□64:1-2 «ئاھ، سەن ئاسمانلارنى يىرتىۋېتىپ، يەرگە چۈشكەن بولساڭئىدى! تاغلار بولسا يۈزۈڭ ئالدىدا ئېرىپ كېتەتتى!» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئاھ، سەن ئاسمانلارنى يىرتىۋېتىپ، يەرگە چۈشسەڭ ئىدىڭ! تاغلار بولسا يۈزۈڭ ئالدىدا ئېرىپ كېتەتتى!».
□64:3 «يۈزۈڭدىن تاغلار راستلا ئېرىپ كەتتى!» ــ ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، خۇدا ئۇلارغا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق مۇقەددەس قانۇن-پەرمانلىرىنى بەرگەن ۋاقتىدا، سىناي تاغلىرى شۇنداقلا ئېرىپ كەتتى. يەشايا پەيغەمبەر بەلكىم مۇشۇ ئىشلارنى كۆزدە تۇتىدۇ.
■64:4 زەب. 31:19،20؛ 1كور. 2:9
■64:6 زەب. 90:5-8
■64:9 زەب. 79:8
□64:11 «...پاك-مۇقەددەسلىك، گۈزەل-پارلاقلىق تۇرالغۇسى بولغان ئۆيىمىز بولسا ئوت بىلەن كۆيۈپ كۈل بولدى» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئۆيىمىز» مۇقەددەس ئىبادەتخانا، ئەلۋەتتە. «ئۆي» دېگەن سۆزنىڭ ئىشلىتىلىشى بولسا، خۇدانىڭ ئەسلى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (ئىبادەتخانىسىدا) تۇرغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. «قەدىر-قىممەتلىك نەرسىلىرىمىز»نىڭ ئەڭ ئېسىلى بولسا يەنىلا ئىبادەتخانىدىكى بۇيۇم-جابدۇقلار بولغانىدى. بابىللىقلارنىڭ يېرۇسالېمنى، جۈملىدىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلغانلىقى بەلكىم مۇشۇ بېشارەتتىن كېيىنكى 100 يىل ئەتراپىدا بولدى (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 586-يىلى). مۇشۇ ئايەتتە، پەيغەمبەر (15:63-19-ئايەتلەردىكى ئەھۋالغا ئوخشاش) ئۆزى ئاشۇ دەۋردە تۇرغاندەك سۆز قىلىدۇ؛ ئۇ ئاشۇ دەۋردىكىلەرگە ۋەكىل بولۇپ دۇئا قىلىدۇ.