7
خاتىمە ۋاقتى كەلدى!
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ
«سەن ئاڭلا، ئى ئىنسان ئوغلى، رەب پەرۋەردىگار ئىسرائىل زېمىنىغا مۇنداق دېدى: خاتىمە! زېمىننىڭ تۆت بۇلۇڭىغا خاتىمە بېرىلىدۇ! «خاتىمە! زېمىننىڭ تۆت بۇلۇڭىغا خاتىمە بېرىلىدۇ!» ــ ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر (يوئېل، ئاموس، يەشايا، ھوشىيا، مىكاھ قاتارلىقلار) خۇدانىڭ مۇشۇ جازاسى توغرۇلۇق بېشارەت بەرگەن. ئەزاكىيال پەيغەمبەر مۇشۇ يەردە، ۋاقتى-سائىتى ھازىر بولىدۇ، دەيدۇ.
ساڭا ھازىر خاتىمە بېرىلىدۇ! ئۆز غەزىپىمنى بېشىڭغا چۈشۈرىمەن، ئۆز يوللىرىڭ بويىچە ئۈستۈڭگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالاپ، ئۆزۈڭنىڭ بارلىق يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭنى ئۆز بېشىڭغا ياندۇرىمەن. مېنىڭ كۆزۈم ساڭا رەھىم قىلمايدۇ ھەم ئىچىمنىمۇ ساڭا ئاغرىتمايمەن؛ ئەكسىچە ئۆز يوللىرىڭنى بېشىڭغا ياندۇرىمەن، ئۆز يىرگىنچلىكلىرىڭ ئۆز ئاراڭدا بولىدۇ؛ ئاندىن سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر». ئ‍ەز. 5‏:11؛ 8‏:18
رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «بالايىئاپەت! ھېچ بولۇپ باقمىغان بالايىئاپەت كېلىدۇ! مانا، ئۇ كەلدى!
خاتىمە، خاتىمە! ئۇ ساڭا قارشى قوزغالدى! مانا، ئۇ كېلىۋاتىدۇ!
ھالاكەت يېنىڭغا كەلدى، ئى زېمىندا تۇرغۇچى؛ ۋاقىت-سائىتى توشتى، ئاشۇ كۈن يېقىنلاشتى؛ خۇشاللىق ۋارقىراشلىرى ئەمەس، بەلكى داۋالغۇلۇق بىر قىيقاس-سۈرەن تاغلاردا ئاڭلىنىدۇ. «ئاشۇ كۈن يېقىنلاشتى...» ــ مۇشۇ «كۈن» «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى» يەنى «قىيامەت كۈنى»نى كۆرسىتىدۇ. ئەزاكىيال پەيغەمبەرنىڭ بۇ بېشارىتىنىڭ ئىككى قېتىملىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى بار: ــ (1) بابىل ئىمپېرىيەسى ئىسرائىل زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلىپ يەھۇدىيلارنى پۈتۈنلەي سۈرگۈن قىلىدۇ؛ (2) كەلگۈسىدە، پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىدە؛ شۇ كۈنى دەججالنىڭ قوشۇنلىرى ئىسرائىل زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلىدۇ. بۇ ئىككى ۋەقەنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشايدىغان كۆپ يەرلىرى بولىدۇ. مەن تېزلا قەھرىمنى ئۈستۈڭگە تۆكۈپ، ساڭا قاراتقان غەزىپىم بىلەن پىغاندىن چىقىمەن؛ مەن ئۆز يوللىرىڭ بويىچە ئۈستۈڭگە ھۆكۈم چىقىرىپ جازالاپ، ئۆزۈڭنىڭ بارلىق يىرگىنچلىكلىرىڭنى بېشىڭغا قايتۇرۇپ چۈشۈرىمەن. مېنىڭ كۆزۈم ساڭا رەھىم قىلمايدۇ ھەم ئىچىمنىمۇ ساڭا ئاغرىتمايمەن؛ مەن ئۆز يوللىرىڭنى بېشىڭغا ياندۇرىمەن، ۋە ئۆز يىرگىنچلىك ئىشلىرىڭ ئۆز ئاراڭغا چۈشىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۇرغۇچىنىڭ مەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىسىلەر.
10 مانا، ئاشۇ كۈن! مانا ئۇ كەلدى! ھالاكەت چىقىپ يۈرىۋاتىدۇ! ــ تاياق بىخلاندى، ھاكاۋۇرلۇق چېچەكلىدى! «تاياق بىخلاندى، ھاكاۋۇرلۇق چېچەكلىدى!» ــ مۇشۇ «تاياق» ئۇلارنىڭ زوراۋانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ــ كېيىنكى 10-ئايەتنى كۆرۈڭ. ئۇنىڭ «بىخلانغانلىقى» بەلكىم ئۇنى جازالايدىغان ۋاقىت-سائەت توشقان، دېمەكچى. 11 زوراۋانلىق يېتىلىپ رەزىللىك تايىقى بولۇپ چىقتى؛ ئۇلارنىڭكىدىن ھېچنەرسە قالمايدۇ ــ ئۇلارنىڭ ئادەملەر توپىدىن، دۆلەت-بايلىقلىرىدىن ياكى ھەيۋىسىدىن ھېچنېمە قالمايدۇ. «زوراۋانلىق يېتىلىپ رەزىللىك تايىقى بولۇپ چىقتى» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «زوراۋانلىق يېتىلىپ، رەزىللىكنى جازالايدىغان تاياق بولۇپ چىقتى» ــ بىراق بىزنىڭچە بۇ «تاياق» 10-ئايەتتىكى تاياققا ئوخشاش بولۇشى كېرەك. 12 ۋاقىت-سائىتى كەلدى، كۈنى يېقىنلاشتى؛ ئالغۇچى خۇشال بولۇپ كەتمىسۇن، ساتقۇچى ماتەم تۇتمىسۇن؛ چۈنكى قاتتىق غەزەپ مۇشۇ بىر توپ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ. «ئالغۇچى خۇشال بولۇپ كەتمىسۇن، ساتقۇچى ماتەم تۇتمىسۇن؛ چۈنكى قاتتىق غەزەپ مۇشۇ بىر توپ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ» ــ بالايىئاپەت چۈشكەن كۈنلەردە كۆپ نەرسىلەرنىڭ باھاسى دەرھال چۈشىدۇ. شۇ چاغدا ئالغۇچى كىشى بەلكىم: «ناھايىتى ئەرزانغا ئالدىم» دەپ خۇشاللىنىدۇ، ساتقۇچى كىشى بەلكىم «بەك ئەرزان سېتىپتىمەن» دەپ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ. 13 چۈنكى گەرچە ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى تىرىك قالسىمۇ، ساتقۇچى ئۆزى سېتىۋەتكىنىگە قايتىدىن ئىگە بولمايدۇ؛ چۈنكى بۇ توپ كىشىلەر توغرۇلۇق كۆرۈنگەن بېشارەت ئىناۋەتسىز بولمايدۇ؛ ئۇلاردىن ھېچقايسىسى قەبىھلىكى بىلەن ئۆز ھاياتىنى ساقلىيالمايدۇ. «چۈنكى گەرچە ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى تىرىك قالسىمۇ، ساتقۇچى ئۆزى سېتىۋەتكىنىگە قايتىدىن ئىگە بولمايدۇ» ــ ئەگەر ساتقان نەرسە يەر بولسا، مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن مىراسلىق توغرىسىدىكى قانۇن بويىچە، ساتقۇچى ئۇنى (مۇۋاپىق باھاسىدا) قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش ھوقۇقى بار. ئەمدى ساتقان نەرسە يەر بولسۇن بولمىسۇن، ئۇنى قايتۇرۇۋېلىش ۋاقتى بولمايدۇ، چۈنكى ھەممە ئادەم سۈرگۈن بولۇپ ئېپكېتىلىدۇ. «ئۇلاردىن ھېچقايسىسى قەبىھلىكى بىلەن ئۆز ھاياتىنى ساقلىيالمايدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇلارنىڭ قەبىھلىكى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۆز ھاياتىنى ساقلىيالمايدۇ».
14 ئۇلار كاناينى چېلىپ ھەممىنى تەييارلىدى، بىراق ھېچكىم جەڭگە چىقمايدۇ؛ چۈنكى مېنىڭ غەزىپىم مۇشۇ بىر توپ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە قارىتىلغان. 15 تالادا قىلىچ، ئىچىدە ۋابا ۋە ئاچارچىلىق تۇرىدۇ؛ دالادا بولغان كىشىنى قىلىچ، شەھەردە بولغان كىشىنى بولسا، ۋابا ۋە ئاچارچىلىق ئۇنى يۇتۇۋېتىدۇ. 16 ۋە ئۇلاردىن قۇتۇلۇپ قېلىپ بۇلاردىن قاچقانلار تاغلاردا يۈرۈپ ھەربىرى ئۆز قەبىھلىكى ئۈچۈن جىلغىدىكى پاختەكلەردەك بۇقۇلداپ ماتەم تۇتىدۇ.
17 ھەربىرىنىڭ قولى دەرمانسىزلىنىدۇ، تىزلىرى سۈيدۈك بىلەن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كېتىدۇ؛ «ھەربىرىنىڭ قولى دەرمانسىزلىنىدۇ، تىزلىرى سۈيدۈك بىلەن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كېتىدۇ» ــ دېمەك، قورقۇنچتىن شۇنداق بولىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ھەربىرىنىڭ تىزلىرى سۇدەك ئاجىز بولۇپ كېتىدۇ».   يەش. 13‏:7؛ يەر. 6‏:24 18 ئۇلار ئۆزىگە بۆز كىيىمىنى باغلايدۇ، ۋەھشەت ئۇلارنى باسىدۇ؛ ھەرقايسىنىڭ يۈزىدە خىجالەت، باشلىرى تاقىر كۆرۈنىدۇ. «بۆز كىيىمى» ــ ماتەم تۇتۇش ياكى قاتتىق توۋا قىلىشنى بىلدۈرەتتى. «باشلىرى تاقىر كۆرۈنىدۇ» ــ ماتەم تۇتقاندا، قاتتىق پۇشايمان قىلغاندا ئەر كىشىلەر چاچلىرىنى چۈشۈرۈۋېتەتتى.   يەش. 15‏:2، 3؛ يەر. 48‏:37 19 ئۇلار ئۆز كۈمۈشلىرىنى كوچىلارغا تاشلايدۇ، ئۇلارنىڭ ئالتۇنلىرى بۇلغانغان نەرسىدەك بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشلىرى پەرۋەردىگار غەزىپىنى كۆرسەتكەن كۈنىدە ئۇلارنى قۇتقۇزمايدۇ؛ ئۇلار بۇلاردىن ئاچلىقىنى قاندۇرالمايدۇ، قورسىقىنى تولدۇرالمايدۇ، چۈنكى بۇ نەرسىلەر ئۇلارغا ئادەملەرنى پۇتلاشتۇرىدىغان قەبىھلىك بولدى. «ئۇلارنىڭ ئالتۇنلىرى بۇلغانغان نەرسىدەك بولىدۇ» ــ «بۇلغانغان بەرسە» (ياكى «نىجىس نەرسە») مۇشۇ يەردە ئىككى بىسلىق سۆز بولۇپ، يەنە «يىراق قىلىنغان نەرسە»نىمۇ بىلدۈرىدۇ. «بۇ نەرسىلەر ئۇلارغا ئادەملەرنى پۇتلاشتۇرىدىغان قەبىھلىك بولدى» ــ «بۇ نەرسىلەر» بەلكىم ئۇلارنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش بولغان بايلىقلىرى ۋە شۇنداقلا ئۇلار ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسىغان بۇتلار بولسا كېرەك.   پەند. 11‏:4؛ زەف. 1‏:18 20 ئۇ ئۇنىڭ گۈزەل بېزەكىنى ھەيۋە بىلەن تىكلىدى؛ بىراق ئۇلار ئۇنىڭ ئىچىدە يىرگىنچلىك مەبۇدلارنى ھەمدە لەنەتلىك نەرسىلىرىنى ياسىدى؛ شۇڭا مەن ئۇنى ئۇلار ئۈچۈن پاسكىنچىلىققا ئايلاندۇرىمەن. «ئۇ ئۇنىڭ گۈزەل بېزەكىنى ھەيۋە بىلەن تىكلىدى» ــ «ئۇ» ــ خۇدانى كۆرسىتىدۇ. «ئۇنىڭ گۈزەل بېزەكى» ــ مۇشۇ سۆز بىزنىڭچە مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا قارىتىلغان (بۇ ئىبادەتخانىنى سۇلايمان پادىشاھ قۇرغان، ئەسلى ئىنتايىن گۈزەل ۋە ھەيۋەتلىك ئىدى). ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلار ئۆزى گۈزەل بۇيۇملىرىدىن پەخىرلەنگەن، بىراق ئۇلار بۇلاردىن يىرگىنچلىك مەبۇدلارنى ھەمدە يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى ياسىدى؛ شۇڭا مەن بۇلارنى ئۇلار ئۈچۈن پاسكىنچىلىككە ئايلاندۇرىمەن».
مۇشۇ ئايەتتىكى «پاسكىنچىلىك» ئىككى بىسلىق سۆز بولۇپ، يەنە «يىراق قىلىنغان نەرسە»نىمۇ كۆرسىتىدۇ.
21 مەن ئۇنى ئولجا سۈپىتىدە يات ئادەملەرنىڭ قولىغا، غەنىمەت قىلىپ يەر يۈزىدىكى رەزىللەرگە تاپشۇرىمەن؛ ئۇلار بۇنى بۇلغايدۇ. «مەن ئۇنى ئولجا سۈپىتىدە يات ئادەملەرنىڭ قولىغا، غەنىمەت قىلىپ يەر يۈزىدىكى رەزىللەرگە تاپشۇرىمەن» ــ «ئۇنى» مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى كۆرسىتىدۇ.

20-ئايەتتىكى ئىزاھاتتا كۆرسىتىلگەن ئىككىنچى تەرجىمە بويىچە، «ئۇنى» ئىسرائىللارنىڭ زىبۇ-زىننەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
22 مەن يۈزۈمنى ئۇلاردىن ئۆرۈيمەن، ۋە كىشىلەر مېنىڭ ئەزىز جايىمنى بۇلغايدۇ؛ زوراۋانلار كىرىپ ئۇ يەرنى بۇلغايدۇ.
23 زەنجىرنى تەييارلاڭلار؛ چۈنكى زېمىن قانلىق جىنايەتلەرگە، شەھەر زوراۋانلىققا تولغان. 24 شۇڭا مەن ئەللەر ئىچىدىكى ئەڭ رەزىلىنى كەلتۈرىمەن، ئۇلار ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئىگە بولىدۇ؛ مەن زومىگەرلەرنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنى يوقىتىمەن؛ ئۇلارنىڭ «مۇقەددەس جايلىرى» بۇلغىنىدۇ. «ئۇلارنىڭ «مۇقەددەس جايلىرى» بۇلغىنىدۇ» ــ مۇشۇ يەردە «مۇقەددەس جايلىرى» بەلكىم ھەجۋىي، كىنايىلىك گەپ بولۇپ، ئىسرائىللارنىڭ بۇتلارغا بېغىشلىغان جايلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 25 ۋەھشەت كېلىۋاتىدۇ! ئۇلار تىنچ-ئامانلىقنى ئىزدەيدىغان بولىدۇ، بىراق ھېچ تاپالمايدۇ. 26 ئاپەت ئۈستىگە ئاپەت، شۇم خەۋەر ئۈستىگە شۇم خەۋەر كېلىدۇ؛ ئۇلار پەيغەمبەردىن بېشارەت سورايدۇ، بىراق كاھىنلاردىن تەۋراتنىڭ بىلىمى، ئاقساقاللاردىن، مويسىپىتلەردىن نەسىھەت يوقاپ كېتىدۇ. «بىراق كاھىنلاردىن تەۋراتنىڭ بىلىمى... يوقاپ كېتىدۇ» ــ «تەۋرات»نىڭ ئەسلىي مەنىسى «يوليورۇق»، «تەربىيە». 27 پادىشاھ ماتەم تۇتىدۇ، شاھزادە ئۈمىدسىزلىككە چۆمۈلىدۇ، زېمىندىكى خەلقلەرنىڭ قوللىرى تىترەپ كېتىدۇ؛ مەن ئۇلارنى ئۆز يوللىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىمەن، ئۆز ھۆكۈملىرى بويىچە ئۇلارغا ھۆكۈم چىقىرىپ جازالايمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ.
 
 

7:2 «خاتىمە! زېمىننىڭ تۆت بۇلۇڭىغا خاتىمە بېرىلىدۇ!» ــ ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر (يوئېل، ئاموس، يەشايا، ھوشىيا، مىكاھ قاتارلىقلار) خۇدانىڭ مۇشۇ جازاسى توغرۇلۇق بېشارەت بەرگەن. ئەزاكىيال پەيغەمبەر مۇشۇ يەردە، ۋاقتى-سائىتى ھازىر بولىدۇ، دەيدۇ.

7:4 ئ‍ەز. 5‏:11؛ 8‏:18

7:7 «ئاشۇ كۈن يېقىنلاشتى...» ــ مۇشۇ «كۈن» «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى» يەنى «قىيامەت كۈنى»نى كۆرسىتىدۇ. ئەزاكىيال پەيغەمبەرنىڭ بۇ بېشارىتىنىڭ ئىككى قېتىملىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى بار: ــ (1) بابىل ئىمپېرىيەسى ئىسرائىل زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلىپ يەھۇدىيلارنى پۈتۈنلەي سۈرگۈن قىلىدۇ؛ (2) كەلگۈسىدە، پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىدە؛ شۇ كۈنى دەججالنىڭ قوشۇنلىرى ئىسرائىل زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلىدۇ. بۇ ئىككى ۋەقەنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشايدىغان كۆپ يەرلىرى بولىدۇ.

7:10 «تاياق بىخلاندى، ھاكاۋۇرلۇق چېچەكلىدى!» ــ مۇشۇ «تاياق» ئۇلارنىڭ زوراۋانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ــ كېيىنكى 10-ئايەتنى كۆرۈڭ. ئۇنىڭ «بىخلانغانلىقى» بەلكىم ئۇنى جازالايدىغان ۋاقىت-سائەت توشقان، دېمەكچى.

7:11 «زوراۋانلىق يېتىلىپ رەزىللىك تايىقى بولۇپ چىقتى» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «زوراۋانلىق يېتىلىپ، رەزىللىكنى جازالايدىغان تاياق بولۇپ چىقتى» ــ بىراق بىزنىڭچە بۇ «تاياق» 10-ئايەتتىكى تاياققا ئوخشاش بولۇشى كېرەك.

7:12 «ئالغۇچى خۇشال بولۇپ كەتمىسۇن، ساتقۇچى ماتەم تۇتمىسۇن؛ چۈنكى قاتتىق غەزەپ مۇشۇ بىر توپ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ» ــ بالايىئاپەت چۈشكەن كۈنلەردە كۆپ نەرسىلەرنىڭ باھاسى دەرھال چۈشىدۇ. شۇ چاغدا ئالغۇچى كىشى بەلكىم: «ناھايىتى ئەرزانغا ئالدىم» دەپ خۇشاللىنىدۇ، ساتقۇچى كىشى بەلكىم «بەك ئەرزان سېتىپتىمەن» دەپ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ.

7:13 «چۈنكى گەرچە ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى تىرىك قالسىمۇ، ساتقۇچى ئۆزى سېتىۋەتكىنىگە قايتىدىن ئىگە بولمايدۇ» ــ ئەگەر ساتقان نەرسە يەر بولسا، مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن مىراسلىق توغرىسىدىكى قانۇن بويىچە، ساتقۇچى ئۇنى (مۇۋاپىق باھاسىدا) قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش ھوقۇقى بار. ئەمدى ساتقان نەرسە يەر بولسۇن بولمىسۇن، ئۇنى قايتۇرۇۋېلىش ۋاقتى بولمايدۇ، چۈنكى ھەممە ئادەم سۈرگۈن بولۇپ ئېپكېتىلىدۇ. «ئۇلاردىن ھېچقايسىسى قەبىھلىكى بىلەن ئۆز ھاياتىنى ساقلىيالمايدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ئۇلارنىڭ قەبىھلىكى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۆز ھاياتىنى ساقلىيالمايدۇ».

7:17 «ھەربىرىنىڭ قولى دەرمانسىزلىنىدۇ، تىزلىرى سۈيدۈك بىلەن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كېتىدۇ» ــ دېمەك، قورقۇنچتىن شۇنداق بولىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ھەربىرىنىڭ تىزلىرى سۇدەك ئاجىز بولۇپ كېتىدۇ».

7:17 يەش. 13‏:7؛ يەر. 6‏:24

7:18 «بۆز كىيىمى» ــ ماتەم تۇتۇش ياكى قاتتىق توۋا قىلىشنى بىلدۈرەتتى. «باشلىرى تاقىر كۆرۈنىدۇ» ــ ماتەم تۇتقاندا، قاتتىق پۇشايمان قىلغاندا ئەر كىشىلەر چاچلىرىنى چۈشۈرۈۋېتەتتى.

7:18 يەش. 15‏:2، 3؛ يەر. 48‏:37

7:19 «ئۇلارنىڭ ئالتۇنلىرى بۇلغانغان نەرسىدەك بولىدۇ» ــ «بۇلغانغان بەرسە» (ياكى «نىجىس نەرسە») مۇشۇ يەردە ئىككى بىسلىق سۆز بولۇپ، يەنە «يىراق قىلىنغان نەرسە»نىمۇ بىلدۈرىدۇ. «بۇ نەرسىلەر ئۇلارغا ئادەملەرنى پۇتلاشتۇرىدىغان قەبىھلىك بولدى» ــ «بۇ نەرسىلەر» بەلكىم ئۇلارنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش بولغان بايلىقلىرى ۋە شۇنداقلا ئۇلار ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسىغان بۇتلار بولسا كېرەك.

7:19 پەند. 11‏:4؛ زەف. 1‏:18

7:20 «ئۇ ئۇنىڭ گۈزەل بېزەكىنى ھەيۋە بىلەن تىكلىدى» ــ «ئۇ» ــ خۇدانى كۆرسىتىدۇ. «ئۇنىڭ گۈزەل بېزەكى» ــ مۇشۇ سۆز بىزنىڭچە مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا قارىتىلغان (بۇ ئىبادەتخانىنى سۇلايمان پادىشاھ قۇرغان، ئەسلى ئىنتايىن گۈزەل ۋە ھەيۋەتلىك ئىدى). ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلار ئۆزى گۈزەل بۇيۇملىرىدىن پەخىرلەنگەن، بىراق ئۇلار بۇلاردىن يىرگىنچلىك مەبۇدلارنى ھەمدە يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى ياسىدى؛ شۇڭا مەن بۇلارنى ئۇلار ئۈچۈن پاسكىنچىلىككە ئايلاندۇرىمەن». مۇشۇ ئايەتتىكى «پاسكىنچىلىك» ئىككى بىسلىق سۆز بولۇپ، يەنە «يىراق قىلىنغان نەرسە»نىمۇ كۆرسىتىدۇ.

7:21 «مەن ئۇنى ئولجا سۈپىتىدە يات ئادەملەرنىڭ قولىغا، غەنىمەت قىلىپ يەر يۈزىدىكى رەزىللەرگە تاپشۇرىمەن» ــ «ئۇنى» مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى كۆرسىتىدۇ. 20-ئايەتتىكى ئىزاھاتتا كۆرسىتىلگەن ئىككىنچى تەرجىمە بويىچە، «ئۇنى» ئىسرائىللارنىڭ زىبۇ-زىننەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

7:24 «ئۇلارنىڭ «مۇقەددەس جايلىرى» بۇلغىنىدۇ» ــ مۇشۇ يەردە «مۇقەددەس جايلىرى» بەلكىم ھەجۋىي، كىنايىلىك گەپ بولۇپ، ئىسرائىللارنىڭ بۇتلارغا بېغىشلىغان جايلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

7:26 «بىراق كاھىنلاردىن تەۋراتنىڭ بىلىمى... يوقاپ كېتىدۇ» ــ «تەۋرات»نىڭ ئەسلىي مەنىسى «يوليورۇق»، «تەربىيە».