□66:1 «زېمىن بولسا ئاياغلىرىمغا تەختىپەرىمدۇر» ــ «تەختىپەر» پادىشاھ تەختكە ئولتۇرغاندا ئاياغلىرىنى دەسسەتكەن كىچىك ئورۇندۇق. «ئەمدى ماڭا قانداق ئۆي-ئىمارەت ياسىماقچىسىلەر؟ ماڭا قانداق يەر ئارامگاھ بولالايدۇ؟» ــ بىرىنچى ئايەت بەلكىم خۇدانىڭ 64-باب، 11-ئايەتتىكى سوئالغا بېرىدىغان ئاساسىي جاۋابى. خۇدا «ئىبادەتخانا»نى ئانچە مۇھىم دەپ قارىمىسىمۇ، ئىنسانلار ئۆزىگە ئاتاپ سالغان ئىبادەتخانىنى چوقۇم كەمسىتىدۇ دېگىلى بولمايدۇ (20- ھەم 2-ئايەتكە قارىغاندا، كەلگۈسىدىكى «مىڭ يىللىق سەلتەنىتى»دە بىر «مۇقەددەس ئىبادەتخانا» بولىدۇ؛ بىراق خۇدانىڭ نەزىرى (2-ئايەتكە ئاساسەن) ھېچقانداق ئۆي-ئىمارەتتە ئەمەس، بەلكى ئۆزىدىن قورقىدىغان مۆمىن بەندىلىرىدە تۇرىدۇ.
■66:1 1پاد. 8:27؛ 2تار. 6:18؛ روس. 7:48،49؛ 17:24
□66:3 «كالا سويغان كىشى ئادەمنىمۇ ئۆلتۈرىدۇ، ... دۇئاسىنى ئەسلىتىشكە خۇشبۇي ياققۇچى مەبۇدقىمۇ مەدھىيە ئوقۇيدۇ؛ بەرھەق، ئۇلار ئۆزى ياقتۇرىدىغان يوللىرىنى تاللىغان، كۆڭلى يىرگىنچلىك نەرسىلىرىدىن خۇرسەن بولىدۇ» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى كىشىلەر كۆرۈنۈشتە خۇداغا ئىبادەت قىلىدۇ؛ ئۇلار كالا-قوزىنى سويۇپ قۇربانلىق قىلىدۇ، «ئاشلىق ھەدىيە» قىلىدۇ، خۇشبۇينىمۇ خۇداغا ئاتاپ ياقىدۇ؛ بىراق بۇنداق قىلىشلىرى بىلەن تەڭ ئۇلار قاتىللىق قىلىدۇ، خۇراپىي ئىشلارنى قىلىدۇ (ئىتنىڭ بوينىنى سۇندۇرۇش)، بۇتلارغا چوقۇنۇپ ھارام قۇربانلىقلارنىمۇ قىلىدۇ.
■66:4 پەند. 1:24؛ يەش. 65:12؛ يەر. 7:13
■66:5 يەش. 5:19
□66:6 «ئاڭلاڭلار! ــ شەھەردىن كەلگەن چۇقان-سۈرەنلەر! ئاڭلاڭلار! ــ ئىبادەتخانىدىن چىققان ئاۋازنى! ئاڭلاڭلار! ــ پەرۋەردىگار ئۆز دۈشمەنلىرىگە يامانلىقلىرىنى قايتۇرۇۋاتىدۇ!» ــ بۇ بېشارەت يەشايانىڭ كېيىنكى دەۋرىدىكى يېرۇسالېم، جۈملىدىن ئىبادەتخانىنىڭ ۋەيران قىلىنىشىنى (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 586-يىلى) ھەم بەلكىم ئاخىرقى زامانلاردىكى ئوخشاپ كېتىدىغان بىر ئىشنىمۇ كۆرسىتىدۇ.
■66:7 ۋەھ. 12:1-6
□66:8 «كىمنىڭ مۇشۇنداق ئىش توغرۇلۇق خەۋىرى باردۇ؟ ... زېمىن بىر خەلقنى بىر كۈن ئىچىدىلا تۇغىدىغان ئىش بارمۇ؟ دەقىقە ئىچىدىلا بىر ئەلنىڭ تۇغۇلۇشى مۇمكىنمۇ؟ چۈنكى زىئوننىڭ ئەمدىلا تولغىقى تۇتۇشىغا، ئۇ ئوغۇل بالىلىرىنى تۇغدى!» ــ مۇشۇ 7- ھەم 8-ئايەتتە ئېيتىلغان ئىشلار بىراقلا يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران قىلىنىشىدىن (6-ئايەت) ئاخىرقى زاماندا «زىئون-ئىسرائىل توۋا قىلىپ يېڭىدىن تۇغۇلۇشى» ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ ئالدىدا ھەقىقىي «ئۆز خەلقىم» بولۇشىغا ئاتلاپ ئۆتىدۇ.
□66:11 «ئۇنىڭ شان-شەرىپىنىڭ زورلۇقىدىن كۆڭلۈڭلار خۇرسەن بولىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «ئۇنىڭ شەرەپلىك باغىر-كۆكسىدىن كۆڭلۈڭلار خۇرسەن بولىدۇ».
■66:12 يەش. 49:22؛ 60:4
□66:17 ««باغچىلار»غا كىرىش ئۈچۈن پاكىزلىنىپ،...» ــ بەلكىم بۇتپەرەسلىك ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، مۇشۇ «پاكىزلىنىش» ئىشلىرىنى قىلىدۇ. «ئوتتۇرىدا تۇرغۇچى» ــ بەلكىم بۇتپەرەسلىكتە يېتەكچىلىك «پىر» رولىنى ئالغۇچى.
□66:18 «چۈنكى ئۇلارنىڭ قىلغانلىرى ھەم ئويلىغانلىرى مېنىڭ ئالدىمدىدۇر» ــ بۇ ئايەتنىڭ بىرىنچى يېرىمىنى تەرجىمە قىلىش تەس. ئالىملار پەقەت ئۇنىڭ مەنىسىنى تەرجىمە قىلغىنىمىزدەك پەرەز قىلىدۇ.
□66:19 «ئۇلاردىن قېچىپ قۇتۇلغانارنى ئەللەرگە ئەۋەتىمەن» ــ «ئۇلاردىن» دېگەنلىك: (1) 16-ئايەتتە ئېيتىلغان جازالىرىدىن («ئوت ھەم قىلىچ»تىن) ياكى (2) «يات ئەللەر ئارىسىدىن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. «ھەم ئۇلاردىن قېچىپ قۇتۇلغانلارنى ئەللەرگە ئەۋەتىمەن» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ھەم قېچىپ ھايات قالغانلاردىن بەزىلىرىنى (يات) ئەللەرگە ئەۋەتىمەن». «تارشىش»...«لۇد»... «تۇبال»... ــ شۈبھىسىزكى، مۇشۇ يۇرتلارنىڭ ئىسىملىرى پۈتۈن دۇنيادىكى يۇرتلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. «تارشىش» ئۈچۈن 60-باب، 9-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ؛ «لۇد» بولسا بەلكىم شىمالىي ئافرىقىدا؛ تۇبال بەلكىم ھازىردىكى رۇسىيەنى كۆرسىتىدۇ (بەلكىم رۇسىيەنىڭ كونا پايتەختى «توبولسك» بىلەن مۇناسىۋىتى بار). نېمىشقا «لۇد» توغرۇلۇق «ئوقياچىلىقتا داڭقى چىققان» دېيىلىدۇ؟ پەرىزىمىزچە، خۇدا ئەۋەتكەن ئەلچىلەرنىڭ خىزمىتىنىڭ خەتەرى بار، دەپ كۆرسەتمەكچى.
□66:20 «شۇلار بولسا، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بېغىشلىغان ھەدىيە سۈپىتىدە قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ھەممىسىنى ئەللەردىن ئېلىپ كېلىدۇ» ــ بىزنىڭچە «شۇلار» خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى قوبۇل قىلغان «يات ئەللەر»نى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار خۇشال بولۇپ، خۇدانىڭ شاپائىتىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، تارقىلىپ كەتكەن يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز يۇرتى يېرۇسالېمغا قايتىشىغا ياردەم قىلىشىمىز كېرەك دەپ ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن سەپەردە ئۇلارغا يۆلەنچۈك بولىدۇ.
□66:21 «كاھىنلار» ــ «كاھىنلار»نىڭ خەلققە ۋەكىل بولۇپ ئۇلارنىڭ قۇربانلىقلىرىنى ئىبادەتخانىدىكى قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈرۈش خىزمىتى بار ئىدى. «لاۋىيلار» ــ كاھىنلارنىڭ ياردەمچىلىرى. دېمەك، مۇشۇ «يەھۇدىي ئەمەس»لەر ئىسرائىل ئىچىدە ئىنتايىن ئىمتىيازلىق ئورۇندا ۋە ۋەزىپىدە بولىدۇ.
□66:22 «يېڭى ئاسمانلار ھەم يېڭى زېمىن» ــ بۇ تېما توغرۇلۇق 17:65-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ
■66:22 يەش. 65:17؛ 2پېت. 3:13؛ ۋەھ. 21:1
□66:23 «شابات كۈنى» ــ «دەم ئېلىش مۇقەددەس كۈنى» يەنى شەنبە كۈنى. يۇقىرىقى 56-باب، 2-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. «بارلىق ئەت ئىگىلىرى مېنىڭ ئالدىمغا ئىبادەت قىلغىلى كېلىدۇ» ــ پۈتكۈل ئىنسانىيەت قىلغان مۇشۇ ئىبادەت ئىچىدە، يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىبادەت بولسا بەلكىم ۋەكىل بولغانلار ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. جەسەتلەرگە گۇۋاھچى بولغانلار (24-ئايەت) مۇشۇ ۋەكىللەر بولۇشى كېرەك.