مۇشۇ «چىقىپ-قۇتقۇزۇش» بولسا «مىسىردىن چىقىش»تىن نەچچە ھەسسە ئۇلۇغ، نەچچە ھەسسە شەرەپلىك بولىدۇ. كېيىن كۆرىمىزكى، خۇدا قۇتقۇزغان خەلق پەقەت مىسىردىن ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيادىن چىقىپ قۇتقۇزۇلىدۇ. ئۇلار قورقۇنچلۇق دەشت-باياۋاندىن ئۆتۈشىنىڭ ئورنىدا، ئۆزلىرىنى قارشى ئالىدىغان، چىمەنباغقا ئايلاندۇرۇلغان زېمىندىن ئۆتىدۇ؛ يول ھەممە ئادەم ئۈچۈن تۈز، ئوڭۇشلۇق، راۋان ھەم خەتەرسىز بولىدۇ. ■ ۋەھ. 21:4
□35:1 «دالا ... ئۇلار ئۈچۈن خۇشال بولىدۇ» ــ يەشايا دەسلەپتە «ئۇلار»نىڭ كىم ئىكەنلىكىنى دېمەيدۇ. بىلىش ئۈچۈن بېشارەتنى ئاخىرىغىچە (9-ئايەتكىچە) ئوقۇش كېرەك! (بۇ سۆزلەر «رىم.» 19:8-22 بىلەن مۇناسىۋەتلىك).
□35:2 «لىۋاننىڭ شان-شەرىپى، كارمەل ۋە شاروندىكى گۈزەللىك ۋە سۈر...» ــ لىۋان، كارمەل ۋە شارونلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى يۇقىرىدا، 33-باب، 9-ئايەتتىكى ئىزاھاتتا تەسۋىرلىنىدۇ. «ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنى... كۆرىدۇ» ــ «ئۇلار» ــ 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتقا قاراڭ.
■35:3 ئىبر. 12:12
■35:5 مات. 9:27؛ 11:5؛ 12:22؛ 20:30؛ 21:14؛ يـۇھ. 9:6
■35:6 مات. 9:32؛ 11:5؛ 15:30؛ 21:14؛ يـۇھ. 5:8، 9؛ 7:38، 39؛ روس. 3:2؛ 8:7؛ 14:8
□35:8 «شۇ يەردە ئېگىز كۆتۈرۈلگەن بىر يول، تۈپتۈز بىر يول بولىدۇ» ــ يولنىڭ نەگە بارىدىغانلىقىنى دېمەيدۇ؛ بىلىش ئۈچۈن 10-ئايەتكىچە ئوقۇش كېرەك.
□35:9 «نىجات ئارقىلىق ھۆرلۈككە چىققانلار» ــ بولسا ئىبرانىي تىلىدا بىرلا سۆز («گائال») بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مۇشۇ سۆزنى تولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن 14:41-ئايەتنىڭ ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.
□35:10 «پەرۋەردىگارنىڭ بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزغانلىرى قايتىپ كېلىدۇ... قايغۇ-ھەسرەت ھەم ئۇھ-نادامەتلەر بەدەر قاچىدۇ» ــ بېشارەتتىكى ۋەقەلەر ئىسرائىلنىڭ مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق قۇتقۇزۇلغانلىقىغا ئوخشايدۇ؛ شۇنداقلا بۇ ئىشلارنى يېڭى بىر «مىسىردىن چىقىش» دېگىلى بولىدۇ. ئوقۇرمەنلەرگە تەۋراتتىكى «مىسىردىن چىقىش» دېگەن قىسىمنى ئوقۇسا، شۇ چاغدىكى ۋەقەلەرنى مۇشۇلار بىلەن تەپسىلىي ھالدا سېلىشتۇرۇش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولىدۇ. مۇشۇ «چىقىپ-قۇتقۇزۇش» بولسا «مىسىردىن چىقىش»تىن نەچچە ھەسسە ئۇلۇغ، نەچچە ھەسسە شەرەپلىك بولىدۇ. كېيىن كۆرىمىزكى، خۇدا قۇتقۇزغان خەلق پەقەت مىسىردىن ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيادىن چىقىپ قۇتقۇزۇلىدۇ. ئۇلار قورقۇنچلۇق دەشت-باياۋاندىن ئۆتۈشىنىڭ ئورنىدا، ئۆزلىرىنى قارشى ئالىدىغان، چىمەنباغقا ئايلاندۇرۇلغان زېمىندىن ئۆتىدۇ؛ يول ھەممە ئادەم ئۈچۈن تۈز، ئوڭۇشلۇق، راۋان ھەم خەتەرسىز بولىدۇ.
■35:10 ۋەھ. 21:4