63
«كۆزەتچىلەر» بىر ئادەمنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ
«بوزراھ شەھىرىدىن چىققان، ئۈستىبېشى قېنىق قىزىل رەڭلىك،
كىيىم-كېچەكلىرى قالتىس-كارامەت،
زور كۈچ بىلەن قول سېلىپ مېڭىۋاتقان،
ئېدومدىن مۇشۇ يەرگە كېلىۋاتقۇچى كىم؟»
«ھەققانىيلىق بىلەن سۆزلىگۈچى مەن،
قۇتقۇزۇشقا كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە بولغۇچىدۇرمەن». «ھەققانىيلىق بىلەن سۆزلىگۈچى مەن، قۇتقۇزۇشقا كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە بولغۇچىدۇرمەن» ــ ئايەتنىڭ ئالدىنقى قىسمىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگۈچى شۈبھىسىزكى، 10:61-11-ئايەتتە «قالتىس-كارامەت» كىيىم-كېچەك كىيىۋالغان»، ئۆزى (62-بابتا) كۆزەتچىلەرنى بېكىتكەن مەسىھدۇر. بىراق ئۇنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى باشقىچە كۆرۈنگەچكە، ئۇ يىراقتىن كېلىۋاتقان چاغدا، ئۇلار ئۇنى تونىيالمىغان.
«بوزراھ» شەھىرى توغرۇلۇق يەنە -34بابنى ۋە ئىزاھاتلىرىنى كۆرۈڭ.
«ئۈستىبېشىڭدىكىسى نېمىشقا قىزىل،
قانداقسىگە كىيىم-كېچەكلىرىڭ شاراب كۆلچىكىنى چەيلىگۈچىنىڭكىگە ئوخشاپ قالدى؟». «ئۈستىبېشىڭدىكىسى نېمىشقا قىزىل، قانداقسىگە كىيىم-كېچەكلىرىڭ شاراب كۆلچىكىنى چەيلىگۈچىنىڭكىگە ئوخشاپ قالدى؟» ــ مەسىھ كىيىۋالغان كىيىم ئەسلىدە «نىجاتنىڭ، ھەققانىيلىقنىڭ» كىيىمى (بەلكىم ئاپئاق) بولغاندىن كېيىن، «نېمىشقا قىزىل بولۇپ قالغان» ــ دەپ سورايدۇ.   ۋەھ. 19‏:13
«مەن يالغۇز شاراب كۆلچىكىنى چەيلىدىم؛
بار ئەل-يۇرتلاردىن ھېچكىم مەن بىلەن بىللە بولغىنى يوق؛
مەن ئۇلارنى غەزىپىمدە چەيلىدىم،
قەھرىمدە ئۇلارنى دەسسىۋەتتىم؛
ئۇلارنىڭ قانلىرى كىيىم-كېچەكلىرىم ئۈستىگە چاچرىدى؛
مېنىڭ پۈتۈن ئۈستىبېشىم بويالدى؛ «مەن ئۇلارنى غەزىپىمدە چەيلىدىم» ــ «ئۇلار» (نىجاتنى رەت قىلغان) يات ئەللەرنى كۆرسىتىدۇ (6-ئايەتنى كۆرۈڭ).
چۈنكى قەلبىمگە قىساس كۈنى پۈكۈلگەنىدى،
شۇنداقلا مەن ھەمجەمەتلىرىمنى قۇتقۇزىدىغان يىل كەلدى؛ «مەن ھەمجەمەتلىرىمنى قۇتقۇزىدىغان يىلى» ــ دېمەك، خۇدانىڭ نىجاتىنى قوبۇل قىلغان بەندىلىرى مۇشۇ دۇنيادىكى بارلىق بوزەك قىلىشلاردىن، بارلىق زىيانكەشلەردىن ئازاد قىلىنىپ ئەركىن بولۇش ۋاقتىدۇر. رەزىللەرنىڭ جازالىنىشى بىلەن ئۇلار ئەركىن بولىدۇ.   يەش. 61‏:2
مەن قارىسام، ياردەم قىلغۇدەك ھېچكىم يوق ئىدى؛
ھېچكىمنىڭ قوللىمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئازابلىنىپ كۆڭلۈم پاراكەندە بولدى؛
شۇڭا ئۆز بىلىكىم ئۆزۈمگە نىجات كەلتۈردى؛
ئۆز قەھرىم بولسا، مېنى قوللاپ ماڭا چىدام بەردى؛ «ئۆز قەھرىم بولسا، مېنى قوللاپ ماڭا چىدام بەردى» ــ مۇشۇ سۆزلەرگە قارىغاندا، ئىنسانلارنى جازالاش خۇدا ھەم ئۇنىڭ مەسىھى ئۈچۈن كۆڭلىگە ئىنتايىن ئېغىر كېلىدىغان تەس بىر ئىشتۇر.   يەش. 59‏:16
شۇنىڭ بىلەن ئەل-يۇرتلارنى غەزىپىمدە دەسسىۋەتكەنمەن،
قەھرىمدە ئۇلارنى مەست قىلىۋەتتىم،
قانلىرىنى يەرگە تۆكۈۋەتتىم». «قەھرىمدە ئۇلارنى مەست قىلىۋەتتىم» ــ بۇنداق «مەست قىلىش»نى چۈشىنىش ئۈچۈن، 51-باب، 17-، 21-22-ئايەتلەرنى يەنە كۆرۈڭ. خەلقلەرنى مەست قىلىدىغان شاراب «پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىكى قەھرىگە تولغان قەدەھ»تىكى «شاراب»تۇر.
 
«خۇدانى ئەسلەتكۈچى كۆزەتچى»لەردىن بىرى يەنە دۇئا قىلىدۇ
«مەن پەرۋەردىگارنىڭ شەپقەتلىرى توغرۇلۇق ئەسلىتىپ سۆزلەيمەن؛
پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيەگە لايىق قىلغانلىرى،
ئۇنىڭ رەھىمدىللىقلىرىغا ئاساسەن،
ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان شەپقەتلىرىگە ئاساسەن،
پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە قىلغان ئىلتىپاتلىرى،
ئىسرائىل جەمەتىگە ئىلتىپات قىلغان زور ياخشىلىقلىرى توغرۇلۇق ئەسلىتىپ سۆزلەيمەن؛
ئۇ ئۇلارنى: ــ «ئۇلار مېنىڭ خەلقىم،
ئالدامچىلىق قىلمايدىغان بالىلار» دەپ،
ئۇلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولدى. «ئۇ ئۇلارنى: ــ «ئۇلار مېنىڭ خەلقىم، ئالدامچىلىق قىلمايدىغان بالىلار» دەپ، ئۇلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولدى» ــ مۇشۇ ئايەتلەر خۇدا ئىسرائىلنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. شۇ چاغنى ئىسرائىلنىڭ «تۇغۇلۇشى»، يەنى «يېڭى بىر خەلق، يېڭى بىر مىللەت» بولۇشى دەپ ھېسابلىغىلى بولىدۇ.
ئۇلارنىڭ بارلىق دەردلىرىگە ئۇمۇ دەردداش ئىدى؛
«ئۇنىڭ يۈزىدىكى پەرىشتىسى» بولسا ئۇلارنى قۇتقۇزغان،
ئۇ ئۆز مۇھەببىتى ھەم رەھىمدىللىقى بىلەن ئۇلارنى ھەمجەمەتلىك قىلىپ قۇتقۇزغان؛
ئاشۇ قەدىمكى بارلىق كۈنلەردە ئۇلارنى ئۆزىگە ئارتىپ كۆتۈرگەن؛ «ئۇنىڭ (پەرۋەردىگارنىڭ) يۈزىدىكى پەرىشتىسى» ــ مۇشۇ زات دەل تەۋرات-زەبۇردا كۆپ يەرلەردە «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.   قان. 7‏:7، 8، 9
10 بىراق ئۇلار ئاسىيلىق قىلىپ ئۇنىڭ مۇقەددەس روھىغا ئازار بەردى؛
شۇڭا ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ ئۇ ئۇلارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ،
ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلدى. «بىراق ئۇلار ئاسىيلىق قىلىپ ئۇنىڭ مۇقەددەس روھىغا ئازار بەردى» ــ مۇشۇ سۆزگە قارىغاندا «خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى» چوقۇم خۇدانىڭ ئۆزىدىن (دېمەك، خۇدائاتىدىن) ئايرىم بىر شەخسدۇر.   چۆل. 14‏:11؛ زەب. 78‏:56-59؛ 95‏:9-11
11 بىراق ئۇ: ــ «مۇسا پەيغەمبىرىم! مېنىڭ خەلقىم!» دەپ ئەينى كۈنلەرنى ئەسلەپ توختىدى.
ئەمدى ئۆز پادىسى بولغانلارنى پادىچىلىرى بىلەن دېڭىزدىن چىقىرىۋالغۇچى قېنى؟
ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا تۇرغۇزۇپ قويغۇچى قېنى؟ «ئۆز پادىسى بولغانلار» ــ ئىسرائىل خەلقى. «ئۆز... پادىچىلىرى» ــ بولسا شۈبھىسىزكى، مۇسا پەيغەمبەر، ئاكىسى ھارۇن ھەم ئاچىسى مەريەم، شۇنداقلا بەلكىم يەشۇئا پەيغەمبەر ئىدى.
12 ئۇنىڭ گۈزەل شەرەپلىك بىلىكى مۇسانىڭ ئوڭ قولى ئارقىلىق ئۇلارنى يېتەكلىگۈچى بولدى،
ئۆزى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك بىر نامنى تىكلەپ،
ئۇلار ئالدىدا سۇلارنى بۆلۈۋەتكۈچى،
13 ئۇلارنى دالادا ئەركىن كېزىپ يۈرىدىغان ئاتتەك،
ھېچ پۇتلاشتۇرماي ئۇلارنى دېڭىزنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدىن ئۆتكۈزگۈچى قېنى؟ زەب. 105‏:37
14 ماللار جىلغىغا ئوتلاشقا چۈشكەندەك،
پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇلارغا ئارام بەردى؛
سەن ئۆزۈڭ گۈزەل-شەرەپلىك بىر نامغا ئېرىشىش ئۈچۈن،
سەن مۇشۇ يوللار بىلەن خەلقىڭنى يېتەكلىدىڭ.
15 ئاھ، ئاسمانلاردىن نەزىرىڭنى چۈشۈرگىن،
سېنىڭ پاك-مۇقەددەسلىكىڭ، گۈزەللىك-شەرىپىڭ تۇرغان ماكانىڭدىن ھالىمىزغا قاراپ باق!
قېنى ئوتلۇق مۇھەببىتىڭ ۋە كۈچ-قۇدرىتىڭ!؟
ئىچىڭنى ئاغرىتىشلىرىڭ، رەھىمدىللىقلىرىڭ قېنى؟
ئۇلار ماڭا كەلگەندە بېسىلىپ قالدىمۇ؟ قان. 26‏:15
16 چۈنكى گەرچە ئىبراھىم بىزنى تونۇمىسىمۇ،
ياكى ئىسرائىل گەرچە بىزنى ئېتىراپ قىلمىسىمۇ،
سەن ھامان بىزنىڭ ئاتىمىز؛
سەن پەرۋەردىگار بىزنىڭ ئاتىمىزدۇرسەن؛
ئەزەلدىن تارتىپ «ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىمىز» سېنىڭ نامىڭدۇر. «گەرچە ئىبراھىم بىزنى تونۇمىسىمۇ، ياكى ئىسرائىل گەرچە بىزنى ئېتىراپ قىلمىسىمۇ،...» ــ ئىبراھىم ھەم ئىسرائىل (ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى) خېلى بۇرۇنلا ئالەمدىن كەتكەنىدى، ئەلۋەتتە. مۇشۇ سۆزنىڭ مەنىسى، ناۋادا ئاتىمىز ئىبراھىم ياكى ئىسرائىل (يەنى ياقۇپ) مۇشۇ ئالەمدە تېخى تۇرغان بولسا، بىزنىڭ ناچار ئەھۋالىمىزنى، ئەخلاقسىزلىقىمىزنى، پەزىلەتسىزلىكىمىزنى كۆرۈپلا ئىنتايىن بىزار بولۇپ: «مۇشۇ خەلق بىزنىڭ ئەۋلادىمىز بولمىسا كېرەك» ــ دەپ بىزلەرنى ئېتىراپ قىلماسلىقى مۇمكىن، دېمەكچى.
17 ئى پەرۋەردىگار، نېمىشقا بىزنى يوللىرىڭدىن ئازدۇرغانسەن؟
نېمىشقا ئۆزۈڭدىن قورقۇشتىن ياندۇرۇپ كۆڭلىمىزنى تاش قىلغانسەن؟!
قۇللىرىڭ ئۈچۈن، ئۆز مىراسىڭ بولغان قەبىلىلەر ئۈچۈن،
يېنىمىزغا يېنىپ كەلگەيسەن!
18 مۇقەددەس خەلقىڭ پەقەت ئازغىنە ۋاقىتلا تەۋەلىكىگە ئىگە بولالىغان؛
دۈشمەنلىرىمىز مۇقەددەس جايىڭنى ئاياغ ئاستى قىلدى؛ «دۈشمەنلىرىمىز مۇقەددەس جايىڭنى ئاياغ ئاستى قىلدى» ــ يەشايانىڭ ئۆمرىدە خۇدانىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسى تېخى مەۋجۇت ئىدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر بۇ بېشارەتتە ئۆزىدىن كېيىنكى بىر دەۋرنى كۆزدە تۇتقان بولۇشى كېرەك. يېرۇسالېمدىكى شۇ ئىبادەتخانا مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 586-يىلى ۋەيران قىلىندى. بېشارەت مۇشۇ ۋەقەدىن كېيىنكى دەۋرنىڭ بولىدىغان ھېسسىياتلىرىنى، ئارزۇ-خىياللىرىنى ھەم دۇئالىرىنى كۆرسەتسە كېرەك.   زەب. 74‏:3-8
19 شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇزۇندىن بۇيان سەن ئىدارە قىلىپ باقمىغان،
سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتىلىپ باقمىغان بىر خەلقتەك بولۇپ قالدۇق!
 
 

63:1 «ھەققانىيلىق بىلەن سۆزلىگۈچى مەن، قۇتقۇزۇشقا كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە بولغۇچىدۇرمەن» ــ ئايەتنىڭ ئالدىنقى قىسمىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگۈچى شۈبھىسىزكى، 10:61-11-ئايەتتە «قالتىس-كارامەت» كىيىم-كېچەك كىيىۋالغان»، ئۆزى (62-بابتا) كۆزەتچىلەرنى بېكىتكەن مەسىھدۇر. بىراق ئۇنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى باشقىچە كۆرۈنگەچكە، ئۇ يىراقتىن كېلىۋاتقان چاغدا، ئۇلار ئۇنى تونىيالمىغان. «بوزراھ» شەھىرى توغرۇلۇق يەنە -34بابنى ۋە ئىزاھاتلىرىنى كۆرۈڭ.

63:2 «ئۈستىبېشىڭدىكىسى نېمىشقا قىزىل، قانداقسىگە كىيىم-كېچەكلىرىڭ شاراب كۆلچىكىنى چەيلىگۈچىنىڭكىگە ئوخشاپ قالدى؟» ــ مەسىھ كىيىۋالغان كىيىم ئەسلىدە «نىجاتنىڭ، ھەققانىيلىقنىڭ» كىيىمى (بەلكىم ئاپئاق) بولغاندىن كېيىن، «نېمىشقا قىزىل بولۇپ قالغان» ــ دەپ سورايدۇ.

63:2 ۋەھ. 19‏:13

63:3 «مەن ئۇلارنى غەزىپىمدە چەيلىدىم» ــ «ئۇلار» (نىجاتنى رەت قىلغان) يات ئەللەرنى كۆرسىتىدۇ (6-ئايەتنى كۆرۈڭ).

63:4 «مەن ھەمجەمەتلىرىمنى قۇتقۇزىدىغان يىلى» ــ دېمەك، خۇدانىڭ نىجاتىنى قوبۇل قىلغان بەندىلىرى مۇشۇ دۇنيادىكى بارلىق بوزەك قىلىشلاردىن، بارلىق زىيانكەشلەردىن ئازاد قىلىنىپ ئەركىن بولۇش ۋاقتىدۇر. رەزىللەرنىڭ جازالىنىشى بىلەن ئۇلار ئەركىن بولىدۇ.

63:4 يەش. 61‏:2

63:5 «ئۆز قەھرىم بولسا، مېنى قوللاپ ماڭا چىدام بەردى» ــ مۇشۇ سۆزلەرگە قارىغاندا، ئىنسانلارنى جازالاش خۇدا ھەم ئۇنىڭ مەسىھى ئۈچۈن كۆڭلىگە ئىنتايىن ئېغىر كېلىدىغان تەس بىر ئىشتۇر.

63:5 يەش. 59‏:16

63:6 «قەھرىمدە ئۇلارنى مەست قىلىۋەتتىم» ــ بۇنداق «مەست قىلىش»نى چۈشىنىش ئۈچۈن، 51-باب، 17-، 21-22-ئايەتلەرنى يەنە كۆرۈڭ. خەلقلەرنى مەست قىلىدىغان شاراب «پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىكى قەھرىگە تولغان قەدەھ»تىكى «شاراب»تۇر.

63:8 «ئۇ ئۇلارنى: ــ «ئۇلار مېنىڭ خەلقىم، ئالدامچىلىق قىلمايدىغان بالىلار» دەپ، ئۇلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولدى» ــ مۇشۇ ئايەتلەر خۇدا ئىسرائىلنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. شۇ چاغنى ئىسرائىلنىڭ «تۇغۇلۇشى»، يەنى «يېڭى بىر خەلق، يېڭى بىر مىللەت» بولۇشى دەپ ھېسابلىغىلى بولىدۇ.

63:9 «ئۇنىڭ (پەرۋەردىگارنىڭ) يۈزىدىكى پەرىشتىسى» ــ مۇشۇ زات دەل تەۋرات-زەبۇردا كۆپ يەرلەردە «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.

63:9 قان. 7‏:7، 8، 9

63:10 «بىراق ئۇلار ئاسىيلىق قىلىپ ئۇنىڭ مۇقەددەس روھىغا ئازار بەردى» ــ مۇشۇ سۆزگە قارىغاندا «خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى» چوقۇم خۇدانىڭ ئۆزىدىن (دېمەك، خۇدائاتىدىن) ئايرىم بىر شەخسدۇر.

63:10 چۆل. 14‏:11؛ زەب. 78‏:56-59؛ 95‏:9-11

63:11 «ئۆز پادىسى بولغانلار» ــ ئىسرائىل خەلقى. «ئۆز... پادىچىلىرى» ــ بولسا شۈبھىسىزكى، مۇسا پەيغەمبەر، ئاكىسى ھارۇن ھەم ئاچىسى مەريەم، شۇنداقلا بەلكىم يەشۇئا پەيغەمبەر ئىدى.

63:13 زەب. 105‏:37

63:15 قان. 26‏:15

63:16 «گەرچە ئىبراھىم بىزنى تونۇمىسىمۇ، ياكى ئىسرائىل گەرچە بىزنى ئېتىراپ قىلمىسىمۇ،...» ــ ئىبراھىم ھەم ئىسرائىل (ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى) خېلى بۇرۇنلا ئالەمدىن كەتكەنىدى، ئەلۋەتتە. مۇشۇ سۆزنىڭ مەنىسى، ناۋادا ئاتىمىز ئىبراھىم ياكى ئىسرائىل (يەنى ياقۇپ) مۇشۇ ئالەمدە تېخى تۇرغان بولسا، بىزنىڭ ناچار ئەھۋالىمىزنى، ئەخلاقسىزلىقىمىزنى، پەزىلەتسىزلىكىمىزنى كۆرۈپلا ئىنتايىن بىزار بولۇپ: «مۇشۇ خەلق بىزنىڭ ئەۋلادىمىز بولمىسا كېرەك» ــ دەپ بىزلەرنى ئېتىراپ قىلماسلىقى مۇمكىن، دېمەكچى.

63:18 «دۈشمەنلىرىمىز مۇقەددەس جايىڭنى ئاياغ ئاستى قىلدى» ــ يەشايانىڭ ئۆمرىدە خۇدانىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسى تېخى مەۋجۇت ئىدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر بۇ بېشارەتتە ئۆزىدىن كېيىنكى بىر دەۋرنى كۆزدە تۇتقان بولۇشى كېرەك. يېرۇسالېمدىكى شۇ ئىبادەتخانا مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 586-يىلى ۋەيران قىلىندى. بېشارەت مۇشۇ ۋەقەدىن كېيىنكى دەۋرنىڭ بولىدىغان ھېسسىياتلىرىنى، ئارزۇ-خىياللىرىنى ھەم دۇئالىرىنى كۆرسەتسە كېرەك.

63:18 زەب. 74‏:3-8