زەبۇر. 134. «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» مانا، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار، ئى، كېچىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تۇرىدىغان، پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق قۇللىرى! مۇقەددەس جايدا تۇرۇپ قوللىرىڭلارنى كۆتۈرۈپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار! ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچى پەرۋەردىگار سىلەرنى زىئوندىن بەرىكەتلىگەي!