بۇ ئايەتتە دېيىلگەن «ئوفىردىكى ئالتۇن» ناھايىتى ئېسىل بىر خىل ئالتۇننى كۆرسىتىدۇ.
□22:3 «... يوللىرىڭ ئەيىبسىز بولغان تەقدىردىمۇ، سەن ئۇنىڭغا نېمە غەنىيمەتلەرنى ئېلىپ كېلەلەيسەن؟» ــ 1-باب، 8-ئايەتتە، خۇدانىڭ ئايۇپتىن ئالغان رازىلىقى، خۇرسەنلىكى ناھايىتى روشەن بايان قىلىنىدۇ. يەنە كېلىپ، تەۋراتنىڭ «يارىتىلىش» دېگەن قىسمىدا بىز خۇدانىڭ ئىنسانلارنىڭ گۇناھللىرى تۈپەيلىدىن بولغان ئىنتايىن ئازابلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەردار بولىمىز. شۇڭا ئېلىفازنىڭ 2-ئايەت ۋە 3-ئايەتتىكى بۇ سۆزلىرىنىڭ تولىمۇ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز لازىم.
■22:6 مىس. 22:26 ،27؛ قان. 24:6 ،10-13
□22:9 «سەن ... يېتىم-يېسىرلارنىڭ قولىنىمۇ يانجىتىۋەتكەنسەن» ــ شۇنى چوڭقۇر چۈشىنىشىمىز كېرەككى، ئېلىفازنىڭ بۇ شىكايەتلىرى پۈتۈنلەي ئاساسسىزدۇر.
□22:16 «ئۇلار ۋاقتى توشماي تۇرۇپلا ...، ئۇلارنىڭ ئۇللىرى كەلكۈن تەرىپىدىن ئېقىتىلىپ كېتىلگەن» ــ بۇ يەردە نۇھ پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدە توپان ئېقىتىپ كەتكەن رەزىل ئادەملەر كۆرستىلگەن بولۇشى مۇمكىن.
■22:17 ئايۇپ 21:14
□22:18 «ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئېسىل نەرسىلەر بىلەن تولدۇرغان دەل ئۇنىڭ ئۆزىدۇر» ــ ئېلىفاز مۇشۇ يەردە ئايۇپنىڭ «يامانلار بەزىدە بېيىپ ئاۋاتلىشىدۇ» دېگەن پىكرىنىڭ توغرىلىقىنى ئازراق قوبۇل قىلغاندەك قىلغىنى بىلەن يەنىلا: «يامانلار تېز بەربات بولىدۇ» دەيدۇ.
■22:18 ئايۇپ 21:16
■22:19 زەب. 107:42
□22:22 « خۇدانىڭ ئاغزىدىن كەلگەن نەسىھەتنىمۇ قوبۇل قىل،...» ــ ئېلىفاز ئۆزىنىڭ بايا دېگەن گەپلىرىنى «خۇدانىڭ ئاغزىدىن كەلگەن نەسىھەت» دەپ قارىسا كېرەك.
■22:23 ئايۇپ 8:5، 6
□22:24 «ئەگەر سەن ... ئوفىردىكى ئالتۇنۇڭنى شىددەتلىك ئېقىننىڭ تاشلىرىغا قوشۇۋەتسەڭ» ــ ئېلىفاز بەلكىم ئايۇپنى ئالتۇنلارغا ئىنتايىن ئاچ كۆز ئادەم دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ نۇرغۇن ئادەملەرگە پايدا يەتكۈزەلەيدىغىنى بىلەن، ئايۇپ ئاچ كۆز ئادەم بولمىغاچقا، ئۇنىڭغا ھېچ ياردەم بەرمەيدۇ. بۇ ئايەتتە دېيىلگەن «ئوفىردىكى ئالتۇن» ناھايىتى ئېسىل بىر خىل ئالتۇننى كۆرسىتىدۇ.
■22:29 پەند. 29:23
□22:30 «ئۇ ھەتتا گۇناھى بار ئادەمنىمۇ قۇتقۇزىدۇ، ئۇ قولۇڭدىكى ھالاللىقتىن قۇتقۇزۇلىدۇ» ــ قىزىق ئىش شۇكى، ئېلىفازنىڭ ئۆزى ئاخىردا ئايۇپنىڭ دۇئاسى ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ (42-باب).