«ئۆزىمىزنى ناپاك قىلىپ بۇلغىمايلى». ئۇلارنىڭ كۆزقارىشى: «يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئۆيىگە كىرسەك بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلار بەلكىم «ناپاك بىر نەرسە» (مەسىلەن بىر جەسەت ياكى ئۆلۈك نەرسە)گە تەگكەن بولۇشى مۇمكىن؛ بىز ئۇلارغا تەگسەك ئۇلاردىكى «ناپاكلىق» بىزگىمۇ يۇقتۇرۇلۇشى مۇمكىن» دېگەندەك ئىدى. دېمىسەكمۇ، ئۇلار كۆڭۈل بۆلگەن بۇ «تاھارەتلەر» تەۋراتتىكى مۇقەددەس قانۇندىكى «ناپاكلىق» توغرۇلۇق بەلگىلىمىلەردىن كۆپ ئېشىپ كەتكەنىدى. قىزىق يېرى شۇكى، ئۇلار «بۇلغىنىش»تىن قورقۇپ ئۆز «پاكلىقىنى» بۇلغىماسلىققا قىزغىنلىق بىلەن تىرىشقىنى بىلەن، يەنە خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنى ئۆلتۈرۈش ئالدىدا تۇراتتى. ■ مات. 27:1؛ مار. 15:1؛ لۇقا 22:66؛ 23:1.
□18:1 «ئەيسا بۇلارنى ئېيتقاندىن كېيىن، مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە تاشقىرىغا چىقىپ...» ــ مۇشۇ يەردىكى «تاشقىرىغا چىقىپ...» زىياپەت بولغان ئۆيدىن ياكى يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ ئۆزىدىن چىقىشنى بىلدۈرىدۇ. كىدرون ۋادىسى بولسا شەھەرنىڭ سىرتىدا (شەرق تەرەپتە) ئىدى.
■18:1 2سام. 15:23؛ مات. 26:36؛ مار. 14:32؛ لۇقا 22:39.
■18:3 مات. 26:47؛ مار. 14:43؛ لۇقا 22:47.
□18:6 «ئەيسا: «مانا مەن بولىمەن» دېۋىدى، ئۇلار ئارقىسىغا يېنىپ يەرگە يىقىلىشتى» ــ «يۇھاننا»دىكى باشقا بەزى يەرلەردىكى «مەن بولىمەن» دېگەن سۆز خۇدانىڭ «مەن ئەزەلدىن بار بولغۇچىدۇرمەن» دېگەن نامىنى بىلدۈرىدۇ. بىزنىڭچە مۇشۇ يەردە «مانا مەن بولىمەن» دېگەنمۇ شۇ مەنىنى بىلدۈرىدۇ؛ چۈنكى ئاڭلىغۇچىلار ئۇنى ئاڭلاپلا «ئارقىلىرىغا يېنىپ يەرگە يىقىلىشتى».
□18:9 «بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ... سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى» ــ ياكى «بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ... سۆزى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلاندى». بۇ سۆزلەر ئاساسەن ھەم 39:6 ھەم 12:17دە تېپىلىدۇ.
■18:9 يـۇھ. 6:39؛ 10:28؛ 17:12.
■18:10 مات. 26:51؛ مار. 14:47؛ لۇقا 22:50.
□18:11 «ئاتا ماڭا تاپشۇرغان قەدەھنى ئىچمەمدىم؟» ــ بۇ «قەدەھ» ئۆزى تارتىش كېرەك بولغان ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. «مات.» 39:26، «مار.» 36:14 ۋە لۇقا» 42:22نى كۆرۈڭ.
■18:11 مات. 20:22؛ 26:39.
■18:13 مات. 26:57؛ مار. 14:53؛ لۇقا 3:2؛ 22:54.
□18:14 ««پۈتۈن خەلقنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ ئورنىغا، بىرلا ئادەمنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ھالاك بولۇشى ياخشى» دەپ مەسلىھەت بەرگەن كىشى دەل شۇ قايافا ئىدى» ــ 49:11-50نى كۆرۈڭ.
■18:14 يـۇھ. 11:50.
□18:15 «يەنە بىر مۇخلىس...» ــ «يەنە بىر مۇخلىس» گرېك تىلىدا «ھېلىقى مۇخلىس». يۇھاننا بايانىدا پات-پات ئۆزىنى نامسىز كۆرسىتىپ «ھېلىقى مۇخلىس» دەيدۇ (16:18، 2:20، 3، 4 ۋە 8نى كۆرۈڭ). «ئۇ مۇخلىس باش كاھىنغا تونۇش بولغاچقا...» ــ ئالىملار نامسىز «ئۇ مۇخلىس»نى يۇھاننا دەپ بىلىدۇ. چۈنكى ئۇشبۇ باياندا بولغاندەك ئۇ دائىم دېگۈدەك پەقەت «ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلىرىم»نىلا ئاساس قىلىدۇ. 24:21نى كۆرۈڭ.
■18:15 مات. 26:58؛ مار. 14:54؛ لۇقا 22:54.
□18:17 «سەنمۇ بۇ ئادەمنىڭ مۇخلىسلىرىدىن ئەمەسمۇ؟» ــ «سەنمۇ» دېگەن سۆز بەلكىم بىرىنچى مۇخلىس ئۆزىنىڭ ئەيسانىڭ مۇخلىسى ئىكەنلىكىنى بۇ قىزغا ئېتىراپ قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
■18:18 مات. 26:69؛ مار. 14:67؛ لۇقا 22:55.
■18:20 يـۇھ. 7:26.
■18:22 يەر. 20:2؛ روس. 23:2.
□18:24 «بۇنىڭ بىلەن ئانناس ئۇنى باغلاقلىق پېتى باش كاھىن قايافاغا يوللىدى» ــ بۇ ئايەتكە قارىغاندا ئىككى باش كاھىن بار ئىدى. 22-ئايەتتە ئانناسمۇ «باش كاھىن» دېيىلىدۇ. مۇمكىنچىلىكى باركى، ئۇلار نۆۋەت بويىچە باش كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان. 21:19نىمۇ كۆرۈڭ.
■18:24 مات. 26:57؛ مار. 14:53؛ لۇقا 22:54.
□18:25 «يېنىدىكىلەر» ــ گرېك تىلىدا «ئۇلار».
■18:25 مات. 26:71؛ مار. 14:69؛ لۇقا 22:58.
■18:27 يـۇھ. 13:38.
□18:28 «...بولمىسا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ داستىخىنىدىن غىزالىنالمايتتى» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» بولسا «پېتىر نان ھېيتى»نىڭ بىرىنچى كۈنى (يەنى بىرخىل «شابات كۈنى» دەپ ھېسابلىناتتى)نى كۆرسىتىدۇ. 14:19دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. «ئۆزىمىزنى ناپاك قىلىپ بۇلغىمايلى». ئۇلارنىڭ كۆزقارىشى: «يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئۆيىگە كىرسەك بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلار بەلكىم «ناپاك بىر نەرسە» (مەسىلەن بىر جەسەت ياكى ئۆلۈك نەرسە)گە تەگكەن بولۇشى مۇمكىن؛ بىز ئۇلارغا تەگسەك ئۇلاردىكى «ناپاكلىق» بىزگىمۇ يۇقتۇرۇلۇشى مۇمكىن» دېگەندەك ئىدى. دېمىسەكمۇ، ئۇلار كۆڭۈل بۆلگەن بۇ «تاھارەتلەر» تەۋراتتىكى مۇقەددەس قانۇندىكى «ناپاكلىق» توغرۇلۇق بەلگىلىمىلەردىن كۆپ ئېشىپ كەتكەنىدى. قىزىق يېرى شۇكى، ئۇلار «بۇلغىنىش»تىن قورقۇپ ئۆز «پاكلىقىنى» بۇلغىماسلىققا قىزغىنلىق بىلەن تىرىشقىنى بىلەن، يەنە خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنى ئۆلتۈرۈش ئالدىدا تۇراتتى.
■18:28 مات. 27:1؛ مار. 15:1؛ لۇقا 22:66؛ 23:1.
□18:30 «بۇ ئادەم جىنايەتچى بولمىسا...» ــ ياكى «بۇ ئادەم رەزىل قىلغۇچى بولمىسا...».
□18:32 «بۇ ئىشلار ئەيسانىڭ ئۆزى قانداق ئۆلۈم بىلەن ئۆلۈدىغىنى توغرىسىدىكى ئالدىن ئېيتقان بېشارەتلىك سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن يۈز بەردى» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، مەسىھ بىرنەچچە قېتىم يەھۇدىي خەلقىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئېتىقادسىز يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدىغانلىقىنى ۋە شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ رىملىقلار ئىجاد قىلغان كرېستتە ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى (مەسىلەن، «مات.» 19:20، 2:26، «لۇقا» 32:18-33، «يۇھ.» 14:3، 32:12-33).
■18:32 مات. 20:19؛ يـۇھ. 12:32.
■18:33 مات. 27:11؛ مار. 15:2؛ لۇقا 23:3.
□18:35 «مەن بىر يەھۇدىيمۇ؟» ــ پىلاتۇسنىڭ بۇ سۆزى: «مەن يەھۇدىي ئەمەس، خەلقىڭ سەن توغرۇلۇق بىرنېمە دېمىگەن بولسا، مەنمۇ ھېچنېمە دېمەيمەنغۇ» دېگەن پۇرىقى بار سوئالدۇر.
□18:36 «مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنياغا تەۋە ئەمەستۇر» ــ ياكى «مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنيادىن ئەمەستۇر».
■18:36 يـۇھ. 6:15؛ 1تىم. 6:13.
□18:37 «شۇنداق، ئېيتقىنىڭدەك» ــ ئەيسانىڭ بۇ جاۋابنىڭ گرېك تىلىدا «شۇنداق، لېكىن ئەھۋال دەل سېنىڭ ئويلىغىنىڭدەك ئەمەس» دېگەن پۇرىقى چىقىدۇ.
■18:38 مات. 27:24؛ لۇقا 23:4.
□18:39 «...مەھبۇسلاردىن بىرنى قويۇپ بېرىش قائىدەم بار» ــ ياكى: «...مەھبۇسلاردىن بىرنى قويۇپ بېرىش بىر ئادىتىم بار».
■18:39 مات. 27:15؛ مار. 15:6؛ لۇقا 23:17.
■18:40 مات. 27:16؛ مار. 15:7؛ لۇقا 23:19؛ روس. 3:1.