26
يازدا قار يېغىش،
ئورما ۋاقتىدا يامغۇر يېغىش قاملاشمىغاندەك،
ئىززەت-ھۆرمەت ئەخمەققە لايىق ئەمەستۇر.
لەيلەپ ئۇچۇپ يۈرگەن قۇچقاچتەك،
ئۇچقان قارلىغاچ يەرگە قونمىغاندەك،
سەۋەبسىز قارغىش كىشىگە زىيان كەلتۈرەلمەس.
ئاتقا قامچا، ئېشەككە نوختا لازىم بولغىنىدەك،
ئەخمەقنىڭ دۈمبىسىگە تاياق لايىقتۇر. زەب. 32‏:8، 9، 10؛ پەند. 10‏:13
ئەخمەقنىڭ ئەخمىقانە گېپى بويىچە ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمىگىن،
جاۋاب بەرسەڭ ئۆزۈڭ ئۇنىڭغا ئوخشاپ قېلىشىڭ مۇمكىن.
ئەخمەقنىڭ ئەخمىقانە گېپى بويىچە ئۇنىڭغا جاۋاب بەرگىن،
جاۋاب بەرمىسەڭ ئۇ ئۆزىنىڭ ئەخمەقلىقىنى ئەقىللىق دەپ چاغلار.
ئۆز پۇتىنى كېسىۋەتكەندەك،
ئۆز بېشىغا زۇلمەت تىلىگەندەك،
ئەخمەقتىن خەۋەر يوللاشمۇ شۇنداق بىر ئىشتۇر. «ئۆز بېشىغا زۇلمەت تىلىگەندەك» ــ ئىبرانىي تىلىدا «خۇددى زىيان ئىچكەندەك».
توكۇرنىڭ كارغا كەلمىگەن پۇتلىرىدەك،
ئەخمەقنىڭ ئاغزىغا سېلىنغان پەند-نەسىھەتمۇ بىكار بولۇر.
سالغىغا تاشنى باغلاپ ئاتقاندەك،
ئەخمەققە ھۆرمەت بىلدۈرۈشمۇ ئەخمىقانە ئىشتۇر. «سالغىغا تاشنى باغلاپ ئاتقاندەك،...» ــ تاش سالغىغا باغلاپ قويۇلسا، ئۇنى سالغىدىن چىقارغىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.
ئەخمەقنىڭ ئاغزىغا سېلىنغان پەند-نەسىھەت،
مەستنىڭ قولىغا سانجىلغان تىكەندەكتۇر.
10 ئۆز يېقىنلىرىنى قارىسىغا زەخىملەندۈرگەن ئوقياچىدەك،
ئەخمەقنى ياكى ئۇدۇل كەلگەن ئادەمنى ياللاپ ئىشلەتكەن خوجايىنمۇ ئوخشاشلا زەخىملەندۈرگۈچىدۇر. «ئۆز يېقىنلىرىنى قارىسىغا زەخىملەندۈرگەن ئوقياچىدەك، ئەخمەقنى ياكى ئۇدۇل كەلگەن ئادەمنى ياللاپ ئىشلەتكەن خوجايىنمۇ ئوخشاشلا زەخىملەندۈرگۈچىدۇر» ــ بۇ پەند-نەسىھەتنىڭ باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى بار.
11 ئىت ئايلىنىپ كېلىپ ئۆز قۇسۇقىنى يالىغاندەك،
ئەخمەق ئەخمەقلىقىنى قايتىلار. 2پېت. 2‏:22
12 ئۆزىنى دانا چاغلاپ مەمنۇن بولغان كىشىنى كۆردۈڭمۇ؟
ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىماقتىن ئەخمەققە ئۈمىد باغلىماق ئەۋزەلدۇر. پەند. 29‏:20
13 ھۇرۇن ئادەم: ــ «تاشقىرىدا دەھشەتلىك بىر شىر تۇرىدۇ،
كوچىدا بىر شىر يۈرىدۇ!» ــ دەپ ئۆيدىن چىقماس. پەند. 22‏:13
14 ئۆز مۇجۇقىدا ئېچىلىپ-يېپىلىپ تۇرغان ئىشىككە ئوخشاش،
ھۇرۇن كارىۋاتتا يېتىپ ئۇ ياق-بۇ ياققا ئۆرۈلمەكتە.
15 ھۇرۇن قولىنى سۇنۇپ قاچىغا تىققىنى بىلەن،
غىزانى ئاغزىغا سېلىشتىنمۇ ئېرىنەر. پەند. 19‏:24
16 ھۇرۇن ئۆزىنى پەم بىلەن جاۋاب بەرگۈچى يەتتە كىشىدىنمۇ دانا سانار.
17 كوچىدا كېلىۋېتىپ، ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ماجىراغا ئارىلاشقان كىشى،
ئىتنىڭ قۇلىقىنى تۇتۇپ سوزغانغا ئوخشاش خەتەرگە دۇچار بولار.
18 ئۆز يېقىنلىرىنى ئالداپ «پەقەت چاقچاق قىلىپ قويدۇم!» دەيدىغان كىشى،
ئوتقاشلارنى، ئوقلارنى، ھەرخىل ئەجەللىك قوراللارنى ئاتقان تەلۋىگە ئوخشايدۇ.
20 ئوتۇن بولمىسا ئوت ئۆچەر؛
غەيۋەت بولمىسا، جېدەل بېسىلار. پەند. 22‏:10
21 چوغلار ئۈستىگە چاچقان كۆمۈردەك،
ئوت ئۈستىگە قويغان ئوتۇندەك، جېدەلچى جېدەلنى ئۇلغايتار. پەند. 15‏:18؛ 29‏:22
22 غەيۋەتخورنىڭ سۆزلىرى ھەرخىل نازۇنېمەتلەردەك،
كىشىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈلەر. «كىشىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈلەر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «كىشىنىڭ قورسىقىنىڭ ئىچكى يەرلىرىگە سىڭدۈرۈلەر».   پەند. 18‏:8
23 يالقۇنلۇق لەۋلەر رەزىل كۆڭۈللەرگە قوشۇلغاندا،
ساپال قاچىغا كۈمۈش ھەل بەرگەنگە ئوخشاشتۇر.
24 ئاداۋەت ساقلايدىغان ئادەم ئۆچىنى گەپلىرى بىلەن ياپسىمۇ،
كۆڭلىدە قات-قات سۇيىقەست ساقلايدۇ.
25 ئۇنىڭ سۆزى چىرايلىق بولسىمۇ، ئىشىنىپ كەتمىگىن؛
قەلبىدە يەتتە قات ئىپلاسلىق باردۇر.
26 ئۇ ئۆچمەنلىكىنى چىرايلىق گەپ بىلەن ياپسىمۇ،
لېكىن رەزىللىكى جامائەتنىڭ ئالدىدا ئاشكارىلىنار.
27 كىشىگە ئورا كولىغان ئۆزى چۈشەر؛
تاشنى دومىلاتقان كىشىنى تاش دۇمىلاپ قايتىپ كېلىپ ئۇنى يانجار. زەب. 7‏:15-16؛ 9‏:15؛ 10‏:2؛ 57‏:6؛ توپ. 10‏:8
28 ساختا تىل ئۆزى زىيانكەشلىك قىلغان كىشىلەرگە نەپرەتلىنەر؛
خۇشامەت قىلغۇچى ئېغىز ئادەمنى ھالاكەتكە ئىتتىرەر.
 
 

26:3 زەب. 32‏:8، 9، 10؛ پەند. 10‏:13

26:6 «ئۆز بېشىغا زۇلمەت تىلىگەندەك» ــ ئىبرانىي تىلىدا «خۇددى زىيان ئىچكەندەك».

26:8 «سالغىغا تاشنى باغلاپ ئاتقاندەك،...» ــ تاش سالغىغا باغلاپ قويۇلسا، ئۇنى سالغىدىن چىقارغىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.

26:10 «ئۆز يېقىنلىرىنى قارىسىغا زەخىملەندۈرگەن ئوقياچىدەك، ئەخمەقنى ياكى ئۇدۇل كەلگەن ئادەمنى ياللاپ ئىشلەتكەن خوجايىنمۇ ئوخشاشلا زەخىملەندۈرگۈچىدۇر» ــ بۇ پەند-نەسىھەتنىڭ باشقا بىرنەچچە خىل تەرجىمىلىرى بار.

26:11 2پېت. 2‏:22

26:12 پەند. 29‏:20

26:13 پەند. 22‏:13

26:15 پەند. 19‏:24

26:20 پەند. 22‏:10

26:21 پەند. 15‏:18؛ 29‏:22

26:22 «كىشىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈلەر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «كىشىنىڭ قورسىقىنىڭ ئىچكى يەرلىرىگە سىڭدۈرۈلەر».

26:22 پەند. 18‏:8

26:27 زەب. 7‏:15-16؛ 9‏:15؛ 10‏:2؛ 57‏:6؛ توپ. 10‏:8