ئايۇپ. 25. شۇخالىق بىلداد جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ «ئۇنىڭدا ھۆكۈمرانلىق ھەم ھەيۋەت باردۇر؛ ئۇ ئاسمانلارنىڭ قەرىدىكى ئىشلارنىمۇ تەرتىپكە سالىدۇ. ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولامدۇ؟ ئۇنىڭ نۇرى كىمنىڭ ئۈستىگە چۈشمەي قالار؟ ئەمدى ئىنسان بالىسى قانداقمۇ تەڭرىنىڭ ئالدىدا ھەققانىي بولالىسۇن؟ ئايال زاتىدىن تۇغۇلغانلار قانداقمۇ پاك بولالىسۇن؟ مانا، ئۇنىڭ نەزىرىدە ھەتتا ئايمۇ يورۇق بولمىغان يەردە، يۇلتۇزلارمۇ پاك بولمىغان يەردە، قۇرت بولغان ئىنسان، سازاڭ بولغان ئادەم بالىسى ئۇنىڭ ئالدىدا قانداق بولار؟».