□21:6 «مەن بۇ ئىشلار ئۈستىدە ئويلانساملا، ۋەھىمىگە چۆمىمەن، پۈتۈن ئەتلىرىمنى تىترەك باسىدۇ» ــ ئايۇپنىڭ بۇنداق قورقۇپ كېتىشى ئۇنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرى بىلەن چۈشەندۈرۈلىدۇ. ئايۇپ تاكى ئۆزىنى پالاكەت باسقانغا قەدەر خۇدانى ھەممىگە قادىر، پۈتۈنلەي ئادىل ھەم پۈتۈنلەي مېھرىبان دەپ ئىشىنىپ كەلگەنىدى. بىراق ئۇ ئەمدىلىكتە باشقا بىر قورقۇنچلۇق ئېھتىماللىققا يۈزلىنىشكە مەجبۇر بولۇۋاتاتتى. خۇدا راستتىنلا ئادالەتلىك، راستتىنلا ياخشىمۇ؟ جاھاندىكى بەزى ئەھۋاللار بۇنىڭغا تەتۈر گۇۋاھلىق بېرىۋاتقاندەك قىلاتتى. يامان ئادەملەر بېيىپ كىتىۋاتىدۇ، دۇرۇس ئادەملەر ئېزىلىۋاتىدۇ. خۇدا بۇ ئىشلارغا پىسەنت قىلمامدۇ؟ ئۇ ئەسلىدە تەسەۋۋۇر قىلمىغان بۇ ئېھتىماللىقلار ئۇنى ھازىر ئىنتايىن قورقىتىۋاتاتتى.
■21:7 زەب. 17:9-12؛ 73:12؛ يەر. 12:1؛ ھاب. 1:16
□21:8 «ئۇلارنىڭ ، يەنى يامانلارنىڭ نەسلى ئۆز ئالدىدا، پەرزەنتلىرى كۆز ئالدىدا مەزمۇت ئۆسىدۇ» ــ ئايۇپ زوفارنىڭ بايا قىلغان سۆزلىرىنى خۇلاسە قىلىپ، ئۇلارغا رەددىيە بېرىدۇ؛ يامانلار يوقالمايدۇ، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى «ئۆز بايلىقلىرىنى مىسكىنلەرگە قايتۇرىدۇ» ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئۆز ئالدىغا راۋاج تاپىدۇ.
□21:13 «ئۇلار كۈنلىرىنى ئاۋاتچىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ، ئاندىن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا تەھتىساراغا چۈشۈپ كېتىدۇ» ــ ئايۇپ بۇنداق يامانلار ئۆمۈرۋايەت ئازادىلىكتە ياشىغاندىن كېيىن ھېچ ئازابلانماي، ھېچ جازالانماي دۇنيادىن كېتىدۇ، دەۋاتىدۇ. «ئاندىن كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا تەھتىساراغا چۈشۈپ كېتىدۇ» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلار خاتىرجەملىكتە تەھتىساراغا چۈشىدۇ».
■21:14 ئايۇپ 22:17
■21:15 مىس. 5:2؛ مال. 3:14
□21:16 «قاراڭلار، ئۇلارنىڭ بەختى ئۆز قولىدا ئەمەسمۇ؟» ــ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «قاراڭلار، ئۇلارنىڭ ئاۋاتلىقى ئۆز قولى بىلەن كەلمەس» (ئاۋاتلىقى خۇدادىن كەلگەن، دېمەكچى).
■21:16 ئايۇپ 22:18
■21:17 ئايۇپ 20:29؛ زەب. 11:5-6
□21:20 «ھەممىگە قادىرنىڭ قەھرىنى تېتىسۇن!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھەممىگە قادىرنىڭ قەھرىنى ئىچسۇن!».
□21:22 «كاتتىلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئالىيلار». بەلكىم مۇشۇ يەردە پەرىشتىلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. «ئۇنىڭغا بىلىم ئۆگىتەلەيدىغان ئادەم بارمىدۇر؟!» ــ ئايۇپ ئۇلارنىڭ «يامانلار تېزلا جازالىنىدۇ» دېگەنلىرىنىڭ ناتوغرىلىقىنى ئىسپاتلىغانىدى. بىراق ئۇ ھازىر: «سىلەرنىڭ بۇ سۆزلىرىڭلاردا چىڭ تۇرىۋېلىشىڭلار «خۇدا بىزنىڭ پىكرىمىزنى ئاڭلاپ ئاندىن بۇ ئىشلارنى شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك» دېگەنلىككە باراۋەر» دېمەكچى.
■21:22 يەش. 40:13؛ رىم. 11:34؛ 1كور. 2:16
■21:26 ئايۇپ 17:14
□21:27 «سىلەرنىڭ نېمىنى ئويلاۋاتقانلىقىڭلارنى، مېنى قارىلاش نىيەتلىرىڭلارنى بىلىمەن» ــ دوستلىرىنىڭ سۆزلىرىنىڭ كۆپىنچىسى دارىتما گەپ؛ بىراق، خېلى روشەنكى، بۇ يەردە ئايۇپقا قارىتىپ ھۇجۇم قىلىنىدۇ.
□21:28 «سىلەر مەندىن: «ئېسىلزادىنىڭ ئۆيى نەگە كەتكەن؟» دەپ سوراۋاتىسىلەر» ــ ئۇلارنىڭ مۇشۇ «ئېسىلزادە» دېگىنى، شۈبھىسىزكى، ئايۇپنى كۆرسىتىدۇ. «سىلەر مەندىن: «.... رەزىللەرنىڭ تۇرغان چېدىرلىرى نەدىدۇر؟» دەپ سوراۋاتىسىلەر» ــ ئايۇپ مۇشۇ يەردە يەنە: سىلەرنىڭ بۇ سوئاللىرىڭلار مېنى دارىتىپ كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلىمەن، دەۋاتىدۇ.
□21:29 «سىلەر يولۇچىلاردىن شۇنى سورىمىدىڭلارمۇ؟» ــ زوفار: «ئىپلاسلارنىڭ خۇشاللىقى بىردەملىكتۇر»، شۇنداقلا بۇ ئىش «يەر يۈزىدە ئادەمئاتىمىز ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى» ھەممە ئادەمگە ئايان ــ دېگەن. بىراق ئايۇپ يىراق يۇرتلارغا بېرىپ كەلگەنلەرنىڭ بايانلىرى باشقىچە، دەيدۇ.
■21:30 پەند. 16:4
□21:34 «سىلەر نېمىشقا ماڭا قۇرۇق گەپ بىلەن تەسەللى بەرمەكچى؟ سىلەر يولۇچىلاردىن شۇنى سورىمىدىڭلارمۇ؟» ــ ئوقۇرمەنلەر بايقىسۇنكى، ئايۇپنىڭ ئۈچ دوستى ئاۋۋال سەل ئېغىر-بېسىقراق سۆز قىلىدۇ، ئاندىن گەپ قىلغانسېرى ئاچچىق ھەم تەلۋەلىك بىلەن سۆزلەيدۇ؛ ئايۇپ بولسا ئاۋۋال ئىنتايىن تەلۋىلەرچە ۋە جىددىيلىقتا سۆز قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سۆزلىرى بارغانسېرى تەمكىن بولىدۇ.