113
113-كۈي •••• خۇدا شەپقىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆزىنى تۆۋەن تۇتىدۇ
1 ھەمدۇسانا!
مەدھىيىلەڭلار، ئى پەرۋەردىگارنىڭ قۇللىرى،
پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلەڭلار!
2 ھازىردىن باشلاپ، ئەبەدىلئەبەدگىچە،
پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن!■ دان. 2:20
3 كۈن چىقاردىن كۈن پاتارغا،
پەرۋەردىگارنىڭ نامى مەدھىيىلىنىشكە لايىقتۇر!■ مال. 1:11
4 پەرۋەردىگار ئەللەردىن يۇقىرى كۆتۈرۈلدى؛
شان-شەرىپى ئەرشلەردىن يۇقىرىدۇر.
5 كىممۇ پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا تەڭ بولالىسۇن ــ
ئۆز ماكانى يۇقىرىدا بولسىمۇ،
6 ئاسمانلارغا ھەم يەرگە قاراش ئۈچۈن،
ئۆزىنى تۆۋەن قىلغۇچىغا؟
7 نامرات كىشىنى ئۇ توپا-چاڭدىن كۆتۈرىدۇ؛
قىغلىقتىن يوقسۇلنى يۇقىرىلىتىدۇ؛■ 1سام. 2:8؛ زەب. 107:41
8 ئۇنى ئېسىلزادىلەر قاتارىغا،
يەنى ئۆز خەلقىنىڭ ئېسىلزادىلىرى ئارىسىغا ئولتۇرغۇزىدۇ؛
9 ئۇ تۇغماس ئايالنى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ،
ئۇنى ئوغۇللارنىڭ خۇشال ئانىسى قىلىدۇ.
ھەمدۇسانا!