□132:1 «ئى پەرۋەردىگار، داۋۇت ئۈچۈن ئۇ تارتقان جەبىر-جاپالارنى ياد ئەتكەيسەن؛....» ــ بۇ كۈي بىرىنچىدىن، داۋۇتنىڭ پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئىبادەتخانا قۇرۇشقا ئىچكەن قەسىمىنى بىلدۈرىدۇ ھەم شۇ چاغدىكى خۇدانىڭ داۋۇتقا جاۋاب بېرىپ قىلغان ۋەدىسىنى («2سام.» 7-باب) ئەسلىتىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، داۋۇتنىڭ كېيىن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كىرىئات-يېئارىم (يەنى ئەفراتاھ، ئۆز يۇرتى بولغان بەيت-لەھەمگە يېقىن) دېگەن جايدىن ئەكىلىپ، تەنتەنىلىك ھالدا يېرۇسالېمغا كىرگۈزگەنلىكىنىمۇ ئەسلىتىدۇ. بۇ كۈي بەلكىم داۋۇتنىڭ بىر ئەۋلادى (سۇلايمان ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىرسى) پادىشاھ بولغاندا قىلغان دۇئاسى بولۇشى مۇمكىن. «داۋۇت ... تارتقان بارلىق جەبىر-جاپالار» ــ مۇشۇ يەردە بەلكىم داۋۇتنىڭ خۇدا ئۈچۈن مۇقەددەس بىر ئۆينى ياساشقا بولغان ئەجىرىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
■132:3-5 1تار. 15:1
□132:6 «... بىز ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئەفراتاھدا ئاڭلىدۇق» ــ «ئۇنىڭ خەۋىرى» بەلكىم بىرىنچىدىن خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئىككىنچىدىن بېشارەتلىك ھالدا مەسىھنىڭ بەيت-لەھەمدە تۇغۇلۇشىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. «ئۇنى ئورمانلىق ئېتىزلاردىن تاپتۇق» ــ ياكى «ئۇنى يائارنىڭ ئېتىزلىرىدىن تاپتۇق». «يائار» «كىرىئات-يېئارىم» بولۇشى مۇمكىن («1سام.» 1:7نى كۆرۈڭ).
□132:10 «قۇلۇڭ داۋۇت ئۈچۈن، ئۆزۈڭ مەسىھ قىلغىنىڭنىڭ يۈزىنى ياندۇرمىغايسەن» ــ بەلكىم داۋۇتنىڭ پادىشاھ بولىدىغان ئەۋلادى ئۈچۈن قىلغان دۇئاسى. خۇدانىڭ «مەسىھ قىلغىنى» توغرۇلۇق يۇقىرىقى 2-كۈي ۋە ئىزاھاتلارنى، شۇنداقلا «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.
■132:11 2سام. 7:12؛ 1پاد. 8:25؛ 2تار. 6:16؛ لۇقا 1:69
■132:14 زەب. 68:16؛ 132:8
■132:16 2تار. 6:41
■132:17 لۇقا 1:69