زەبۇر. 34. داۋۇت يازغان كۈي: ــ (داۋۇت ئابىمەلەك پادىشاھنىڭ ئالدىدا يۈرۈش-تۇرۇشىنى باشقىچە قىلىۋالغاندا، ئابىمەلەك ئۇنى ھەيدىۋەتكەن ۋاقىتتا يازغان) |א| مەن ھەرقانداق ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن؛ ئۇنى مەدھىيىلەش ئاغزىمدىن چۈشمەيدۇ.   |ב| قەلبىم پەرۋەردىگارنى ئىپتىخارلىنىپ مەدھىيەلەيدۇ، مۆمىنلەر بۇنى ئاڭلاپ شادلىقتا بولىدۇ. |ג| مەن بىلەن بىللە پەرۋەردىگارنى ئۇلۇغلاڭلار، بىرلىكتە ئۇنىڭ نامىغا مەدھىيىلەر ياڭرىتايلى. |ד| پەرۋەردىگارنى ئىزدىدىم، ئۇ مېنىڭ دۇئايىمنى ئىجابەت قىلدى، مېنى باسقان بارلىق ۋەھىمە-قورقۇنچلىرىمدىن قۇتقۇزدى. |ה| مۆمىنلەر ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ نۇرلاندى؛ |ו| يۈزلىرى يەرگە قارىتىلمىدى. |ז| مەن پېقىر-بىچارە ئۇنىڭغا نىدا قىلدى، پەرۋەردىگار ئاڭلاپ، مېنى ھەممە ئاۋارىچىلىكلەردىن قۇتقۇزدى. |ח| پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارنى قوغداپ ئەتراپىغا چېدىرىنى تىكىدۇ، ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ. |ט| پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقىنى تېتىپ، بىلگىن، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ تايانغان ئادەم نېمىدېگەن بەختلىكتۇر! |י| ئى ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىڭلار! چۈنكى ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ ھېچ نەرسىسى كەم بولماس. |כ| كۈچلۈك ئارسلانلار ئوزۇقسىز قېلىپ ئاچ قالسىمۇ، ئەمما پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ھېچبىر ياخشى نەرسىسى كەم بولماس. |ל| كېلىڭلار بالىلىرىم، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛ مەن سىلەرگە پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنى ئۆگىتىپ قوياي. |מ| ھاياتنى ئەتىۋارلايدىغان كىشى كىم؟ كىمنىڭ ئۇزۇن ۋە ياخشى كۈنلەرنى كۆرگۈسى بار؟ |נ| ئۇنداقتا تىلىڭنى يامانلىقتىن تارتىپ يۈر، لەۋلىرىڭ مەككارلىقتىن نېرى بولسۇن؛ |ס| يامانلىقتىن ئايرىلىپ يىراق بولۇپ، گۈزەل ئەمەللەرنى قىلىپ يۈر؛ ئامان-خاتىرجەملىكنى ئىزدەپ، ئۇنى قوغلاپ يۈر. |ע| پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەققانىيلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، ئۇنىڭ قۇلىقى ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا ئوچۇق تۇرىدۇ؛ |פ| پەرۋەردىگارنىڭ چىرايى رەزىللىك قىلغۇچىلارغا قارشى چىقار، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق نام-خاتىرىلىرىنى يەر يۈزىدىن ئېلىپ تاشلار؛ |צ| ھەققانىيلار ئىلتىجا قىلىدۇ، پەرۋەردىگار ئاڭلايدۇ، ئۇلارنى بارلىق ئازاب-مۇشەققەتلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ؛ |ק| پەرۋەردىگار كۆڭلى سۇنۇقلارغا يېقىندۇر، روھى ئېزىلگەنلەرنى قۇتقۇزىدۇ.   |ר| ھەققانىيلار دۇچ كەلگەن ئاۋارىچىلىكلەر كۆپتۇر؛ بىراق پەرۋەردىگار ئۇلارنى بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن قۇتقۇزىدۇ. |ש| ئۇ ھەققانىينىڭ سۆڭەكلىرىنى ساق قالدۇرىدۇ، ئۇلاردىن بىرسىمۇ سۇنۇپ كەتمەيدۇ. |ח| يامانلىقنىڭ ئۆزى رەزىللەرنى ئۆلتۈرىدۇ؛ ھەققانىيلارغا نەپرەتلىنىدىغانلار گۇناھتا قالىدۇ. |פ| پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرىنىڭ جانلىرىنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىدۇ؛ ئۇنىڭغا تايانغانلاردىن ھېچكىمگە گۇناھ بېكىتىلمەيدۇ.