3
ئاخىرىدا، ئەي قېرىنداشلىرىم، رەبدە شادلىنىڭلار! بۇلارنى سىلەرگە قايتا يېزىش مەن ئۈچۈن ئاۋارىچىلىك ئەمەس، بەلكى سىلەرگە ئامانلىق ئېلىپ كېلىدۇ. فىل. 4‏:4؛ ياق. 1‏:2؛ 1پېت. 4‏:13.
ئىتلاردىن ھېزى بولۇڭلار، يامانلىق قىلغۇچىلاردىن ھېزى بولۇڭلار، «تىلىم-تىلىم كەسكۈچىلەر»دىن ھېزى بولۇڭلار! «ئىتلاردىن ھېزى بولۇڭلار، يامانلىق قىلغۇچىلاردىن ھېزى بولۇڭلار، «تىلىم-تىلىم كەسكۈچىلەر»دىن ھېزى بولۇڭلار!» ــ «ئىتلار» يالغان تەلىم بەرگۈچى، خۇدانىڭ يولىنى بۇرىغۇچى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. 3-7-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ. «تىلىم-تىلىم كەسكۈچىلەر» ئىنتايىن ھەجۋىي، كىنايىلىك گەپ بولۇپ، ئۇ «ئادەملەر سۈننەتسىز (خەتنىسىز) بولسا قۇتقۇزۇلمايدۇ» دەپ تەرەپ-تەرەپتە ئىشەنگۈچىلەرنىڭ ھەربىرىنى سۈننەت قىلماقچى بولغان يەھۇدىيلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇ بابتىكى 3-8، 17-21-ئايەتلەرنى ھەم ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ. سۈننەتنىڭ ئەھمىيىتى، «ئەتتىكى سۈننەت» ۋە «روھىي سۈننەت» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.   يەش. 56‏:10. چۈنكى ھەقىقىي سۈننەتلىكلەر بولسا خۇدانىڭ روھى ئارقىلىق ئىبادەت قىلغۇچى، مەسىھ ئەيسادىن پەخىرلىنىپ تەنتەنە قىلغۇچى، ئەتكە تايانمايدىغان بىزلەردۇرمىز. قان. 10‏:16؛ 30‏:6؛ يەر. 4‏:4؛ يـۇھ. 4‏:24؛ رىم. 2‏:29؛ كول. 2‏:11. مېنىڭمۇ ئەتكە تايانغۇچىلىكىم بار! باشقىلار «ئۆز ئەتلىرىمگە تايانسام بولىدۇ» دېسە، مەن تېخىمۇ شۇنداق؛ «مېنىڭمۇ ئەتكە تايانغۇچىلىكىم بار! باشقىلار «ئۆز ئەتلىرىمگە تايانسام بولىدۇ» دېسە، مەن تېخىمۇ شۇنداق» ــ بۇ سۆزلەر ئىنتايىن مۇھىم. «ئەت» ياكى «ئەتلەر» توغرۇلۇق «رىملىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «ئۆز ئەتلىرىمگە تايانغۇدەك سالاھىيىتىم بار» دېگىنى، «مەندە خۇدا ئالدىدا گۇناھىمنى يۇغۇدەك، ئۆزۈمنى خۇداغا ئەپلەشتۈرگۈدەك قىلغان ئىشلىرىم بار» دېگەنلىكتۇر (مەسىلەن، مەن سۈننەت قىلىنغان، ئۆتكەندە ئىبادەتخانىدا نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى ۋە ھەدىيەلەرنى سۇنغان، مۇھىم دىنىي ئەربابمەن، قاتارلىقلار).   2كور. 11‏:21. سۈننەتكە كەلسەك، مەن تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى سۈننەت قىلىندىم؛ ئىسرائىل مىللىتىدىن، بىنيامىننىڭ قەبىلىسىدىنمەن، «ئىبرانىيلارنىڭ ئىبرانىيىسى»مەن؛ تەۋرات-قانۇنى تەرەپتىن ئېيتقاندا، «پەرىسىي» مەزھىپىدىمۇ بولغانمەن؛ «... تەۋرات-قانۇنى تەرەپتىن ئېيتقاندا، «پەرىسىي» مەزھىپىدىمۇ بولغانمەن» ــ «پەرىسىيلەر» يەھۇدىيلار ئارىسىدىكى تەۋرات قانۇنىدىكى تەلەپلەرنى ئەڭ تەكىتلەيدىغان دىنىي مەزھەپ ئىدى. «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.   يار. 49‏:27؛ روس. 23‏:6؛ 2كور. 11‏:22. خۇداغا بولغان قىزغىنلىقىمغا كەلسەك، جامائەتكە زىيانكەشلىك قىلغۇچى ئىدىم؛ تەۋرات قانۇنى تەلەپ قىلغان ھەققانىيلىققا كەلسەك، ئەيىبىسىز ئىدىم؛ «خۇداغا بولغان قىزغىنلىقىمغا كەلسەك، جامائەتكە زىيانكەشلىك قىلغۇچى ئىدىم» ــ «جامائەتكە زىيانكەشلىك قىلىش» خۇدانىڭ ئىرادىسى ئەمەس ئىدى، ئەلۋەتتە؛ لېكىن شۇ ۋاقىتلاردىكى پاۋلۇس (سائۇل) مەسىھگە قارشى بولۇپ، «مەسىھكە ئېتىقاد باغلاشنى بولسا خۇدانىڭ يولى بىلەن قارشىلاشقانلىق، تەۋرات قانۇنىنى بۇلغىغانلىق» دەپ ئويلايتتى؛ شۇنىڭ بىلەن شۇ چاغدا ئۇ خۇداغا بولغان «قىزغىنلىق»ىنى خاتا يولغا قارىتىپ «جامائەتكە زىيانكەشلىك قىلدى». «تەۋرات قانۇنى تەلەپ قىلغان ھەققانىيلىققا كەلسەك، ئەيىبىسىز ئىدىم» ــ «ئەيىبسىز» ــ دېمەك، ئۇ تەۋرات قانۇنى جەھەتىدىن ئۆزىنى ئەيىبسىز دەپ قارايتتى. كېيىن خۇدانىڭ روھىدىن يورۇتۇلغاندا ئۇ تەۋرات قانۇنىدىكى تولۇق تەلەپنى بىلىپ يېتىپ، ئۆزىنى تولىمۇ ئەيىبلىك تونۇپ يەتتى («رىم.» 7:7-25، بولۇپمۇ 7نى كۆرۈڭ).   روس. 8‏:3؛ 9‏:1؛ 22‏:3، 4؛ گال. 1‏:13؛ 1تىم. 1‏:13. ئەمما ماڭا نېمە ئىش «پايدىلىق» بولسا، بۇلارنى مەسىھ سەۋەبىدىن زىيانلىق دەپ ھېسابلىدىم؛ مات. 13‏:44. مەسىھ ئەيسا رەببىمنى تونۇشنىڭ ئەۋزەللىكى ۋەجىدىن، مەن باشقا ھەممە ئىشنى زىيانلىق دەپ ھېسابلايمەن؛ مەن دەرۋەقە ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ھەممىدىن مەھرۇم بولغان؛ بەرھەق، مەسىھكە ئېرىشىشىم ئۈچۈن بۇلارنى نىجاسەت دەپ ھېسابلايمەنكى، يەش. 53‏:11؛ يەر. 9‏:22؛ يـۇھ. 17‏:3؛ كول. 2‏:2. مەسىھتە بولۇپ، ئۆزۈمدىكى قانداقتۇر ھەققانىيلىق (تەۋرات قانۇنىدىن چىققان ھەققانىيلىق)تىن ۋاز كېچىپ، مەسىھنىڭ ئېتىقاد-سادىقلىقى ئارقىلىق بولغان ھەققانىيلىق، يەنى ئېتىقاد ئارقىلىق خۇدادىن بولغان ھەققانىيلىققا ئېرىشەلەيمەن؛ «مەسىھتە بولۇپ، ئۆزۈمدىكى قانداقتۇر ھەققانىيلىق..تىن ۋاز كېچىپ، مەسىھنىڭ ئېتىقاد-سادىقلىقى ئارقىلىق بولغان ھەققانىيلىق، يەنى ئېتىقاد ئارقىلىق خۇدادىن بولغان ھەققانىيلىققا ئېرىشەلەيمەن» ــ «مەسىھتە» ــ گرېك تىلىدا «ئۇنىڭدا».   رىم. 1‏:17؛ 3‏:21. 10 مۇددىئايىم ئۇنى تونۇشتۇر، ــ يەنى ئۇنىڭ ئۆلۈپ تىرىلىشىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدە ياشاپ، ئۇنىڭ ئازابلىرىغا سىرداش-ھەمدەملىكتە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ئۈلگە قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، ««ئۇنىڭ (مەسىھنىڭ) ئازابلىرىغا بولغان سىرداش-ھەمدەملىك»» ــ بۇنىڭ توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «ئۇنىڭ ئازابلىرىغا سىرداش-ھەمدەملىكتە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ئۈلگە قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ...» ــ مەسىھتە بولغان مۇھەببەت، ھەققانىيلىق، يۇۋاش-مۇلايىملىق، سەۋر-تاقەتلىك، ئىمان-ئېتىقاد ۋە باشقىلارنى كەچۈرۈم قىلىش پوزىتسىيىنىڭ ئەڭ ئايان قىلىنغان ۋاقتى بولسا ئۇنىڭ ئۆلۈمىدە بولغاندۇر. شۇنىڭ بىلەن بىزگە «ئۇنىڭ ئۆلۈمى»دىن ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ئۇلۇغ ئۈلگە كۆرۈلىدۇ.   رىم. 8‏:17؛ 2كور. 4‏:10؛ 2تىم. 2‏:11،12؛ 1پېت. 4‏:13. 11 شۇنداقلا مۇمكىن قەدەر ئۆلۈمدىن تىرىلىشكە يېتىشنى مۇددىئا قىلىمەن. «شۇنداقلا مۇمكىن قەدەر ئۆلۈمدىن تىرىلىشكە يېتىشنى مۇددىئا قىلىمەن...» ــ پاۋلۇسنىڭ مۇشۇ سۆزى، ئۇنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە ئۆلۈمدىن تىرىلىشىنى مۇددىئا قىلىشى ئەمەس؛ چۈنكى ئۇنىڭ مەسىھنىڭ كۈنىدە ئۆلۈمدىن تىرىلىشىگە قەتئىي ئىشەنچى بار ئىدى (21:1). «ئۆلۈمدىن تىرىلىش»تە، ئىشەنگۈچىلەردە نۇرغۇنلىغان يېڭى قابىلىيەتلەر، يېڭى كۈچلەر، يېڭى بىلىم-چۈشەنچىلەر ۋە ۋەھىيلەر پەيدا بولىدۇ، خۇدانىڭ تولۇق شان-شەرىپى چەكسىز كۆرۈنىدۇ؛ لېكىن، پاۋلۇس بەلكىم مۇشۇ دەۋرنىڭ ئۆزىدە بۇ ئىشلارغا ئىگە بولسام دېگەن ئۇلۇغ مۇددىئادا بولغان بولسا كېرەك. 12-ئايەتنى كۆرۈڭ.
12 ئۇلارغا ئېرىشتىم ياكى كامالەتكە يەتتىم دېمەكچى ئەمەسمەن؛ لېكىن مەسىھ ئەيسانىڭ مېنى تۇتۇۋېلىشىدا بولغان مۇددىئا-نىشانىنى ئۆزۈم تۇتۇۋالسام دەپ چېپىپ يۈرمەكتىمەن. 13 قېرىنداشلار، مەن ئۆزۈمنى ئۇنى تۇتۇۋالدىم دەپ قارىمايمەن. پەقەت شۇ بىر ئىشنىلا قىلىمەنكى، ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ، ئالدىمدىكى ئىشلارغا ئىنتىلىپ، 14 نىشاننى قوغلاپ، خۇدانىڭ مەسىھ ئەيسادا بولغان بۈيۈك چاقىرىقىدىكى ئىنئامىغا قاراپ چېپىپ يۈرمەكتىمەن. 1كور. 9‏:24؛ 2تىم. 4‏:7.
15 ئەمدى ئارىمىزدىن كىمكى پىشىپ يېتىلگەن بولسا شۇ ئوي-مەقسەتتە بولايلى. ئەگەر باشقىچە ئوي-مەقسەتتە بولساڭلار، خۇدا بۇنىمۇ سىلەرگە كۆرسىتىپ بېرىدۇ. «ئەگەر باشقىچە ئوي-مەقسەتتە بولساڭلار» ــ پاۋلۇسنىڭ بۇ دېگىنى، بەلكىم نىشاننى قوغلىشىڭلارغا ھەرقانداق نامۇۋاپىق ئويدا بولساڭلار» دېگەن مەنىدە بولسا كېرەك. بەزى ئالىملار بۇ ئايەتنىڭ: «ئەمدى ئارىمىزدىكى كىمكى «پىشىپ يېتىلگەن» (كىنايىلىك، ھەجۋىي ئېيتىلغان) بولسا، مۇشۇ ئويدا بولايلى. ئەگەر سىلەر باشقىچە ئويلىغان بولساڭلار، خۇدا بۇنىڭ خاتالىقىنى سىلەرگە ئايان قىلىدۇ» دېگەن مەنىدە دەپ قارايدۇ. بىز ئۇنىڭغا قايىل ئەمەسمىز؛ ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمى ئۇنىڭغا زىت كېلىدۇ. 16 قانداقلا بولمىسۇن، قانداق ئۆلچەمگە يەتكەن بولساق، شۇ ئۆلچەم بويىچە قەدەم بېسىۋېرەيلى. «قانداقلا بولمىسۇن، قانداق ئۆلچەمگە يەتكەن بولساق، شۇ ئۆلچەم بويىچە قەدەم باسايلى» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: «قانداقلا بولمىسۇن، قانداق ئۆلچەمگە يەتكەن بولساق، شۇ ئۆلچەم بويىچە قەدەم بېسىۋېرەيلى، شۇ ئويىدىمۇ بولىۋېرەيلى» دېيىلىدۇ.   رىم. 12‏:16؛ 15‏:5؛ 1كور. 1‏:10؛ گال. 6‏:16؛ فىل. 2‏:2؛ 1پېت. 3‏:8.
17 مېنى ئۈلگە قىلىپ ئەگىشىڭلار، ئەي قېرىنداشلار، شۇنداقلا بىز سىلەرگە تىكلەپ بەرگەن نەمۇنە بويىچە ئوخشاش يولدا ماڭغانلارغىمۇ كۆزۈڭلارنى تىكىپ، ئۇلاردىن ئۆگىنىڭلار. 1كور. 4‏:16؛ 11‏:1؛ 1تېس. 1‏:6. 18 چۈنكى سىلەرگە كۆپ قېتىم ئېيتقىنىمدەك، ۋە ھازىرمۇ كۆز ياشلىرىم بىلەن قايتا ئېيتىمەنكى، نۇرغۇن كىشىلەر مەسىھنىڭ كرېستىغا دۈشمەن بولۇپ ماڭماقتا. «نۇرغۇن كىشىلەر مەسىھنىڭ كرېستىغا دۈشمەن بولۇپ ماڭماقتا» ــ «مەسىھنىڭ كرېستىغا دۈشمەن بولۇش» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.   رىم. 16‏:17. 19 ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ھالاكەتتۇر، خۇداسى ئۆزىنىڭ قارنىدۇر، شەرىپى قىلىپ ماختانغىنى ئۆز نومۇسسىزلىقىدۇر، ئويلىغانلىرى پەقەت بۇ دۇنيادىكى ئىشلاردۇر. 20 ھالبۇكى، بىزنىڭ پۇقرالىقىمىز بولسا ئەرشتىدۇر، بىز دەل شۇ يەردىن نىجاتكارنىڭ چۈشۈشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز ــ ئۇ بولسا رەببىمىز ئەيسا مەسىھدۇر. «ھالبۇكى، بىزنىڭ پۇقرالىقىمىز بولسا ئەرشتىدۇر، بىز دەل شۇ يەردىن نىجاتكارنىڭ چۈشۈشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز» ــ «مەسىھنىڭ كرېستىغا بولغان دۈشمەنلەر» بولسا ئەرشكە ئەمەس، بەلكى «بۇ دۇنيا»غا، يەنە «زېمىن»غا تەۋەدۇر.   1كور. 1‏:7؛ 1تېس. 1‏:10؛ تىت. 2‏:13؛ ئىبر. 13‏:14. 21 ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرىدىغان قۇدرىتى بويىچە بىزنىڭ ئەبگار بۇ تېنىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنىڭ شان-شەرەپلىك تېنىگە ئوخشاش ھالغا كەلتۈرىدۇ. «ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرىدىغان قۇدرىتى بويىچە بىزنىڭ ئەبگار بۇ تېنىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنىڭ شان-شەرەپلىك تېنىگە ئوخشاش ھالغا كەلتۈرىدۇ» ــ «ئەبگار بۇ تېنىمىز» گرېك تىلىدا «بىزنى تۆۋەن قىلىدىغان بۇ تېنىمىز»، ياكى «بىزنى كىچىك پېئىللىق قىلىدىغان بۇ تېنىمىز» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. بىرسى تەكەببۇرلىشىپ كەتكەن بولسا تېنىدە ھەرقانداق ئاجىزلىق، ئەبگارلىق پەيدا بولسا مۇشۇنداق ئادەملەرنىڭ چوڭچىلىقىغا خاتىمە بېرىلىدۇ، ئەلۋەتتە، شۇنداقلا ھەممىمىزگە كىچىك پېئىللىقنىڭ توغرا كېلىدىغانلىقىنى روشەن كۆرىستىدۇ.   1كور. 15‏:51؛ كول. 3‏:4؛ 1يۇھ. 3‏:2.
 
 

3:1 فىل. 4‏:4؛ ياق. 1‏:2؛ 1پېت. 4‏:13.

3:2 «ئىتلاردىن ھېزى بولۇڭلار، يامانلىق قىلغۇچىلاردىن ھېزى بولۇڭلار، «تىلىم-تىلىم كەسكۈچىلەر»دىن ھېزى بولۇڭلار!» ــ «ئىتلار» يالغان تەلىم بەرگۈچى، خۇدانىڭ يولىنى بۇرىغۇچى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. 3-7-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ. «تىلىم-تىلىم كەسكۈچىلەر» ئىنتايىن ھەجۋىي، كىنايىلىك گەپ بولۇپ، ئۇ «ئادەملەر سۈننەتسىز (خەتنىسىز) بولسا قۇتقۇزۇلمايدۇ» دەپ تەرەپ-تەرەپتە ئىشەنگۈچىلەرنىڭ ھەربىرىنى سۈننەت قىلماقچى بولغان يەھۇدىيلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇ بابتىكى 3-8، 17-21-ئايەتلەرنى ھەم ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ. سۈننەتنىڭ ئەھمىيىتى، «ئەتتىكى سۈننەت» ۋە «روھىي سۈننەت» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

3:2 يەش. 56‏:10.

3:3 قان. 10‏:16؛ 30‏:6؛ يەر. 4‏:4؛ يـۇھ. 4‏:24؛ رىم. 2‏:29؛ كول. 2‏:11.

3:4 «مېنىڭمۇ ئەتكە تايانغۇچىلىكىم بار! باشقىلار «ئۆز ئەتلىرىمگە تايانسام بولىدۇ» دېسە، مەن تېخىمۇ شۇنداق» ــ بۇ سۆزلەر ئىنتايىن مۇھىم. «ئەت» ياكى «ئەتلەر» توغرۇلۇق «رىملىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «ئۆز ئەتلىرىمگە تايانغۇدەك سالاھىيىتىم بار» دېگىنى، «مەندە خۇدا ئالدىدا گۇناھىمنى يۇغۇدەك، ئۆزۈمنى خۇداغا ئەپلەشتۈرگۈدەك قىلغان ئىشلىرىم بار» دېگەنلىكتۇر (مەسىلەن، مەن سۈننەت قىلىنغان، ئۆتكەندە ئىبادەتخانىدا نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى ۋە ھەدىيەلەرنى سۇنغان، مۇھىم دىنىي ئەربابمەن، قاتارلىقلار).

3:4 2كور. 11‏:21.

3:5 «... تەۋرات-قانۇنى تەرەپتىن ئېيتقاندا، «پەرىسىي» مەزھىپىدىمۇ بولغانمەن» ــ «پەرىسىيلەر» يەھۇدىيلار ئارىسىدىكى تەۋرات قانۇنىدىكى تەلەپلەرنى ئەڭ تەكىتلەيدىغان دىنىي مەزھەپ ئىدى. «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.

3:5 يار. 49‏:27؛ روس. 23‏:6؛ 2كور. 11‏:22.

3:6 «خۇداغا بولغان قىزغىنلىقىمغا كەلسەك، جامائەتكە زىيانكەشلىك قىلغۇچى ئىدىم» ــ «جامائەتكە زىيانكەشلىك قىلىش» خۇدانىڭ ئىرادىسى ئەمەس ئىدى، ئەلۋەتتە؛ لېكىن شۇ ۋاقىتلاردىكى پاۋلۇس (سائۇل) مەسىھگە قارشى بولۇپ، «مەسىھكە ئېتىقاد باغلاشنى بولسا خۇدانىڭ يولى بىلەن قارشىلاشقانلىق، تەۋرات قانۇنىنى بۇلغىغانلىق» دەپ ئويلايتتى؛ شۇنىڭ بىلەن شۇ چاغدا ئۇ خۇداغا بولغان «قىزغىنلىق»ىنى خاتا يولغا قارىتىپ «جامائەتكە زىيانكەشلىك قىلدى». «تەۋرات قانۇنى تەلەپ قىلغان ھەققانىيلىققا كەلسەك، ئەيىبىسىز ئىدىم» ــ «ئەيىبسىز» ــ دېمەك، ئۇ تەۋرات قانۇنى جەھەتىدىن ئۆزىنى ئەيىبسىز دەپ قارايتتى. كېيىن خۇدانىڭ روھىدىن يورۇتۇلغاندا ئۇ تەۋرات قانۇنىدىكى تولۇق تەلەپنى بىلىپ يېتىپ، ئۆزىنى تولىمۇ ئەيىبلىك تونۇپ يەتتى («رىم.» 7:7-25، بولۇپمۇ 7نى كۆرۈڭ).

3:6 روس. 8‏:3؛ 9‏:1؛ 22‏:3، 4؛ گال. 1‏:13؛ 1تىم. 1‏:13.

3:7 مات. 13‏:44.

3:8 يەش. 53‏:11؛ يەر. 9‏:22؛ يـۇھ. 17‏:3؛ كول. 2‏:2.

3:9 «مەسىھتە بولۇپ، ئۆزۈمدىكى قانداقتۇر ھەققانىيلىق..تىن ۋاز كېچىپ، مەسىھنىڭ ئېتىقاد-سادىقلىقى ئارقىلىق بولغان ھەققانىيلىق، يەنى ئېتىقاد ئارقىلىق خۇدادىن بولغان ھەققانىيلىققا ئېرىشەلەيمەن» ــ «مەسىھتە» ــ گرېك تىلىدا «ئۇنىڭدا».

3:9 رىم. 1‏:17؛ 3‏:21.

3:10 ««ئۇنىڭ (مەسىھنىڭ) ئازابلىرىغا بولغان سىرداش-ھەمدەملىك»» ــ بۇنىڭ توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «ئۇنىڭ ئازابلىرىغا سىرداش-ھەمدەملىكتە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ئۈلگە قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ...» ــ مەسىھتە بولغان مۇھەببەت، ھەققانىيلىق، يۇۋاش-مۇلايىملىق، سەۋر-تاقەتلىك، ئىمان-ئېتىقاد ۋە باشقىلارنى كەچۈرۈم قىلىش پوزىتسىيىنىڭ ئەڭ ئايان قىلىنغان ۋاقتى بولسا ئۇنىڭ ئۆلۈمىدە بولغاندۇر. شۇنىڭ بىلەن بىزگە «ئۇنىڭ ئۆلۈمى»دىن ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ئۇلۇغ ئۈلگە كۆرۈلىدۇ.

3:10 رىم. 8‏:17؛ 2كور. 4‏:10؛ 2تىم. 2‏:11،12؛ 1پېت. 4‏:13.

3:11 «شۇنداقلا مۇمكىن قەدەر ئۆلۈمدىن تىرىلىشكە يېتىشنى مۇددىئا قىلىمەن...» ــ پاۋلۇسنىڭ مۇشۇ سۆزى، ئۇنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە ئۆلۈمدىن تىرىلىشىنى مۇددىئا قىلىشى ئەمەس؛ چۈنكى ئۇنىڭ مەسىھنىڭ كۈنىدە ئۆلۈمدىن تىرىلىشىگە قەتئىي ئىشەنچى بار ئىدى (21:1). «ئۆلۈمدىن تىرىلىش»تە، ئىشەنگۈچىلەردە نۇرغۇنلىغان يېڭى قابىلىيەتلەر، يېڭى كۈچلەر، يېڭى بىلىم-چۈشەنچىلەر ۋە ۋەھىيلەر پەيدا بولىدۇ، خۇدانىڭ تولۇق شان-شەرىپى چەكسىز كۆرۈنىدۇ؛ لېكىن، پاۋلۇس بەلكىم مۇشۇ دەۋرنىڭ ئۆزىدە بۇ ئىشلارغا ئىگە بولسام دېگەن ئۇلۇغ مۇددىئادا بولغان بولسا كېرەك. 12-ئايەتنى كۆرۈڭ.

3:14 1كور. 9‏:24؛ 2تىم. 4‏:7.

3:15 «ئەگەر باشقىچە ئوي-مەقسەتتە بولساڭلار» ــ پاۋلۇسنىڭ بۇ دېگىنى، بەلكىم نىشاننى قوغلىشىڭلارغا ھەرقانداق نامۇۋاپىق ئويدا بولساڭلار» دېگەن مەنىدە بولسا كېرەك. بەزى ئالىملار بۇ ئايەتنىڭ: «ئەمدى ئارىمىزدىكى كىمكى «پىشىپ يېتىلگەن» (كىنايىلىك، ھەجۋىي ئېيتىلغان) بولسا، مۇشۇ ئويدا بولايلى. ئەگەر سىلەر باشقىچە ئويلىغان بولساڭلار، خۇدا بۇنىڭ خاتالىقىنى سىلەرگە ئايان قىلىدۇ» دېگەن مەنىدە دەپ قارايدۇ. بىز ئۇنىڭغا قايىل ئەمەسمىز؛ ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمى ئۇنىڭغا زىت كېلىدۇ.

3:16 «قانداقلا بولمىسۇن، قانداق ئۆلچەمگە يەتكەن بولساق، شۇ ئۆلچەم بويىچە قەدەم باسايلى» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: «قانداقلا بولمىسۇن، قانداق ئۆلچەمگە يەتكەن بولساق، شۇ ئۆلچەم بويىچە قەدەم بېسىۋېرەيلى، شۇ ئويىدىمۇ بولىۋېرەيلى» دېيىلىدۇ.

3:16 رىم. 12‏:16؛ 15‏:5؛ 1كور. 1‏:10؛ گال. 6‏:16؛ فىل. 2‏:2؛ 1پېت. 3‏:8.

3:17 1كور. 4‏:16؛ 11‏:1؛ 1تېس. 1‏:6.

3:18 «نۇرغۇن كىشىلەر مەسىھنىڭ كرېستىغا دۈشمەن بولۇپ ماڭماقتا» ــ «مەسىھنىڭ كرېستىغا دۈشمەن بولۇش» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

3:18 رىم. 16‏:17.

3:20 «ھالبۇكى، بىزنىڭ پۇقرالىقىمىز بولسا ئەرشتىدۇر، بىز دەل شۇ يەردىن نىجاتكارنىڭ چۈشۈشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز» ــ «مەسىھنىڭ كرېستىغا بولغان دۈشمەنلەر» بولسا ئەرشكە ئەمەس، بەلكى «بۇ دۇنيا»غا، يەنە «زېمىن»غا تەۋەدۇر.

3:20 1كور. 1‏:7؛ 1تېس. 1‏:10؛ تىت. 2‏:13؛ ئىبر. 13‏:14.

3:21 «ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرىدىغان قۇدرىتى بويىچە بىزنىڭ ئەبگار بۇ تېنىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنىڭ شان-شەرەپلىك تېنىگە ئوخشاش ھالغا كەلتۈرىدۇ» ــ «ئەبگار بۇ تېنىمىز» گرېك تىلىدا «بىزنى تۆۋەن قىلىدىغان بۇ تېنىمىز»، ياكى «بىزنى كىچىك پېئىللىق قىلىدىغان بۇ تېنىمىز» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. بىرسى تەكەببۇرلىشىپ كەتكەن بولسا تېنىدە ھەرقانداق ئاجىزلىق، ئەبگارلىق پەيدا بولسا مۇشۇنداق ئادەملەرنىڭ چوڭچىلىقىغا خاتىمە بېرىلىدۇ، ئەلۋەتتە، شۇنداقلا ھەممىمىزگە كىچىك پېئىللىقنىڭ توغرا كېلىدىغانلىقىنى روشەن كۆرىستىدۇ.

3:21 1كور. 15‏:51؛ كول. 3‏:4؛ 1يۇھ. 3‏:2.