97
97-كۈي •••• پەرۋەردىگارنىڭ سەلتەنىتى كېلىدۇ!
پەرۋەردىگار ھۆكۈم سۈرىدۇ!
يەر-زېمىن خۇش بولسۇن،
كۆپلىگەن ئاراللار شادلانسۇن! زەب. 93‏:1؛ 96‏:10
بۇلۇتلار ۋە قاراڭغۇلۇق ئۇنىڭ ئەتراپىدىدۇر،
ھەققانىيەت ۋە ئادالەت تەختىنىڭ ئۇلىدۇر؛
ئۇنىڭ ئالدىدا ئوت يالقۇنى يۈرىدۇ،
ئەتراپتىكى دۈشمەنلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ؛
ئۇنىڭ چاقماقلىرى جاھاننى يورۇتتى،
يەر بۇنى كۆرۈپ تىترەپ كەتتى؛ زەب. 77‏:16-18؛ ۋەھ. 4‏:5
پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا،
پۈتكۈل زېمىننىڭ ئىگىسىنىڭ ئالدىدا،
تاغلار مومدەك ئېرىپ كېتىدۇ.
ئاسمانلار ئۇنىڭ ھەققانىيىتىنى جاكارلايدۇ،
بارلىق خەلقلەر ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى كۆرىدۇ. زەب. 19‏:1؛ 50‏:6
ئويما ھەيكەللەرگە چوقۇنغانلار،
بۇتلار بىلەن ماختىنىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇياتتا قالىدۇ.
بارلىق ئىلاھلار، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار! «ئويما ھەيكەللەرگە چوقۇنغانلار، بۇتلار بىلەن ماختىنىپ يۈرگۈچىلەر...» ــ «بۇتلار» ئىبرانىي تىلىدا «ئەرزىمەسلەر». «بارلىق ئىلاھلار، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار!» ــ «ئىلاھلار» بۇ يەردە، شۇنداقلا 86-، 95-، 96- ۋە 97-كۈيدە كۆرسىتىلگەندەك، پەرىشتىلەرنى، ياكى بولمىسا بۇتلارنىڭ كەينىدىكى جىن-شەيتانلارنى كۆرسىتىدۇ. 3:94 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.
 
سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭ سەۋەبىدىن، ئى پەرۋەردىگار،
زىئون ئاڭلاپ شادلاندى،
يەھۇدا قىزلىرى خۇش بولدى.
چۈنكى سەن پەرۋەردىگار پۈتكۈل يەر يۈزى ئۈستىدىكى ئەڭ ئالىيسىدۇرسەن؛
سەن بارلىق ئىلاھلاردىن نەقەدەر يۇقىرىدۇرسەن!
10 پەرۋەردىگارنى سۆيگەنلەر، يامانلىقتىن نەپرەتلىنىڭلار!
ئۇ مۆمىن بەندىلىرىنىڭ جېنىدىن خەۋەر ئالىدۇ،
رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن خالاس قىلىدۇ. ئام. 5‏:15؛ رىم. 12‏:9
11 ھەققانىيلار ئۈچۈن نۇر،
دىلى دۇرۇسلار ئۈچۈن شادلىق تېرىلغاندۇر؛
12 پەرۋەردىگاردىن شادلىنىڭلار، ئى ھەققانىيلار،
ئۇنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىنى ياد ئېتىپ تەشەككۈر ئېيتىڭلار!
 
 

97:1 زەب. 93‏:1؛ 96‏:10

97:4 زەب. 77‏:16-18؛ ۋەھ. 4‏:5

97:6 زەب. 19‏:1؛ 50‏:6

97:7 «ئويما ھەيكەللەرگە چوقۇنغانلار، بۇتلار بىلەن ماختىنىپ يۈرگۈچىلەر...» ــ «بۇتلار» ئىبرانىي تىلىدا «ئەرزىمەسلەر». «بارلىق ئىلاھلار، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار!» ــ «ئىلاھلار» بۇ يەردە، شۇنداقلا 86-، 95-، 96- ۋە 97-كۈيدە كۆرسىتىلگەندەك، پەرىشتىلەرنى، ياكى بولمىسا بۇتلارنىڭ كەينىدىكى جىن-شەيتانلارنى كۆرسىتىدۇ. 3:94 ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.

97:10 ئام. 5‏:15؛ رىم. 12‏:9