■34:4 ۋەھ. 6:13، 14
□34:5 «... شەمشىرىم ئاسمانلاردا قان بىلەن سۇغۇرۇلدى؛ قاراڭلار، شەمشىرىم مېنىڭ ھالاكەت لەنىتىمگە ئۇچرىغان خەلققە، يەنى ئېدوم ئۈستىگە جازالاش ئۈچۈن چۈشىدۇ؛» ــ بۇ ئايەتكە قارىغاندا، خۇدانىڭ ئاخىرقى زاماندىكى جازالاشلىرى ئاسماندا باشلىنىپ، كېيىن يەر يۈزىگە چۈشىدۇ. 1-8-ئايەتلەرگە قارىغاندا، شۇ چاغدا نۇرغۇن ئەل-يۇرتلار ئېدومدا يىغىلىپ ئىسرائىلغا ھۇجۇم قىلماقچى بولىدۇ؛ بىراق خۇدا ئۇلارنى يوقىتىدۇ. ئېدوم دېگەن يۇرتنىڭ ئۆزى ئىسرائىلغا كۆپ يىل قىلغان رەھىمسىز زىيانكەشلىكى تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ.
□34:6 «ئۇ (پەرۋەردىگارنىڭ شەمشىرى) ياغلىق نەرسىلەرنىڭ يېغى بىلەن، ئۆچكە-قوزىلارنىڭ قېنى بىلەن، قوچقار بۆرىكىنىڭ يېغى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلغان» ــ مۇشۇلار (ئۆچكە-قوزىلارنىڭ قېنى... بۆرەك يېغى قاتارلىقلار)نىڭ ھەممىسى قۇربانلىقلارنىڭ مۇھىم بۆلەكلىرى بولىدۇ. «پەرۋەردىگارنىڭ بوزراھ شەھىرىدە بىر قۇربانلىقى... بار» ــ بوزراھ شەھىرى ئېدومنىڭ پايتەختى (ھازىر «پېترا» دېيىلىدۇ). خەرىتىلەرنى كۆرۈڭ.
■34:6 يەش. 63:1، 2
□34:7 «كۈچلۈك بۇقىلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا «كۈچلۈكلەر» دېيىلىدۇ. «ياۋايى كالىلار»، «تورپاقلار»، «كۈچلۈك بۇقىلار» مۇشۇ يەردە «كۈچلۈك، ھوقۇقلۇق بەگلەر»نىمۇ كۆرسەتسە كېرەك.
□34:8 «زئىئون دەۋاسى» ــ مۇشۇ «دەۋا»نىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخى بار. كۆپ كىشىلەر «نېمىشقا خۇدا ئىسرائىلغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىدۇ؟» دەپ قاقشاپ، يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ كەلگەن. يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزلىرى خۇداغا كۆپ قېتىم ئاسىيلىق قىلغىنى بىلەن قانداقلا بولمىسۇن، خۇدانىڭ ئىبراھىمغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئاساسەن ئۇ ئۇلارنى «ئۆز خەلقىم» دەپ قارايدۇ. بۇ خۇدانىڭ تاللىشىدۇر؛ باشقىلار ئۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل توغرۇلۇق دەۋالاشماقچى بولسا ئۆزى يامان ئاقىۋەتنى كۆرىدۇ. گىتلېر گەۋدىلىك بىر مىسالىدۇر.
■34:10 ۋەھ. 14:11؛ 19:3
□34:11 «چۆل ھۇۋقۇشى ... چىرقىرىغۇچى ھۇۋقۇشلار ...چوڭ ھۇۋقۇش... » ــ مۇشۇ ئايەتتىكى قۇش-ھايۋانلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى توپ-توغرا دېيىش تەس.
■34:11 يەش. 13:21،22؛ زەف. 2:14؛ ۋەھ. 18:2
□34:12 «بىرسى كېلىپ ئېدومنىڭ ئېسىلزادىلىرىنى پادىشاھلىقىنى ئىدارە قىلىشقا چاقىرسا، ئۇلاردىن ھېچكىم بولمايدۇ...» ــ بۇنىڭ باشقا تەرجىمىلىرى بار، بىراق ئاساسىي مەنىسى: ــ «ئېدومدىكى پادىشاھلىقنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئادەم يوق»تۇر. ئېدومدا ھېچكىم، ھەتتا ئەڭ يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرمۇ قالمايدۇ.
□34:14 «تۈن مەخلۇقلىرى شۇ يەردە ماكانلىشىدۇ» ــ ياكى: «تۈن (كېچە) ئالۋاستىسى شۇ يەردە ماكانلىشىدۇ».
□34:15 «ئوق يىلان» ــ بۇنىڭمۇ قايسى ھايۋان ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس.
□34:16 «پەرۋەردىگارنىڭ يۆگىمە كىتابى» ــ يۇقىرىدا يەشايا خۇدانىڭ پەرمانى بىلەن ئۆزى يازغان ماتېرىياللارنى يىغىپ تەۋرات-قانۇنلىرى بىلەن ساقلىتىپ قويغان (8-بابنى كۆرۈڭ). كېيىن ئۇ يەنە «يۆگىمە كىتاب»نى تىلغا ئالدى (29-بابنى كۆرۈڭ). «پەرۋەردىگارنىڭ يۆگىمە كىتابى» بەلكىم يەشايانىڭ ئۆزى يازغان ماتېرىياللىرى ۋە مۇسا، يەشۇئا، سامۇئىل، داۋۇت قاتارلىق پەيغەمبەرلەر خاتىرىلىۋالغان بارلىق ماتېرىياللارنى كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ ماتېرىياللار «مۇقەددەس كىتاب»نىڭ باشلىنىشلىرى بولۇشى كېرەك؛ «پەرۋەردىگارنىڭ كىتابى»دا ھېچنەرسە كەم ئەمەس، بىزگە كېرەك بولغان ھەممە تەپسىلاتلار بار، ئۇنىڭدا ھەتتا قۇش-ھايۋانلارنىڭ خەۋىرىمۇ بار، دېگەنلىكتۇر. خۇدانىڭ قۇش-ھايۋانلارغا تەپسىلىي ھالدا مىراس قىلغان تەقسىماتى خاتىرىلەنگەن يەردە، ئۆزىنىڭ مۆمىن بەندىلىرى ئۈچۈن بېغىشلىماقچى بولغان مىراسلار مۇقەددەس كىتابتا تېخىمۇ ئېنىق خاتىرىلەكلىك بولمامدۇ؟ «مۇقەددەس كىتاب»تىن ئىزدەپ ئوقۇپ بېقىڭ»! «ئۆزىنىڭ ئاغزى ئۇلارغا بۇيرۇغان» ــ خۇدانىڭ ئاغزى بۇيرۇغان، ئەلۋەتتە.