□8:1 «ئىسرائىلنىڭ ئاقساقاللىرىمۇ مېنىڭ ئالدىمدا ئولتۇغىنىدا...» ــ ئاقساقاللار بەلكىم پەيغەمبەردىن نەسىھەت سورىغىلى كەلدى. پەيغەمبەر خۇدادىن جاۋاب كۈتكەندە ۋەھىي ئۇنىڭغا بېرىلىدۇ.
□8:3 «روھ مېنى ئاسمان بىلەن زېمىن ئوتتۇرىسىغا كۆتۈرۈپ، ... ئىبادەتخانىنىڭ شىمالغا قارايدىغان ئىچكى دەرۋازىسىنىڭ بوسۇغىسىغا ئاپاردى» ــ «روھ» مۇشۇ يەردە خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى. ««پاك-مۇقەددەسلىككە قارشىلاشقان مەبۇد»، يەنى خۇدانىڭ پاك-مۇقەددەس غەزىپىنى قوزغايدىغان مەبۇد» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھەسەتكە تەۋە مەبۇد، يەنى (خۇدانىڭ) ھەسىتىنى قوزغايدىغان مەبۇد».
■8:3 دان. 5:5
■8:4 ئەز. 3:23
□8:12 «ئىسرائىل جەمەتىدىكى ئاقساقاللارنىڭ قاراڭغۇلۇقتا، يەنى ھەربىرىنىڭ ئۆز مەبۇد نەقىش قىلىنغان ھۇجرىسىدا نېمە قىلغانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟» ــ مۇشۇ ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ئۆز ئۆيىدە («ھەربىرىنىڭ ئۆز ... ھۇجرىسىدا») نېمە قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بۇ كۆرۈنۈشنى ئاساسەن «سىمۋول» دەپ قارايمىز؛ شۇنداقتىمۇ بۇنىڭ بىلەن تەڭ، ئىبادەتخانىدىكى ھەقىقىي ئەھۋالنىمۇ كۆرسىتىدۇ.
■8:12 ئەز. 9:9
□8:14 «تاممۇز ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ يىغلاۋاتقان ئاياللار» ــ «تاممۇز» ــ يەنى «ئۆسۈملۈكلەرنىڭ پادىشاھى» دېيىلگەن بىر بۇد. رىۋايەتلەر بويىچە ئۇ ئۆلۈپ، تەھتىساراغا چۈشۈپ تەھتىسارانىڭ پادىشاھى بولدى. ئۇنىڭ «ئۆلۈمى» تۈپەيلىدىن ھەر يىلى ئۇنىڭغا چوقۇنغان ئاياللار «ماتەم تۇتۇش»ى كېرەك ئىدى.
□8:16 «...پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئارقىسىنى قىلىپ شەرققە قاراپ قۇياشقا چوقۇنىۋاتاتتى» ــ بۇ بابتا ئېيتىلغان بەش ھەرىكەت ئىچىدە بۇ ھەرىكەت ئەڭ يىرگىنچلىك بولدى. چۈنكى: (1) ئۇنىڭ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئارقىنى قىلىشى مۇتلەق كۇپۇرلۇق بىر ئىش؛ (2) ئۇ ئىبادەتخانىغا كىرگەن كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئوچۇق-ئاشكارە كۇپۇرلۇق قىلدى؛ (3) ئۇ كۇپۇرلۇق دەل خۇدادىن رەھىم-شەپقەت سورايدىغان جايدا بولدى («يوئېل» 17:2نى كۆرۈڭ).
□8:17 «ئۇلارنىڭ يەنە شاخنى بۇرنىغا تۇتىۋاتقىنىغا قارا!» ــ «شاخنى بۇرنىغا تۇتۇش» دېگەن ھەرىكەت توغرىسىدا ئۈچ پىكىر بار: ــ (1) قەدىمكى زامانلاردا بەزى بۇتپەرەس مىللەتلەر ئۆز بۇتلىرىغا چوقۇنغاندا چېچەكلىگەن بىر شاخنى بۇرنىغا تۇتاتتى. شۇڭا بۇ ھەرىكەت بۇتپەرەسلىكنى كۆرسىتىدۇ؛ (2) يەھۇدىيلار خۇداغا ئىبادەت قىلغاندا ئوخشاش ھەرىكەت قىلىپ خۇداغا ھۆرمەت بىلدۈرىشەتتى؛ ئۇنداق بولغاندا، خۇدا شۇنداق ساختىپەزلىك ھەم بۇتپەرەسلىك بىلەن باغلانغان ئىبادەت ئىپادىلىرىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايتتى؛ (3) ئۇنداق ھەرىكەت پەقەتلا پەرۋەردىگارغا بولغان ئىنتايىن ھۆرمەتسىزلىكنى، يەنى كۇپۇرلۇقنى بىلدۈرەتتى. بىزنىڭچە، بەلكىم 2-پىكىر توغرىدۇر.
■8:18 پەند. 1:28؛ يەش. 1:15؛ يەر. 11:11؛ ئەز. 5:11؛ 7:4