زەبۇر. 117. پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەڭلار، بارلىق ئەللەر؛ ھەممە خەلقلەر، ئۇنى ماختاڭلار! چۈنكى بىزگە باغلىغان ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى غەلىبىلىكتۇر؛ ھەم پەرۋەردىگارنىڭ ھەقىقەت-ساداقىتى مەڭگۈلۈكتۇر! ھەمدۇسانا!