇشۇ ئىشنى قەدىمدىنلا جاكارلىغانىدى؟» ــ «مۇشۇ ئىش» شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ ئىسرائىلنى قۇتقۇزۇشى بىلەن، ئۇ «يەھۇدىي ئەمەس»لەرگە قۇتقۇزۇلۇش پۇرسىتىنى، شۇنداقلا ئىسرائىل بىلەن بىللە بەختلىك بولۇش ئىمكانىيىتىنى تەڭ يەتكۈزىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (22-24-ئايەت).

45:21 يەش. 41‏:22،26،27؛ 43‏:9،10؛ 45‏:5،14،18

45:23 رىم. 4‏:11؛ فىل. 2‏:10

45:24 «شۇ چاغدا: «ھەققانىيلىق ۋە كۈچ بولسا پەقەت پەرۋەردىگاردىدۇر» ــ دېيىلىدۇ، ... غالجىرلىشىپ، ئۇنىڭغا غەزەپلەنگەنلەرنىڭ ھەممىسى شەرمەندە بولىدۇ» ــ يەنە كۆرىمىزكى، دۇنيا ئىككى بۆلۈمگە ئايرىلىدىغان ئوخشايدۇ. بىرى بولسا، غالجىرلىشىپ خۇداغا مۇتلەق قارشى تۇرىدىغانلار؛ ئىككىنچىسى، ئىسرائىل، جۈملىدىن ئۆزلىرىگە بېقىنىپ، ئۇلار بىلەن بىر بولغان، ئىسرائىل بىلەن بىللە قۇتقۇزۇلغان يەھۇدىي ئەمەسلەر بولىدۇ.

45:24 يەش. 41‏:11