زەبۇر. 120. «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» بېشىمغا كۈن چۈشكەندە مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدىم؛ ئۇ ماڭا جاۋاب بەردى. ئى پەرۋەردىگار، جېنىمنى يالغان سۆزلەيدىغان لەۋلەردىن، ئالدامچى تىلدىن قۇتۇلدۇرغايسەن. ساڭا نېمە بېرىلىدۇ، ساڭا نېمە قوشۇلۇشى كېرەك، ئەي ئالدامچى تىل؟ ــ پالۋان ئاتقان ئۆتكۈر ئوقلار، ئارچا چوغلىرى ساڭا تەگسۇن! مەشەك دىيارىدا مۇساپىر بولۇپ ياشىغىنىمغا، كېدار چېدىرلىرى ئارىسىدا تۇرغىنىمغا ھالىمغا ۋاي! مەن تىنچلىققا ئۆچلەر ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان تۇرۇۋاتىمەن؛ مەن تىنچلىقپەرۋەرمەن؛ بىراق گەپ قىلسام، ئۇلار ئۇرۇشىمىزلا، دەيدۇ.