زەبۇر. 16. داۋۇت يازغان «مىختام» كۈيى: مېنى ساقلىغىن، ئى تەڭرى، چۈنكى مەن ساڭا تايىنىمەن. مېنىڭ جېنىم پەرۋەردىگارغا: «سەن مېنىڭ رەببىمدۇرسەن؛ سەندىن باشقا مېنىڭ بەخت-سائادىتىم يوقتۇر» ــ دېدى.   يەر يۈزىدىكى مۇقەددەس بەندىلىرىڭ بولسا، ئۇلار ئالىيجانابلاردۇر، ئۇلار مېنىڭ ھەممە خۇشاللىقىمدۇر. كىم باشقا ئىلاھنى ئىزدەشكە ئالدىرىسا، ئۇلارنىڭ دەردلىرى كۆپىيىپ كېتىدۇ. غەيرىي ئىلاھلارغا ئاتاپ ھەدىيە قانلىرىنى تۆكمەيمەن، ئۇلارنىڭ ناملىرىنى تىلىمغىمۇ ئالمايمەن. پەرۋەردىگار بولسا مېنىڭ مىراسىم ھەم قەدەھىمدىكى نېسىۋەمدۇر؛ چەك تاشلىنىپ ئېرىشكەن نېسىۋەمنى ئۆزۈڭ ساقلايسەن؛   نېسىۋەمنى بەلگىلىگەن سىزىقلار ماڭا گۈزەل يەرلەرنى بېكىتكەندۇر؛ بەرھەق، مېنىڭ گۈزەل مىراسىم باردۇر! ماڭا نەسىھەت بەرگەن پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن؛ ھەتتا كېچىلەردىمۇ ۋىجدانىم ماڭا ئۆگىتىدۇ. مەن پەرۋەردىگارنى ھەردائىم كۆز ئالدىمدىن كەتكۈزمەيمەن؛ ئۇ ئوڭ يېنىمدا بولغاچقا، مەن ھەرگىز تەۋرەنمەيمەن. شۇڭا مېنىڭ قەلبىم شادلاندى، مېنىڭ روھىم تېخىمۇ كۆتۈرۈلىدۇ، مېنىڭ تېنىم ئامان-ئېسەنلىكتە تۇرىدۇ؛ چۈنكى جېنىمنى تەھتىسارادا قالدۇرمايسەن، شۇنداقلا سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچىڭنى چىرىشتىن ساقلايسەن.   سەن ماڭا ھايات يولىنى كۆرسىتىسەن؛ ھۇزۇرۇڭدا تولۇپ تاشقان شاد-خۇراملىق باردۇر؛ ئوڭ قولۇڭدا مەڭگۈلۈك بەھرە-لەززەتلەرمۇ باردۇر.